![]() |
ئالما iPhone4S بۈگۈندىن باشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇقتا رەسمىي سېتىلىدۇ ![]() كىشىلەر شىدەن دايۆچېڭدىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى پارچە سېتىش دۇكىنى ئالدىدا تۈنۈگۈن كەچ ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ تىزىلىپ بولدى. ئالما مەستانىلىرى ئۇزاقتىن تەشنا بولۇۋاتقان iPhone4S بۈگۈن جۇڭگو بازارلىرىدا رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى. ئالما تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 7:00دىن باشلاپ سەنلىتۈندىكى پارچە سېتىش دۇكىنى ۋە شىدەندىكى دايۆچېڭ پارچە سېتىش دۇكىنىدا سېتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ توختاملىق iPhone4S لىرىمۇ بۈگۈن سائەت 0:00دىن باشلاپ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدە سېتىلىشقا باشلاپتۇ. ئالما ھۆكۈمەت تەرەپ قويغان باھا بويىچە، ھېچقانداق سۆزلىشىش ھەققى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى باغلانمىغان ئالما iPhone4S تېلېفونلىرىنىڭ 16GB، 32GB، GB64لىقلىرىنىڭ پارچە باھاسى ئايرىم-ئايرىم 4988 يۈەن، 5888 يۈەن، 6788 يۈەن بولىدىكەن. ھەممە نۇسخىدىكىسىنىڭ ئېقى ۋە قارىسى بار ئىكەن. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|