![]() |
ئۈرۈمچىدە 81 قانۇنسىز تەربىيەلەش مەركىزى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى جىڭ بو خەۋىرى : ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 2011 – يىلى 30 – دېكابىر 2011 – يىلى تەكشۈرۈپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 81 قانۇنسىز تەربىيەلەش مەركىزىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2003 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەربىيەلەش ئاپپاراتىدىن 60 نەچچىسىلا بار بولۇپ، قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا 420 دىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىمۇ خېلى كۆپىيىپ قالغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پۇقراۋى ئوقۇش تارىخى بولمىغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جۈن مۇنداق دېدى: ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تاللىغاندا، مەزكۇر ئاپپاراتنىڭ مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى، قانۇنىي ۋەكىلنىڭ گۇۋاھنامىسى، ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى، باج تىزىملاش ئىجازەتنامىسى ۋە ئاپپارات كود نومۇرى قاتارلىق گۇۋاھنامىلىرىنى تەكشۈرۈشى، تاللىغان تەربىيەلەش ئاپپاراتىدىن نورمال تالون تەلەپ قىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى، مەسىلە كۆرۈلگەندە قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى يوللۇق قوغدىغىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پۇقراۋى ئوقۇش تارىخى بولمىغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئامما پاش قىلغان دېلولارنى چوقۇم تەكشۈرىدۇ، پاش قىلىش تېلېفونى: 8810304
|