![]() |
فىزىكا دەرسىنى‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتۇش ئەندىزىسى دەپ قارىغانلىرىم
تۇرسۇنگۈل رۇستەم
ھازىر نۇرغۇن مەكتەپتە ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىگە قارىتا تونۇش ۋە چۈشەنچە چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتۇش ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، بۇ توغرىسىدا تولۇق پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبە ياكى سىستېمىلاشقان نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى يوق. تۆۋەندە مەن ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرسىنى ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتۇش ئەندىزىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى:
بىرىنچى، فىزىكا دەرسى مېخانىك ھەرىكەت، ئىسسىقلىق ھەرىكىتى، ئېلېكتر ماگنىتھەرىكىتى، ئاتوم، ئاتوم يادروسى ۋە زەررىچىلەر ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي شەكىللىرىنى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئالمىشىشلارنى مۇھاكىمە قىلىدىغان، ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە نەزەرىيەۋىلىكى كۈچلۈك، بىر قەدەر ئابىستراكت دەرس بولغاچقا، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرسلىكنى ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹قوش تىل›› ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشتە، خەنزۇچە تىل قابىلىيىتى ۋە كەسپىي ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇشى لازىم. شۇڭا، فىزىكا ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىسى ئالدى بىلەن فىزىكا ئاتالغۇلىرىنى، يەنى ئوبيېكتىپ جىسىملارنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇقتىكى ئورنى، ھالىتى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، سانلىق مۇناسىۋەت ۋە تەڭلىمىلەر، شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەشنى بىلىشى كېرەك.
ئىككىنىچى، فىزىكا دەرسىنى ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتۇشتا دەرسلىك مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا قوش تىلدا دەرس سۆزلەشنى تەدرىجىي يولغا قويۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى لازىم. فىزىكا دەرسىنى ‹‹قوش تىل››دا ئۆتكەندە، ئوقۇتقۇچى كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئالدىن ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلىدا چۈشەندۈرۈپ، تونۇشتۇرۇپ، كۆرسىتىپ ئوقۇشى، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولمىغان مەزمۇنلارنى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەپ، مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلارنى ئانا تىلدا مەركەزلىك ھالدا سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلار دەرس مەزمۇنىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن كەسپىي مەزمۇنغا ئۆتۈشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆپ قوللىنىدىغان بىلىملەرنى خەنزۇچە سۆزلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە فىزىكا ئوقۇشلۇقى، مەشىق – كۆنۈكمىلەر ۋە سوئاللار توپلىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى فىزىكا ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى كۆرەلەيدىغان ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسخانىدا سوئال سوراش ۋە جاۋاب بېرىش پۇرسىتىنى كۆپرەك يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن سوئاللارنى خەنزۇچە سورىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمكانقەدەر خەنزۇ تىلىدا جاۋاب بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، فىزىكا دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئىمكان بار دەرس مەزمۇنىنى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاڭلاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاپ چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللارغا خەنزۇچە جاۋاب بېرىشى، تاپشۇرۇق، سىناق ۋە ئىمتىھانلارنىمۇ خەنزۇ يېزىقتا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
(ئاپتور: تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
|