پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى قانداق يېتىلد

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-07 17:47 مەنبەسى: بەشتاش تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
يېڭىلىق يارىتىش مائارىپى كۆپلىگەن يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ئىگە يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى تەربىيىلەشنىڭ ئا
تەلەي +1

 

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى قانداق يېتىلدۈرۈلىدۇ؟

 

يېڭىلىق يارىتىش مائارىپى كۆپلىگەن يېڭىلىق يارىتىش روھى  ۋە  ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ئىگە يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى تەربىيىلەشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى قانداق يېتىلدۈرۈلىدۇ؟
  1. ئەنئەنىۋى كۆزقاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭىلىق يارىتىش كۆزقارىشىنى تىكلەش كېرەك.
  يېڭىلىق يارىتىش كۆزقارىشى بولغاندىلا، يېڭىلىق يارىتىش پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق  يارىتىش تەپەككۇرىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. پېداگوگىكا  بىلىملىرىدىن مەلۇمكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تەربىيىلەش خاسلىق بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بىز مائارىپنىڭ بەزى قائىدىلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئازاد قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئويلاشقا، سۆزلەشكە، قول سېلىپ ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار مەلۇم بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ياخشى ئىپادىلىسە، بىز شۇ تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىشىمىز لازىم. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى كېڭىيىدۇ، مۇكەممەللىشىدۇ، كەمچىلىكى ئارتۇقچىلىقى تەرىپىدىن تولۇقلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىش ئاساسىدىكى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش يولىغا يۈزلىنىدۇ.
  2. خاسلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ھازىرلاش كېرەك.
  يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش گەرچە مائارىپتىن ئايرىلمىسىمۇ، تەربىيىلەش مۇۋاپىق بولمىسا، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئەكسىچە بولىدۇ. خاسلىق ئەركىن تەرەققىي قىلىدىغان كەڭ - كۇشادە مۇھىتنى يارىتىش ۋە بەرپا قىلىش ئادەمنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى. خاسلىقنى،  ئىجادچانلىقىنى بېسىش ئىجادىي ئارزۇنى ۋە ئىجادچان ئادەملەرنى كۆمۈۋەتكەن بىلەن باراۋەر.
  3. نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ئاساس يارىتىش كېرەك.
  نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى تەڭشەپ، ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك بىلىمنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، مۇلاھىزە ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق مەزمۇنلارنى كۆپەيتىپ، دەرستىن سىرتقى يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەبىئەتكە، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە يېقىنلىشىشقا يېتەكلەپ، ۋاقىت ھەم شارائىت يارىتىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرغىلى، يەنە پەنلەرنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم دائىرىسى، چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، بەزى باغلىنىشى زىچ بولغان پەن مەزمۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىجادچانلىققا ئەمەلىي ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
  4. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىلغارلاشتۇرۇپ، ئىجادىي تەپەككۇرنى يېتىلدۈرۈش.
  يېڭىلىق يارىتىش مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ئورنىنى ھۆرمەت قىلىش، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىش، يېتەكلەش، ئوقۇغۇچى ئاكتىپ قاتنىشىدىغان ئۇسۇلنى تەلەپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مېڭە ئىشلىتىشكە، مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ئىزدەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئىزدىنىش، ئاكتىپ قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يېڭى مەسىلە، يېڭى بىلىمگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئىگىلەش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشى كېرەك.
  5. كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش كېرەك.
  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى ئازاد قىلىشىمىز، ئۇلارنى مۇستەقىل ئويلىيالايدىغان، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان، مۇستەقىل كۆرەلەيدىغان، مۇستەقىل ئاڭلىيالايدىغان، ئېغىزىنى ئازاد قىلىپ مۇستەقىل سۆزلىيەلەيدىغان قىلىشىمىز، مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدىغان قىلىشىمىز، ۋاقىتنى ئازاد قىلىپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلالايدىغان قىلىشىمىز، ئوقۇغۇچىلارغا بوشلۇق بېرىپ، ئەركىن تەرەققىي قىلالايدىغان قىلىشىمىز كېرەك. يەنە مەكتەپلەرنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ئوقۇغۇچىلارانىڭ خاسلىقى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئىدىيىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا پايدىلىق بولۇشى، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك:

 (1) دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلىپ، سۇبيېكتىپ تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش؛

 (2) مەخسۇس ئىجادچانلىقنى يېتىشتۈرىدىغان دەرس تەسىس قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئىجادىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش؛

 (3) مەكتەپنىڭ پەن - تېخنىكا، كۇرۇژۇك  گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، ئىجاد قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش؛

 (4) ئۇنىۋېرسال دەرس پائالىيىتى تەسىس قىلىپ، ئىجادىي تەپەككۇر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
  (5)ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ گېزىتىنى چىقىرىش، رادىئو ئۇزېلىنى  قۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىي پائالىيەت داۋامىدا قوللىنىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا سىناپ، ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەنلەر ئوقۇتۇشى] ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى قانداق يېتىلد [ 2012-01-07 17:47:24 ]
[قانۇن تۇزۇم] جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى [ 2012-01-07 17:43:01 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقنىڭ تېنى نىسبەتەن چوڭ بولسا ياخشى بولامدۇ؟ [ 2012-01-07 17:40:07 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېگىزلىكىنى ئالدىن بىلىش [ 2012-01-07 17:38:48 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئۈ [ 2012-01-07 17:37:08 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئانىنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە بالىنىڭ خاراكتېرى [ 2012-01-07 17:35:39 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاتا - ئانىنىڭ قان تىپىدىن بالىنىڭ قان تىپىنى بىلىش [ 2012-01-07 17:34:08 ]
[ئوماق قوزام] بۇلاردەك ئوماقلارنى كۆرگەنمۇ؟ [ 2012-01-05 17:14:22 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئېلىمىز پەن-تېخنىكا ساھەسىدە زور نەتىجىلەر قولغا ك [ 2012-01-05 17:03:13 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى [ 2012-01-05 17:00:18 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر