پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتۇشىغا سەل قارىماسلىق كېرەك

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-22 12:43 مەنبەسى: ئاپتورى: ئىخلاس خانىم كۆرۈلۈشى: قېتىم
كونىلاردا« ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن،يىلنىڭ بېشى باھاردىن » دەيدىغان بىر تەمسىل بار. بۇ ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان سۆز، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇ
تەلەي +1

 

تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتۇشىغا سەل قارىماسلىق كېرەك
 
كونىلاردا« ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن،يىلنىڭ بېشى باھاردىن » دەيدىغان بىر تەمسىل بار.بۇ ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان سۆز،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشى يۇقۇرلاپ ئوقۇشنىڭ ئاساسى، تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتۇشى بارلىق ئوقۇتۇشلارنىڭ ئۇلى ،«ئۇل قۇرۇلۇش»ياخشى سېلىنمىسا،بەرپا قىلماقچى بولغان بىنانىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا «سەھەر»دىكى ئىشىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنىڭ ئاساسىي ھالقىسى تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتۇشىدۇر .
مەكتەپ قوينىغا تۇنجى قەدىمىنى باسقان قەغەزدەك ئاق، غۇبارسىز قەلىبلەرگە قانداق نەقىشلەرنى چېكىش ۋە تۇنجى قەدىمىنى قانداق باستۇرۇش مائارىپ خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل ھەم تۈگۈن، شۇنداقلا تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتۇشىدىكى ئاساسى ۋەزىپە. قانداق قىلغاندا بۇ ئۆتكەلنى غەلبىلىك تاماملىغىلى بولىدۇ؟
1. ھەرپ تونۇتۇپ، ساۋات چىقىرىش ئوقۇتۇشىغا نىسبەتەن رەھبەرلىكنىڭ تونۇشى ئېنىق بولۇشى كېرەك.
1)   ساپا مائارىپى يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش،سۆزلەش،ئوقۇش،يېزىشتىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي ماھارىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىنىۋاتىدۇ. ساۋات چىقىرىش بولسا، بۇخىل ماھارەتلەرنىڭ ئاساسىي،شۇنداق بولسىمۇ كۆپ ساندىكى ھەرپ تونۇتۇپ، ساۋاد چىقىرىشنى ئاددىي ھېسابلايدۇ.« پەقەت 32 ھەرپنى تونۇتۇپ كىتابنى ھەجىلەپ ئوقىيالايدىغان قىلسىلا بولىدۇ، ئۇنى ساۋادى بار بولغان ھەرقانداق ئادەم قىلالايدۇ» دەپ قارايدۇ. ھەتتا بەزى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرى كەمچىل ياكى يېڭىدىن ئىشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى، ھەتتا ئىقتىدارى ئاجىز ئوقۇتقۇچىلارنى موشۇ تەييارلىق سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەرپلەرنى تونۇپ ساۋادى چىقىدۇ، بىراق ھەرپلەرنىڭ كۆرۈنۈش شەكلى ئوخشىغىنى بىلەن يېزىلىش قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇلۇش ئوسۇللىرىمۇ خاتا ھالدا يەتكۈزىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇخىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا قىلچىلىك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ- دە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، كۈزىتىش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايلا قالماستىن، ئوقۇشقا قىزىقماسلىق، زېرىكىشتىن ئىبارەت ناچار كەيپىياتلار شەكىللىنىپ « سەھەر» دىكى ئىشىمىزنىڭ دەسلىپىدىلا «خاتالىق» كۆرۈنىشكە باشلايدۇ.                                 تەييارلىق سىىنىپ ئوقۇتۇشى ـــ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ مەرىپەت بېغى بوسۇغىسىدىن يېڭىدىن ئاتلاپ كىرىپ، تەشنا دىللىرىنى قاندۇرۇشقا باشلىغان دەسلەپكى باسقۇچى. بۇ مەزگىللىرىدىكى ئوقۇتۇش ئاساسىي ياخشى بولسا، كېيىنكى ئوقۇشلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. بالىلارنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن بارلىق كۈچنى ئىشنىڭ «بىسمىللا» سىدىن باشلاپ ئورنىغا چۈشۈرۈش كېرەك.
2)   بۇ يىللىقلارغا كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى چوقۇم مۇقىم قىلىش كېرەك. بەزى يېزا-كەنتلەردىكى مەكتەپلەردە تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتىشىدا يا ئۇنداق، يا مۇنداق سەۋەپلەر بىلەن شۇ سىنىپقا دەرسكە كىرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئالمىشىپ ئۈچ-تۆت نەپەرگە يېتىدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى « دورامچى » بولغاچقا ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ « ئەبجەش» كۆپ خىل مىجەز بالىلاردىن بولۇپ  يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇڭا مەكتەپ مۇدىرلىرى تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ.
2. ھەرپ تونۇتۇپ، ساۋاد چىقىرىش باسقۇچىمۇ سىياسىي ساپا، كەسپىي ساپا ۋە ماھارەت ساپاسى يوقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارغا مۇھتاج.
1› ئوقۇتقۇچىلارنى ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە ئەتراپلىق تەربىيىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتى، گۈزەل ئەخلاقى، مول بىلىمى، جۈملىدىن يۈكسەك مەسئولىيەتچانلىق، كەسىپچانلىق روھى، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن قايىل قىلىپ، بەدەن پىسخىكا، ماھارەت، بىلىم، پەزىلەت، مىجەز-خۇلق قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيىلىشى لازىم. كىچىك بالىلار سەزگۈر كېلىدۇ. ئۇلار دەرس باشلىنىپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئوقۇتقۇچىنىڭ سىياسي-ئىدىيىۋى ئېڭى يوقۇرى بولۇشى، ئەدەبىي تىلدا مەدەنىي سۆزلىشى، دەرسخانىدا تۈكىرىدىغان، بۇرۇن تارتىدىغان، ئۇ يەر - بۇيەرلىرىنى تاتىلايدىغان، غەلىتە كىيىنىدىغان ئادەتلەردىن قەتئىي ساقلىنىشى، چاچ - ساقاللىرىنى ئالدۇرۇپ رەتلىك كىيىنىشى، مەقسەتسىز قىلىنىدىغان قول-پۇت ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشى لازىم ھەم ئوقۇتۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاقىي تەربىيىنى كۈچەيتىش، ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ ئەمىلىشىش جەريانىغا زىچ سىڭدۇرۇش لازىم.
 2› دەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇشى كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي ۋە تەپەككۇر قابىلىيىتى ۋە ئەستە ساقلىشى تۆۋەن، ئىختىيارى دىققىتى يېتىلمىگەچكە، سۆزلىگەننى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ. شۇڭا دەرسكە باشلاپ كىرىش جانلىق ، قىزىقارلىق بولۇپ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم. دەرسنىڭ خاراكتىرى ۋە مەزمونىغا مۇناسىۋەتلىك چۆچەك، لەتىپە ، تېپىشماق، ئەپسانە-رىۋايەت سۆزلەش، سوئال-جاۋاپ ئارقىلىق، رەسىم كۈزەتكۈزۈش ۋە يېڭى بىلىم ئۇچۇرلىرىنى ئاساسىي مەزمونىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دەرسكە باشلاپ كىرىش كېرەك. مەسىلەن: «ئۆ» ھەرپىنى ئۆتمەكچى بولساق،«ئىككى ئۆچكە» دېگەن مەسەلنى سۆزلەپ بەرسەك ھەم ئاخىرىدا ئۆچكىلەر نەدە ئۇچىرىشىپ قالدى؟ ئاخىرى قانداق ئاقىۋەتكە ئۇچۇردى؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاپ بەرگۈزۈش ئارقىلىق ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. يەنە « بىر چىدەك بويى، پارقىراق ئۆيى، ئۈچ-تۆت كۈن ئىسسىق، تۇرىدۇ سۈيى»،« قولغا ئېلىپ قارىساق، شۇئان ئىككى بولىسەن، بولسا قانداق ئەيىبىڭ، شۇندىن ئېنىق كۆرىسەن» دېگەندەك تېپىشماقلار ئارقىلىق تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ھەم تەبىئەت ، جەمئىيەت ھادىسىلىرى بىلەن بولغان تونۇشنى ئاشۇرغىلى ۋە يېڭى دەرسكە قىزىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ئالاقىدار بىلىملەرگە ئىگە بولۇشى ھەم ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى بىلىملەرنى ئىگەللەپ تۇرۇشى كېرەك.
3› ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە قۇرالى كۆپ خىل بولۇش، ھەرگىزمۇ چايناپ بېرىدىغان «كۆيۈمچان ئانا » بولماسلىق كېرەك. دەرسلىك مەزمونى قارىماققا ھەممىسىنى ئوخشاش بىر قېلىپتا ئۆتىۋەرسەك بولىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچى ئۇنى قېلىپقىلا سېلىۋالماي، تۈرلۈك يېڭى - يېڭى ئۇسۇللارنى ئىزدىنىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.  دەرسخانا كەيپىياتى ئازادە،  ئىللىق، جانلىق بولسا ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە، خوشال،  ھاياتىي كۈچكە تولغاندەك ھېس قىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي يىتەكچىسى، ئوقۇتقۇچىنىڭ قايناق ھېسسىياتى سەمىمىي ئۆگىتىش پوزىتسىيەسى، قىزغىن ئىلھاملاندۇرۇشى،  ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان گۈزەل سۆز-ھەرىكەتلىرى، دەل ۋاقتىدا، مۇۋاپىق پەيتتە قوللانغان رىغبەتلەندۈرۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزىنى، قۇلىقىنى، قولىنى، مېڭىسىنى ئىشقا سېلىشقا، ئوقۇش، كۈزۈتۈش، مەشغۇلات قىلىش، تەھلىل قىلىش، سېلىشتۇرۇش، ئوموملاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىگەللەپ، بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلنىپ يېڭى بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قانونىيەت ئىگەللەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشكە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتقۇچىلىرى يوقۇرى بولغان كەسپىي ساپاغا ئىگە بولىشى كېرەك.
4› ئىملاسى توغرا، خېتى چىرايلىق ئوقۇتقۇچىلار دەرس بېرىشى كېرەك.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

ئىخلاس خانىمنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەنلەر ئوقۇتۇشى] تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتۇشىغا سەل قارىماسلىق كېرەك [ 2011-12-22 12:43:28 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ‹‹ باشقۇرغۇچى ›› غا ئوچۇق خەت [ 2011-12-22 12:22:02 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 5-يىللىق 1-مەۋسۈم ئۈلگىلىك ماقالىلار توپلىمى [ 2011-12-20 15:44:53 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 一年级(上册)品德与生活期末考核测试卷 [ 2011-12-14 10:30:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] بالا تەربىيلەشتىكى مۇھىم ئۆتكەل [ 2011-12-14 10:24:05 ]
[ئوماق قوزام] ئانا ۋە بالا [ 2011-12-05 15:40:56 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] يۇقۇرى ئۈنۈملۈك دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئ [ 2011-12-05 10:18:36 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] يېڭى دەرسلىك بويىچە دەرسخانا ئوقۇتۇشى [ 2011-12-05 10:09:45 ]
[ئوماق قوزام] روس مودىل بالىلار، بەك ئوماق [ 2011-11-22 13:53:26 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] Autorun.inf نى ئۆچۈرۈش [ 2011-11-22 13:49:10 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئىخلاس خانىم تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-11-02 20:11 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-01-07 11:01
تەۋسىيەلەر