![]() |
ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ۋە يېڭى دەرس ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاتقاندىلا، ئۇلار مەكتەپ بەلگىلىگەن دەرسلەرنى بىر خىل سوۋغات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ. - ئېينىشتىيىن مەكتەپ مائارىپىنىڭ بالىلارغا بېرىدىغىنى ساۋات خارەكتېرلىك مەزمۇنلاردۇر. كىتابى بىلىملەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئادەم ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كېرەك بولىدىغان بىلىملەرنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا، مەكتەپ مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرىشى كېرەك. ئۆگىنىش ئىقتىدارى ئۈچۈن ئادەمدە بىلىم ئېلىش، ئىزدىنىشكە قارىتا كۈچلۈك ھەۋەس- ئىشتىياق بولىشى كېرەك. ئادەم پەقەت قىزىقىش ئارقىلىقلا، ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان بىلىمنى ئاكتىپ ئىزدەيدۇ. قىزىقىش- ئىشتىياقنى قورقۇش، قورۇنۇش ئىچىدە ئەمەس، خۇشھال- خۇرام كىشىلىك مۇھىت ئىچىدە يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئىلھاملاندۇرۇش مەنىسىگە باي بولغان ئوقۇتۇش مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ: 1) ئوقۇتۇش جەريانى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. تەرتىپلىشىشتىن خالىي بولدۇ. ئالدىن بەلگىلەنگەن ئۇششاق تەرتىپلەر رامكىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ؛ 2) ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى ئاساس، ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى قوشۇمچە قىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانىدا مەسىلىنى ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارسىنى ئىمكانقەدەر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تېپىپ چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەسىلە ھەل قىلىش جەريانىدىكى تەپەككۇر- ئويلىنىش جەريانىدىن، ئۆگىنىش نەتىجىسىدىن بەھرى ئالىدۇ. ئۇلار بىلىمگىمۇ ئېرىشىدۇ، قانداق ئۆگىنىشنىمۇ ئۆگىنىۋالىدۇ ھەمدە مۇناسىپ پوزىتسىيەسى شەكىللىنىدۇ. 3) ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك رولى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانلىنىشىغا، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار مۇنداق تۆت تەرەپتىن «قول» سالىدۇ. يەنى، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش جەريانىدا كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى لايىھەلىگەن ئۆگىنىش نىشانى لايىھەسىنى بېرىدۇ ھەمدە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالايدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، توغرا چۈشەنچە پەيدا قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنى زۆرۈر تەقدىرلەشلەرگە ئىگە قىلىدۇ. 4) ئوقۇتۇشنىڭ لايىھەلىنىشى ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەىشى قىيىن. شۇڭا، ئوقۇتۇشنى لايىھەلىگەندە، مەلۇم بوشۇلۇق قالدۇرۇپ قويۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش لايىھەسىدىن ھالقىپ كېتىشىگە روخسەت قىلىنىدۇ. مەسىلەن: بىر ئىككى ھەپتىلىك دەرسنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى كاپالەتكە ئىگە بولسا، مەلۇم بىر سائەتلىك لايىھەنى بالىلارنىڭ چۈشىنىشى يېتەرسىز بولسا ياكى قىزغىنلىقى يۇقىرى، مۇھاكىمىسى ئەتراپلىق بولسا دەرس ۋاقتىنى مۇۋاپىق سوزسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاپ- ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن، ئوقۇتۇش تاكتىكىسىنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتسە بولىدۇ. 5) ئەمەلىي مەشغۇلاتقا ۋە سۆھبەتكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇشتىكى ئىلھاملاندۇرۇش چۈشەنچىسى بىلەن نۆۋەتتە يولغا قويۇلىۋاتقان يېڭى دەرس ئوقۇتۇشىدىكى ئىلھاملاندۇرۇش چۈشەنچىسى پەرقلىنىدۇ: ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇشىمىز بويىچە، ئوقۇغۇچىلار ھەرگىزمۇ بايقىغۇچى بولالمايدۇ. ئەكسىچە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى نوقۇل ھالدا ئاڭلايدۇ ۋە ئەستە قالدۇرىدۇ. يېڭى دەرس ئوقۇتۇشىدا، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى نېمىگە ئىلھاملاندۇرۇشنى بىلىشى كېرەك. بۇنى تۆۋەندىكىلەردىن كۆرۈش مۈمكىن: 1) ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش قىلىشقا، مۇستەققىل ئۆگىنىش قىلىشقا، پائالىيەت ئىچىدە ئۆگىنىشكە، تەپەككۇر ئىچىدە ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؛ 2) ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى سىناپ بېقىشقا، خاتالىق ئىچىدىن ئۆگىنىشكە، مەغلۇبىيەتتىن تەجىربە ئىگەللەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلار خاتالاشقاندىن كېيىن دەرھال جازالانسا ياكى تەنقىد قىلىنسا، مەغلۇپ بولۇشتىن قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، تەۋەككۈلچىلىك روھى ئۆلىدۇ. ئادەم ئەگەر خاتالىق ئىچىدىن ئىلھامغا ۋە تەدبىرگە ئېرىشەلىسە، مۇۋەپپەقىيەت نىشانىنى ئاسانلا تۇرغۇزۇپ چىقالايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتۇش جەريانىدا بالىلارنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلىشىغا، قانداق خاتالاشقانلىقىنى بىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. 3) ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى ئىپادىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؛ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ خىلمۇ خىل قاراشلىرى پەيدا بولىدۇ. بۇ قاراشلار زىددىيەتلىك، بىربىرىگە قارىمۇ قارشى بولىدۇ. بۇ خىل قاراشلار ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىدىكى ئاكتىپلاشقان مەسىلە بولماسلىقىمۇ مۈمكىن. بىراق، بۇنداق خىياللارنىڭ بالىلارنىڭ تەپەككۈرى ۋە تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە زور رولى بار. ئوقۇغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئوخشىمايدىغان خىياللىرىنى قوللاش كېرەك؛ ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ئوخشىمايدىغان پىكىرلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلىشى، ئالدىراپ ھۆكۈم قىلماسلىقى، چىراي ئىپادىسىدىن ھەر قانداق ھۆكۈم ئالامەتلىرى بىلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ پىكىر قاراشلىرى بىلەن بالىلارنى چەكلەيدۇ. بالىلارنى تەنقىدلەپ، ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىغا زەربە بېرىدۇ. نەتىجىدە، بالىلار مۇئەللىم بىلەن ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىنى تەۋەككۈل قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، ئوقۇغۇچىنىڭ ئويلىغانلىرى، كۆزقاراشلىرى بىردەك بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. مۇستەققىللىقى، يېڭىلىقى، قېلىپسىزلىقى ئىنتايىن كەم بولدى. ئەمەلىيەتتە ، ئىجادىيەت روھىغا ئەڭ باي بولغان تالانتلىق ئوقۇغۇچى باشقىلار بىلەن ئوخشاش ئەھۋالنى كۆرسىمۇ ، بۈاشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنى ئويلاپ چىقىدۇ. پەقەت ئوقۇتقۇچىدا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان كەڭ قورساقلىق بولغاندىلا ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىجادىي تەوەككۈرىغا ئىلھام بېرەلەيدۇ. 4) يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، بالىلارنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى چارىسنى، يېڭى شەكىللىرىنى ئويلاپ بايقاشقا، دەرسخانىدا ئاكتىپ پىكىر قىلىشقا، تىرىشىپ ئىجاد قىلىشقا، تېخىمۇ ئىچكىرلەپ سېستىمىلاشتۇرۇشقا ئامال ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؛ تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلار بەكمۇ ئاددىيدەك بىلىنىدۇ. بىراق، تەتقىق قىلغانسېرى قىيىن بىلىنىدۇ. كىشىلەر بەزى ئىشلارنى بايقاش مۈمكىن ئەمەس، ئالاھىدە تالانتلىقلارلا سىرىنى يېشەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، چوڭقۇرلاپ ئويلىسا، سىرى- يىپ ئۇچى تېپىلىدۇ. پەقەت قىزىقىش، تەۋەككۈلچىلىك، جاسارەت بولغاندىلا، ئۆز تەپەككۈر رامكىسىدىن ھالقىپ يېڭى يول-ئۇسۇل تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى دادىل ئويلاشقا جۈرئەت قىلىشنى ياقتۇرۇشقا قوزغىتىپ ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك. 5) بارلىق ئوقۇغۇچىنى مۇنازىرە -تالاش تارتىش پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتنىشىشىغا، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالەتتە A، B تەرەپ بولۇپ مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزىنى B تەرەپ مەيدانىدا قويۇپ مۆلچەرلەپ بېقىشتىن ساقلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؛ 6) ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى-تەربىيىچىلەر ھاياجان بىلەن كۆپ سۆزلەشنى ئازايتىپ، مۇلاھىزىنى كۆپەيتىشى، ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بېرىپ، ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلەشكە ئىلھاملاندۇرىشى، ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ كۆپ سىناپ، ئوقۇغۇچىلارغا قىزىقىشلىق ھېس قىلدۇرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى تىل، يېزىق، رەسىم قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆز خىيال-تەسەۋۋۇرلىرىنى ئىپادىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمىگە قويۇپ، كۆپچىلىك ئىجادىي مىۋىلەردىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىش كېرەك. 7) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى غەلىتە قاراشلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلاردىكى غەلىتە ئىپادىلەرگە ۋە ئىجادىي ھەركەتلەرگە سەل قارىماسلىق كېرەك؛ ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەردە مۇستەققىل ھەركەت ئىپادىلىرى بولسا، مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش كېرەك؛ 8) پىرىنسپلاردىن جانلىق پايدىلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئىجادىي تەپەككۈر ئۈچۈن كەڭ ۋە چوڭقۇر بولغان بىلىم، تەجىربە ۋە ساغلام پەزىلەت ئاساسى كېرەك بولىدىغانلىقتىن، بالىلارنى كونا تەجىربە-تەسىراتقا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىقنى قېزىپ چىقىشقا، پىرىنسىپلاردىن جانلىق پايدىلىنىشىغا، ئوچۇق كۆڭۈل بولۇپ نىشاننى ئىگىلىشىگە، ئۇسۇلنى يېڭىلاپ، ئوخشاشلىق ئىچىدىن پەرىقنى ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مەكتەپلىرىمىزدە ھازىر مەكتەپنىڭ بىلىم بېرىش فونكىسىيىسى تەبىئىي يىگىلەپ كەتتىيۇ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئىجادچانلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش( يەنى ئاڭ جەھەتتىن ئوخشاشلاشۇرۇش فونكىسىيىسى) ئېتىبارلىق بوپكېتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قالدى. بۇ ھال تەربىيىچىلەرنى ئەپسۇسقا قويىدىغان، مائارىپىمىز جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم تەرەپتۇر. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|