![]() |
دۇنيا سودا تەشكىلاتى ![]() دۇنيا سودا تەشكىلاتى− 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان، باش ئورگىنى جەنۋەدە. ئۇنىڭ باش مەقسىتى-ئىقتىساد ۋە سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمەلىي كىرىم ۋە ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسەن، دۇنيا بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، مال ۋە مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش؛ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش، باجنى كەڭ دائىرىدە ئازايتىش، تاموژنا بېجى ۋە باشقا سودا قورغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە خەلقئارا سودىدىكى كەمسىتىشنى تۈگىتىش.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى باش ئىش بېجىرگۈچىسى پاسكال رامىي.
دۇنيا سودا تەشكىلاتى رەسمىي خەلقئارا سودا تەشكىلاتى سۈپىتىدە قانۇندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۈرىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپە دائىرىسى-تاموژنا سودا كېلىشىمىدىكى ئەسىلدىكى تەشكىلات يولغا قويغان كۆپ تەرەپلىك سودا كېلىشىمى شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىك سودا سۆھبەت مەيدانى ۋە مۇنبەر بولغاندىن سىرىت يەنە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سودا سىياسىتىنى قەرەللىك قاراپ چىقىش ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشلىرىنى بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەسئۇل بولۇش، بۇ ئارقىلىق يەر شارى ئىقتىسادى سىياسىتىنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېلىشىم دائىرىسى يېزا ئىگىلىكىدىن تارتىپ توقۇلما بويۇملار ۋە كىيىم -كېچەككىچە، مۇلازىمەتچىلىكتىن ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشقىچە، ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي نىزامىدىن بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئالى تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى− مىنىستىرلار كېڭىشى، ئاز دېگەندە ئىككى يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. ئۇنىڭ قارمىقىدا باش كېڭەش ۋە كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك يىغىنى ۋە خىزمىتىگە مەسئۇل. باش كېڭەشتە يەنە مال سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ كېڭەش، سودا ۋە تەرەققىيات، خام چوتتىن ئىبارەت ئىككى كومىتېت تەسىس قىلىنغان. باش كېڭەش قارمىقىدا يەنە سودا سىياسىتىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان، ئۇ ھەر قايسى كومىتېتلارنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە دۆلەت سىياسىتىنى باھالاش دوكلاتىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياپونىيە، كانادا ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم سىياسەت باھالاش دوكلاتى تۈزىدۇ. تەرەققىي قىلغان 16 دۆلەت تۆت يىلدا بىر قېتىم، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەر ئالتە يىلدا بىر قېتىم دوكلات تۈزىدۇ. ئەرزىيەت سوتى- ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلارغا كېسىم چىقىرىشقا مەسئۇل.
خەلقئارا سودا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئاپپارات بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى 1947-يىلى قۇرۇلغان تاموژنا ۋە سودا ئومۇمىي كېلىشىمى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. تاموژنا ۋە سودا باش كېلىشىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى مال سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى شۇنداقلا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى سودىسىنى قاپلىغان، تاموژنا ۋە سودا باش كېلىشىمى تاۋار مال سودىسىغىلا ماس كېلەتتى.
جۇڭگو− تاموژنا ۋە سودا باش كېلىشىمىنى بەرپا قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى جۇڭگو باش كېلىشىم تەركىبىدىكى خەلقئارا توقۇلما مەھسۇلاتلىرى سودا كېلىشىمىگە رەسمىي ئەزا دۆلەت بولدى. 1993-يىلى 2-،5-،9-ئايدىكى جۇڭگو مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا تۈزۈلمىسىنى داۋاملىق قاراپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ كېلىشىمنامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رامكىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى ھەمدە دۇنيا سودا تەشكىلاتى 1995-يىلى قۇرۇلغان چاغدا جۇڭگونىڭ تاموژنا سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تاماملانمىدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈچۈن، تاشقى ئىقتىساد سودا مىنستىرلىقىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى لوڭ يۇڭتۇ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 1997-يىلى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى جۇڭگو گۇرۇپپىسىنىڭ تۆت قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە يىغىننىڭ ئالدى كەينىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا 30دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئىككى تەرەپلىك بازار ئىجازىتى كېڭىشى ئۆتكۈزۈپ، بەلگىلىك ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى. 2001-يىلى جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولدى. تەھىرلىگۇچى:admin
|