كوناشەھەر ناھىيە مائارىپ سېستىمىسىنىڭ «ئۈچنى قوغداپ، ئىككىگە قارشى تۇرۇش» دەرسلىك لېكسىيەلىرى 疏附县教育系统《 三 维 两 反 》课 讲 议 كوناشەھەر ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلىمى 中共疏附县委组织部 كوناشەھەر ناھىيىلىك مائارىپ سىستېما پارتكومى 疏附县教育系统党委 2007 .4 يېڭىئۆستەڭ ئوتتۇرا مەكتەپ بايراق ئاسىتىدىكى سۆز لىكسىيەسىنىڭ مۇندەرىجىسى 1- لىكسىيە : جۇڭگۇ 2- لىكسىيە : شىنجاڭ 3- لىكسىيە : ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا 4- لىكسىيە :«ئۇچنى قوغداپ، ئىككىگە قارشى تۈرۈش» تەربىيەسى توغرىسىدا 5- لىكسىيە : مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايلى 6- لىكسىيە : مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى بىرلىكتە ياراتقان 7- لىكسىيە : شىنجاڭ غەربى خەن سۇلاسى دەۋرىدىن تارتىپلا رەسمىي تۈردە ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان 8- لىكسىيە : ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 9- لىكسىيە : مىللەتلەر ، دىن سىياسىتى ۋە شىنجاڭ تارىخى توغرىسىدىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلە 10- لىكسىيە : ماركىسىزىملىق ۋەتەن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزايلى 11- لىكسىيە: جوڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىگە قارشى تۇرۇش زۆرۈر 12- لىكسىيە : ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى 13- لىكسىيە : مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش پۇقرالارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى 14- لىكسىيە : قانۇنسىز دنىي ھەركەتلەرنىڭ 23 تۈرلۈك ئىپادىسى 15- لىكسىيە : مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈدىغان ئاساسى خەۋىپ 16 - لىكسىيە : مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەت مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى 17- لىكسىيە : مىللىي تىرىتوىيىلىك ئاپتونۇمىيە سىياسىتى مەملىكىتىمىزنىڭ مىللىي مەسىلنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ سىياسەت 18- لىكسىيە : جوڭگۇدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى پۈتۈنلەي بىردەك 19- لىكسىيە : جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم يولى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشنىڭ مۇقەررەر يولى 20- لىكسىيە : ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرى ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن ئىجتىمائى مۇقۇملىقى – جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇشنىڭ مەزمۇنى 21 - لىكسىيە : « ئاتىزىم تەربىيەسى »توغرىسىدا بايان. 22- لىكسىيە : دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى. 23- لىكسىيە : ماركىسىزىملىق دۆلەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغدايلى. 24- لىكسىيە : نىمە ئۈچۈن پارتىيە ئەزالىرى كادىرلار ۋە ياش ئۆسمۇرلەر دىنغا ئىتىقات قىلىشقا بولمايدۇ. 25- لىكسىيە : ماركىسىزىملىق مىللەت قارشدا چىڭ تۇرايلى. 26 - لىكسىيە : ۋەتەننى سۆيۇش شەرەپ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش،ۋەتەن مەنپەئەتىگە زىيان سىلىش نۇمۇس. 27 - لىكسىيە :ماركىسىزىملىق دىن قارىشى توغرىسىدا. 28 - لىكسىيە : خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش شەرەپ،خەلقتىن ئايرىلىپ قېلىش نۇمۇس. 29 - لىكسىيە : ماركىسىزىملق تارىخ قارشىدا چىڭ تۇرۇپ ، شىنجاڭ ۋە تىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىرقىسىمى ئىكەنلىكىنى ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تونۇيلى. 30- لىكسىيە : ئىلىم-پەنگە ئەقىدە باغلاش شەرەپ، نادانلىق بىلىمسىزلىك نۇمۇس. 31- لىكسىيە : ماركىسىزىملىق مەدەنىيەت قارىشى توغرىسىدا . 32- لىكسىيە : تىرىشىپ ئىشلەش شەرەپ ،راھەتكە يۈگۈرۈپ جاپادىن قېچىش نۇمۇس. 33- لىكسىيە : ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارايارىدەم بىرىش شەرەپ،باشقىلارغازىيان يەتكۈزۈپ ئۆزى پايدا ئىلىش نۇمۇس. 34- لىكسىيە : ئىنساپلىق، ئىشەنچىلىك بولۇش شەرەپ، مەنپەئەتنى دەپ ۋىجدانىنى سېتىش نۇمۇس. 35- لىكسىيە : قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش شەرەپ،قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئىنتىزامسىزلىق قىلىش نۇمۇس. 36- لىكسىيە : بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك سۇئال – جاۋاپلار 1- لىكسىيە : جۇڭگۇ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىمالى يېرىم شاردا بولۇپ ، دۇنيادىكى قېتئە ۋە ئوكيانلارنىڭ جايلىشىش مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا ، ئۇ ئاسىيانىڭ شەرقى قسىمىغا ، تىنىچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان . ئىلىمىزنىڭ زىمىنى كەڭ بولۇپ ، قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى تەخمىنەن 9 مىلىيۇن 600 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ ، بۇ پۈتكۈل ياۋروپانىڭ يەر كۆلىمى بىلەن تەڭ دىگۈدەك كىلىدۇ . يەر كۆلىمى جەھەتتە روسىيە بىلەن كانادادىن قالسا ، دۇنيادا 3- ئورۇندا تۇرىدۇ . ئىلىمىزنىڭ چىگرىسى ئۇزۇن ، قۇرۇقلۇقتىكى چىگرا سىزىغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مىڭ كىلومىتىردىن ئاشىدۇ ، قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت بىلەن قوشنا . 2005- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ، ئىلىمىزنىڭ نوپۇسى 1 مىليارت 375 مىليۇن 600 مىڭ بولۇپ ( شىياڭگاڭ ، ئاۋمىن ، تەيۋەن نوپۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) . ئىلىمىز مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە 56 مىللەت ياشايدۇ . خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 1 مىليارت 159 مىليۇن 400 مىڭ بولۇپ ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ %91.59 نى ئىگىلەيدۇ . قالغان 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 106 مىليۇن 430 مىڭ بولۇپ ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ %8.41 نى ئىگىلەيدۇ . بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بايرىقى بولۇپ ، قىزىل بايراقنىڭ سول ئۈستىگە بەش بۇرجەكلىك بەش سېرىق يۇلتۇز زىننەتلەنگەن . قىزىل رەڭ دەل جۇڭگۇ خەلقىنىڭ « 4- ماي ھەركىتى » دىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئىنقىلاۋى كۆرىشىگە سىموۋول قىلىنغان . بەش يۇلتۇزنىڭ مۇناسىۋىتى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۇيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىموۋول قىلىنغان . دۆلەت گىرىبى يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ ، بەش يۇلتۇز ، تىيەنئەنمىن مەيدانى ، ئالتۇن باشاق ۋە چىشلىق چاق چۈشۈرۈلگەن . دۆلەت گىرىبىدىكى سۈرەتلەر جۇڭگۇ خەلقىنىڭ « 4- ماي ھەركىتى » دىن بۇيانقى يېڭى دىمكۇراتىك ئىنقىلابى كۆرەشنى ۋە ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىكىدىكى ئىشچى – دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان يېڭى جۇڭگۇنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىززەت – ئابرويىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىى بىلدۈرگەن . ئىلىمىزدە جەمئى 34 ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى ئورۇن بار بولۇپ ، 23 ئۆلكە ، 5 ئاپتۇنۇم رايۇن ، 4 بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە 2 ئالاھىدە مەمۇرى رايۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تۆت بىۋاستە قاراشلىق شەھەر : بېيجىڭ ( پايتەخىت ) ، شاڭخەي ، تيەنجىن ، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت . 23 ئۆلكە : خېبىي ،سەنشى ، لىياۋنىڭ ، جىلىن ، خېيلوڭجىياڭ ، جىياڭسۇ ، جېجىياڭ ، ئەنخۇي ، فۇجىيەن ، جىياڭشى ، شەندۇڭ ، خېنەن ، خۇبىي ، خۇنەن ، گۇاڭدۇڭ ، خەينەن، سېچۈەن ، گۇيجۇ ، يۈننەن ، شەنشى ، گەنسۇ ، چىڭخەي ، تەيۋەن ئۆلكىلىرىدىن ئىبارەت . بەش ئاپتۇنۇم رايۇن : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنى ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى ، نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى ، شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن ئىبارەت . ئىككى ئالاھىدە رايۇن : شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايۇنى ، ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرى رايۇنىدىن ئىبارەت . ۋەتىنىمىز جۇڭگۇ قەدىمكى تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ ، دۇنيا تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . دۆلىتىمىز تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ، ئالدىنقى چىن دەۋرى ( مىلادىدىن ئىلگىركى 221- يىلدىن بۇرۇن ) ، چىن ، خەن دەۋرى ( مىلادىدىن ئاۋالقى 221 – يىلدىن مىلادى 220 – يىلغىچە ) ، ئۈچ دۆلەت ، ئىككى جىن ، جەنۇبى ، شىمالى سۇلالىلار دەۋرى ( مىلادى 220 – يىلدىن 589 – يىلغىچە ) ، سۇي ، تاڭ ، بەش سۇلالە دەۋرى ( مىلادى 581- يىلدىن 960- يىلغىچە ) ، سوڭ ، لىياۋ ، جەنۇبى جىن سۇلالىسى دەۋرى ( مىلادى 947- يىلدىن 1279- يىلغىچە ) ، يۈەن سۇلالسى دەۋرى ( مىلادى 1271- يىلىدىن 1368- يىلغىچە ) ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرى ( مىلادى 1368- يىلىدىن 1644- يىلىغىچە )، چىڭ سۇلالىسى دەۋرى ( 1636- يىلىدىن 1911- يىلىغىچە ) ، جۇڭخۇا مىنگو دەۋرى ( 1912- يىلىدىن 1949-يىلغىچە ) قاتارلىق دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن . 1949 –يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى . سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنۋىرىسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك زورايدى . ئىسلاھات ئېلىپ بىرىش ، ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتە زور تارىخى بۆسۈشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى . خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆزلۈكسىز ئۆسۈپ ، ھاللىق سەۋىيىگە يەتتى . سوتسىيالىستىك دىمكۇراتىك سىياسەت قۇرۇلۇشى ھەم تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى . خەلقئاارا سەھنىدىكى نوپۇزى كۇنسىرى ئېشىپ باردى . ج ك پ 16- نۆۋەتلىك مەركىزى كومتېتى 6- ئومۇمى يىغىنىدا سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي سىتىراتىگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ، شەھەر ، يېزا ، رايۇنلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ ، خەلقنى ئومۇميۈزلۈك باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى ، ئىلىم – پەن ، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش، ئىكىولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ، يۇقۇرى سەۋىيىدىكى ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، پۈتۈن خەلق ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان ، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ۋەزىيەت بەرپا قىلىشتەك ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش نىشانى روھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ. ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق . بۇ لىكسىيىنى سۆزلەش نىشانى : ئۇلۇغ ۋەتىمىز جوڭگۇنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالىنى سۆزلەش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىمىزنىڭ زىمىنى كەڭ ، بايلىقى مول ، نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكى ھەققىدە دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇھاكىمە سۇئالى : ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جوڭگۇ قەيەرگە جايلاشقان ؟ قايسى دۆلەتلەر بىلەن چىگىرلىنىدۇ ؟ ئىلىمىزدە قانچە ئۆلكە ، قانچە ئاپتونۇم رايۇن ، قانچە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر بار ؟
2-لىكسىيە: شنجاڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى جۇڭگۇنىڭ غەربى شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان. يەر مەيدانى1 مىليۇن 600 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر بولۇپ ،پۇتۇن مەملىكەت ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ 6دىن بىر نى تەشكىل قىلىدۇ.جۇڭگۇدىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆلكە دەرجىلىك مەمۇرى رايۇن .شىنجاڭ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ،قۇرۇقلۇقتىكى چىگرىسى560 مىڭ كىلومىتىردىن ئارتۇق. روسسىيە،قازىقىستان،قىرغىزىسىتان تاجىكىستان،پاكىستان،موڭغۇلىيە ،ھىندىستان،ئاففانىستان قاتارلىق 8 دولەت بىلەن چىگىرلىنىدىغان بولۇپ تارىختىكى قەدىمقى يىپەك يولىدىكى موھىم قاتناش تۇگۇنى بولۇپ، ھازىر يەنە «ئاسىيا - ياۋرۇپا 2- چوڭ كوۋرۇكى»گە ئايلاندى.ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن موھىم . شىنجاڭ قەدىمدە غەربى يۇرت دەپ ئاتالغان بولۇپ ،قەدىمدىن بۇيان مەملىكىتىمىزنڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلدى.مىلادىن ئىلگىركى 60-يىلى غەربى خەن مەركىزى ھاكىمىيىتى غەربى يۇرت قۇرۇقچى مەھكىمىسى قۇرغاندىن كىيىن شىنجاڭ رەسمى يۇسۇندا جوڭگۇ زىمىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى.1884-يىلى چىڭ ھۆكۇمىتى شىنجاڭدا ئولكە قۇردى.1949-يىلى شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىپ 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمى ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى بولۇپ قۇرۇلدى. شىنجاڭدا ھازىر 14 ۋىلايەت ،ئوبلاست ،شەھەر ،88 ناھيە(شەھەر) بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە 33 چىگرا ناھيە(شەھەر) بار .شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بولسا شىنجاڭنىڭ موھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ 174 تۇۋەن مەيدان بار.2004-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭ نوپۇسى19 مىلىيۇن 631مىڭ 100 بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى %60.5نى ئىگەللەيدۇ.شىنجاڭدا 47 مىللەت بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە ئەزەلدىن ئولتۇراقلاشقىنى13.ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 8 مىلىيۇن 976 مىڭ 700دىن ئارتۇق بولۇپ ئومۇمى نوپۇسنىڭ %45.73نى ئىگەللەيدۇ.خەنزۇ نوپۇسى 7 مىلىيۇن 802مىڭ500 بولۇپ شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ %39.75نى ئىگەللەيدۇ.قازاق مىللىتىنىڭ نوپۇسى 1مىلىيۇن 381مىڭ 600 بولۇپ شىنجاڭ نوپۇسنىڭ %7.04 نى ئىگەللەيدۇ.خۇيزۇلارنىڭ نوپۇسى 876 مىڭ 300بولۇپ شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ %4.46نى ئىگەللەيدۇ.قىرغىزلارنىڭ نوپۇسى 171 مىڭ 200بولۇپ شىنجاڭ نوپۇسنىڭ %0.87نى ئىگەللەيدۇ.موڭغۇللارنىڭ نوپۇسى 169 مىڭ 600بولۇپ شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ% 0.86نى ئىگەللەيدۇ.تاجىكلارنىڭ نوپۇسى 43500، شىبەلەرنىڭ نوپۇسى 40800،مانجۇلارنىڭ نوپۇسى 24100،ئۆزبىكلەرنىڭ نوپۇسى 14200،روسلارنىڭ نوپۇسى 11306،داغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسى 6700،تاتار مىللىتىنڭ نوپۇسى 4700 بولۇپ باشقا ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 107900 نەپەر. شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى ئالاھىدىلكى بولسا تاغ تىزمىسى ۋە ئويمانلىق گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئويمانلىق ئىگىز تاغلار تەرپىدىن قورشىۋىلىنغان .شىمالىدا ئالتاي تىغى،جەنۇپتا كوئىنلىن تىغى بولۇپ تىيانشان تېغى شىنجاڭنى جەنۇپ ،شىمال دەپ 2كە بۆلىدۇ.جەنۇبى تارىم ئويمانلىقى ،شىمالى جۇڭغار ئويمانلىقى ،ئادەتتە تىيانشاننىڭ جەنۇبىنى جەنۇبى شىنجاڭ ،شىمالىنى شىمالى شىنجاڭ دەپ ئاتايمىز.تارىم ئويمانلىقى تىيانشان تىغى بىلەن كوئىنلىۇن تىغىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بولۇپ يەر مەيدانى 530000كۇۋادىرات كىلومىتىر بولۇپ جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.تەكلىماكان قۇملۇقى ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ،يەر مەيدانى 330000كۇۋادىرات كىلومىتىر بولۇپ ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇملۇق،دۇنيادىكى 2-دەرجىلىك كۆچمە قۇملۇق ھىساپلىنىدۇ.تارىم دەرياسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 2100 كىلومىتىر بولۇپ ،جۇڭگۇدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ھىساپلىنىدۇ.شىنجاڭنىڭ شەرقىدە تۇرپان ئويمانلىقى بولۇپ ئەڭ تۆۋەن ئورنى 154 كىلومىتىر بولۇپ جۇڭگۇدىكى دىڭىز يۇزىدىن ئەڭ توۋەن ئويمانلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.تاغ تىزمىللىرىدىكى قار- مۇزلار ئىرىپ نۇرغۇنلىغان دەريا ئېقىنلىرىنى شەكىللەندۇرگەن بولۇپ ،بوستانلىقلار ئويمانلىقنىڭ لىۋىگە ھەم دەريا ۋادىللىرىغا جايلاشقان .بوستانلىقلارنىڭ ئومۇمى مەيدانى پۇتۇن مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ %5نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ تىپىك يىشىللىق ئىكلوگىيە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شىنجاڭ ئەۋزەل بولغان سۇ،تۇپراق،قۇياش ،ئىسقلىق ،ئىنىرگىيە مەنبەسىگە ئىگە.كۇندۇزدىكى يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ تىمپۇراتۇرا پەرقى چوڭ،قىروسىز مەزگىل ئۇزۇن،يىللىق قوياش نۇرى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى شىزاڭدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇردىغان بولۇپ بۇ ئۆسۇملۇكلەرنىڭ ئوسۇشىگە ئىنتايىن پايدىلىق .شىنجاڭدىكى ئىكىن يەر كولىمى 60مىلىيۇن 380مىڭ مو بولۇپ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تىرىلغۇ يەر كولىمى 3.12 مو ،پۇتۇن مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تىرىلغۇ يەر كولىمىنىڭ 2.1 ھەسسىگە تەڭ.شىنجاڭ بولسا پۇتۇن مەملىكەتتىكى 5چوڭ چارۋىچىلىق بازىسنىڭ بىرى بولۇپ 3 تاغ ،2 ئويمانلىقنىڭ ئەتراپى سۇپەتلىىك چارۋىچىلىق مەيدانى ھىساپلىنىدۇ. ئوتلاق كولىمى 770 مىليۇن مو بولۇپ ئىچكى موڭغۇل ،شىزاڭدىن قالسا مەملىكەت بويىچە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ .شىنجاڭنىڭ سۇ ئىنىرگىيە مەنبەسى پۇتۇن مەملىكەتنىڭ %3نى ئىگەللەيدۇ 2004-يىلى شىنجاڭنىڭ يەر يۇزى ئىقىن مىقدارى 8مىليارت 820 مىليۇن كۇپ مىتىر بولۇپ كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان سۇ يۇزى ئىقىن مىقدارى 5146 كۇپ مىتىر بولۇپ پۇتۇن مەملىكەت ئوتتۇرچە قىممىتىنىڭ 2.25 ھەسسىگە تەڭ .يەر ئاستى سۇيىنىڭ قىزىلىش مىقدارى 25 مىليارت 100 مىليۇن كۇپ مىتىر بولۇپ قار مۇز بىلەن قاپلىنىش مىقدارى پۇتۇن مەملىكەت مىقدارىنىڭ %50 نى ئىگەللەيدۇ.چۇنكى شىنجاڭ ئاسىيا ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسىمىغا جايلاشقان بولغاچقا ،ھاۋا تىمپۇراتۇرسى قورغاق بولۇپ سۇ بايلىقى پەسىل ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرغاچقا تەخسىملىنىشى بىر قەدەر تەكشىسىز،يەر يۇزىنىڭ پارلىنىش مىقدارى يۇقرى بولغاچقا بەزى جايلاردا سۇ مىقدارى يىتىشمەيدۇ. شىنجاڭدا كان بايلىقى مول بولۇپ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق .نوۋەتتە بايقالغان كان بايلىقلىرى 138 خىل بولۇپ ئىچىدە 9 خىلىنىڭ ساقلىنىش مىقدارى پۇتۇن مەملىكەت بويىچە ئالدىنىقى ئورۇندا تۇرىدۇ .نېفىت،تەبئى گاز، كۆمۇر، ئالتۇن، مىس قاتارلىقلار كەم ئۇچرايدىغان مىتاللار ،تۇز تۇرىدىكى كان مەھسۇلاتلىرى ،قۇرۇلۇش غەيرى مىتاللىرى قاتارلىقلارنىڭ ساقلىنىش مىقدارى مول .شىنجاڭدىكى نېفىت زاپاس مىقدارى 20مىليارت 860 مىليۇن توننا بولۇپ پۇتۇن مەملىكەت قۇرۇقلۇق نىفىت زاپىسىنىڭ %30 نى ئىگەللەيدۇ.تەبئى گاز مىقدارى 10 مىليارت300مىليۇن كۇپ مىتىر بولۇپ پۇتۇن مەملىكەت قۇرۇقلۇق تەبئى گاز مىقدارىنىڭ %34نى ئىگەللەيدۇ.شىنجاڭدىكى نىفىت قېزىشنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق.شىنجاڭدىكى كۆمۇرلۇكلەرنىڭ ساقلىنىش مىقدارى 219مىليۇن توننا بولۇپ پۇتۇن مەملىكەتنىڭ %40 نى ئىگەللەيدۇ.سىرىق ئالتۇن،ياقۇت،قاشتىشىنىڭ تۇرلىرى كۆپ بولۇپ ،قەدىمدىن ھازىرغىچە دۇنياغا داڭلىق . شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول،‹‹جوڭگۇ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇمىيۇزلۇك تەكشۇرۇش ئولچىمى››دىكى بايلىق تەقسىملىنىشىگە ئاساسەن پۇتۇن مەملىكەتتىكى ساياھەت مەنبەسىدىكى 68 خىل ئاساسى تۇرنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا 56 خىلى بار.شۇڭلاشقا پۇتۇن مەملىكەتنىڭ تاجىسى ھىساپلىنىدۇ.شىنجاڭدىكى تەبئى مەنزىزە ئالاھىدە بولۇپ مۇزلۇق چوققىلار بىلەن ئوتلۇق ماكان تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.دىڭىز بىلەن بوستانلىقلار تۇتاشقان بولۇپ تەبئى موھىتى بىرلىشىشى ئۆزگىچە.مەشھۇر تەبئى ساياھەت رايۇنلىرىدىن بۇغدا كولى،قاناس كولى،باغراش كولى،سايرام كولى،بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىقلار بار. شىنجاڭدىكى ھايۋانلار ۋە زىرائەتلەرنىڭ تۇرى كوپ خىل بولۇپ ئېچىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تەرەققىيات ئىستىقبالى زور.شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار 4000خىلدىن ئارتۇق.دىھقانچىلىقتىكى يەرلىك تۇرلەر ۋە كىرگۇزۇلگەن تۇرلەر 10000خىلدىن ئارتۇق بولۇپ ئاز بولمىغان تۇرلىرى ئالاھىدە كوزگە كورۇنەرلىك.شىنجاڭدىكى يەرلىك ئۇچار قۇشلارنىڭ تۇرى كوپ بولۇپ ماسلىشىش ئىقتىدارى كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقرى.شىنجاڭدا مىۋىلىك دەرەخلەر كوپ بولۇپ ئىچىدە ئەلا سورتلىرى 300خىلدىن ئارتۇق .يەنە نۇرغۇن دورا ئوسۇملۇكلىرىمۇ بار بولۇپ دۇنياغا داڭلىق. بۇ لىكسىيىنى سۆزلەش نىشانى : شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئورنى ۋە يەش شەكلى ئالاھىيىدىلىكى چىگرىسى قاتارلىق مەرزمۇنلارنى سۆزلەش ئارقىلىق ، شىنجاڭ تارىختا قەدىمقى يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولۇپ قالماي بەلكى ئاسىيا ، ياۋرۇپادىكى 2- چوڭ كۆۋرۈككە ئايلانغان ، ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇھاكىمە سۇئالى : شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى قانداق ئالاھىيىدىلىككە ئىگە ؟ تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|