![]() |
‹‹ باشقۇرغۇچى ›› غا ئوچۇق خەت ھۆرمەتلىك ‹‹ باشقۇرغۇچى ›› خادىم مەن بۇ تور بېتىگە تىزىملاتقاندىن كېيىن ، مىللىي مائارىپتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق مەسلىھەتلىشىدىغان ياخشى سەھىپە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، يەنە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق تەجرىبىلىرىمنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغان يا خشى سە ھىپە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، خەلقىمىزنىڭ مائارىپى ئۈچۈن مۇشۇنداق ياخشى سەھىپە يارىتىپ بەرگەن خادىملارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . ئەجرىڭلارنى ئاللا بېرەر ! ئەمدى مەن سىزدىن سورايدىغان بىر نەچچە مەسىلەم بار : 1. مەن ‹‹ ئەپەندىم ›› ئەمەس ‹‹ خانىم ›› ، مەن يە تىزىملاتقاندا خاتا تولدۇرۇپ قويغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىدىم ،لېكىن ئارخىپىمغا قارىسام تۇغۇلغان كۈنلىرىممۇ خالىغانچە بولۇپ قاپتۇ ، ‹‹ ئىخلاس ئەپەندىم ›› دىن يەنە بىرى بارمۇ يە ؟ 2. سىز ماڭا ئىلھام بېرىپ بەرگەن 20 تەڭگىڭىز ھىساباتىمغا كىرمەپتىغۇ ؟ 3. مەن يوللىمىغان نۇرغۇن ئەسەرلەر مېنىڭ نامىمدا يوللىنىپ قالىدۇ بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ ھۆرمەتلىك ‹‹ باشقۇرغۇچى ›› ئەپەندىم ئەگەر ئوشۇقچە سۇئاللارنى سوراپ قويغان بولسام كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز ،مەن پەقەت ئەجىر قىلماي ، نەپ ئېلىۋىتقان پارازىت قۇرۇتنىڭ بار - يوقلىقىنى بىلىپ باقماقچى ! باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىخلاس خانىم، سىزنىڭ ئۇزۇندىن بىرى بىزنى قوللاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. مەن ( بەشتاش) شارائىت مەسىلىسى تۇپەيلى ئادەتتە مۇقىم تورغا چىقىش شارائىتىم بولمىغاچقا تور بەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشى تور بىتىمىزنىڭ سادىق ۋە جان كۆيەر باشقۇرغۇچىلىرنىڭ ئەجىر قىلىشى ئارقىسىدا مانا مۇشۇنداق كىتىپ بارىدۇ. بۇگۇن مەن كومپىيۇتىرىمغان چاپلاشقان ئۆلگۇر ۋىرۇسنى تازلاپ بولالماي تاسلا قالدىم پۇتۇن كومپىيۇتىرىمدىكى ماتىرياللاردىن ئايرىلىپ قالغىلى، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قول تىلفۇننى كومپىيۇتىرغا چىتىپ تورغا چىقىپ، سىزنىڭ بۇ ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۇپ، مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، سۇئالىڭىزغا جاۋاپ قايتۇرۇۋاتىمەن. ئەمدى سىز سورىغان مەسىلىلەرگە تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بىرىشنى لايىق تاپتىم. 1) سۇئالىڭىزغا بىرىدىغان جاۋابىم: سىزنىڭ ئەزالىق نامىڭىزدىكى ماتىريالىڭىزنى تولدۇرغاندا جىنىس تۇرى تولدۇرۇلمىغان، يەنى كىلىپ ئەزالىق تەخەللۇسىغا پەقەت<< ئىخلاس>> دەپ يىزىپ قويۇلغان بولغاچقا، باشقۇرغۇچىمىز << ئىزدەن >> سىزنى ئەپەندى بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ قاپتۇ.يەنى سىزنىڭ تىزىملاتقان ماتىريالىڭىز تۆۋەندىكىچە: شۇڭلاشقا سىزنىڭ سىزنى ئەپەندى دەپ ئاتاپ قويغانلىقىمىزنى كەچۇرگەيسىز.ئەزالىق ماتىريالىڭىز تەھرىرلەندى، ۋاقىپ بولغايسىز. 2)سۇئالىڭىزغا بىرىدىغان جاۋابىم: باشقۇرغۇچىمىز << ئىزدەن >> سىزگە نومۇر قوشۇش مەشغۇلاتىنى قايتا - قايتا قىلغان بولسىمۇ ، لىكىن ساندان ۋە بوشلۇقنىڭ ماسلاشماسلىقى تۇپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشماي قالغان. ھازىر سىزگە 25 بەشتاش تەڭگىسى قوشۇپ بىرىلدى.ۋاقتىدا قىتىپ بىرىلمىدى، ئەپۇ قىلغايسىز. 3) سۇئالىڭىزغا بىرىدىغان جاۋابىم: ھازىرقى پۇتۇن ئەزالار ماتىريالىنى تەكشۇرىشىمىزگە قارىغاندا پۇتۇن تور بىكەتتە جەمئى 6781 نەپەر ئەزا بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە << ئىخلاس>> نامىنى قوللانغان پەقەت بىر سىز ئىكەنسىز، شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ سىزنىڭ مەخپى نومۇرىڭىزنى بىلىپ قىلىپ، سىزنىڭ نامىڭىزدا سىز مەن يوللىمىغان ئىدىم دىگەن تىمىلارنى يوللاش ۋە نومۇردىن پايدىلىنىپ ماتىريالغا ئىرىشىش ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى، شۇڭلاشقا سىزنىڭ مەخپى نومۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىلىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن. ئاخىرىدا سىزنىڭ بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىمىزنى يىقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىيتىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق تۇردە قوللاپ بىرىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمىز.ھەمدە قانداق مەسىلە بولسا بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ، مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىپ، ئۇيغۇر مائارىپ تورچىلىقى ئۇچۇن ئورتاق كۇچ چىقىرىشتا تىرىشچانلىقنى بىرگە كۆرسىتىشكە قاتنىشىشڭىزنى سورايمىز. باشقا دوسلارنىڭمۇ مۇشۇنداق مەسىللەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويىشنى سورايمىز. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|