پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئو

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-20 23:43 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېماتىكا ئىنتايىن تەس پەن، مەن ھەر قانچە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ ئۆگەتسەممۇ ئۇقۇغۇچىلار يەنىلا بىلمەيدۇ، ماتېماتىكىنىڭ تېگىگ

ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

 

تۇتىگۈل ئابلاجان

ھازىر مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي پەنلەردىكى، بولۇپمۇ ماتېماتىكا دەرسىدىكى نەتىجىسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇشتەك ئەھۋالى ئوقۇتۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ماتېماتىكىدىكى نەتىجىسى ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان ئەھۋاللار بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتتە تۈرلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقۇتۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ماتېماتىكا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى، مەكتەپلەر، بولۇپمۇ ھەر بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئەھۋاللارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مېنىڭچە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:

. 1 ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش، يەنى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشىغا، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى قوللىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

. 2 ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى «ماتېماتىكا ئىنتايىن تەس پەن، مەن ھەر قانچە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ ئۆگەتسەممۇ ئۇقۇغۇچىلار يەنىلا بىلمەيدۇ، ماتېماتىكىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ»، دېگەن خاتا قاراشنى تۈگىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدىكى بەزى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ماتېماتىكىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ماتېماتىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئويلىغاندەك تەس دەرس ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

. 3 دەرس سۆزلىگەندە، سوئال سورىغاندا، قىيىن، مۇھىم نۇقتىلارنى تەكرارلىغاندا، تاپشۇرۇق بەرگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش كېرەك.

. 4 ئۆزگەرگەن ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە ئوقۇتۇش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ دەرس مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا دەرسىگە قىزىقتۇرۇشى كېرەك.

. 5 ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن دەرسلىك ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، مۇلاھىزە قىلىشى، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، دەرسنى قايسى شەكىلدە، قايسى مەزمۇنلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلار ئاسان ئىگىلىيەلەيدۇ، دېگەننى ئالدىن ئويلىشىشى كېرەك.

. 6 دەرستىن سىرتقى ھەر خىل پائالىيەتلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقىشى بويىچە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە، پەن – تېخنىكا كۆرگەزمىسىگە تەشكىللىشى، زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشى، 2 – دەرسخانا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ تەلىپى بويىچە دەرسلىك كىتابتىكى «ماتېماتىكا پائالىيىتى»نى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغانلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئېلكىتابلار] بالدۇر ئويغانغان ئادەم [ 2011-12-01 15:52:03 ]
[ئېلكىتابلار] خوتەندىكى قەدىمكى ئىزلار [ 2011-12-01 15:46:43 ]
[ئېلكىتابلار] بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت (18-ئەسىر) ئەسلى نۇسخا [ 2011-12-01 15:41:55 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] مەن ياقتۇرغان ئېسل تور كۆرگۇ GreenBrowser [ 2011-12-01 15:09:54 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.0 رەسمىي نەشىرى [ 2011-12-01 14:51:34 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا پىنيىن تاپقۇ [ 2011-12-01 14:46:36 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] سۆز قوراشتۇرۇش ئويۇنى [ 2011-12-01 14:41:02 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 10-ئايلىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان نەتىجىسى [ 2011-11-23 17:04:36 ]
[تارىخى بىلىملەر] يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى [ 2011-11-20 17:59:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى [ 2011-11-20 17:57:30 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر