![]() |
جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى 12 – نومۇرلۇق ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى›› 2009 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى›› ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ 2009 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى (1986–يىل12–ئاينىڭ 2–كۈنى6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللاندى 2009–يىل 4–ئاينىڭ 24 –كۈنى11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى) مۇندەرىجە 1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ 2 – باب پوچتا ئەسلىھەسى 3 – باب پوچتا مۇلازىمىتى 4 – باب پوچتا ھەققى 5 – باب زىياننى تۆلەش 6 – تېز يەتكۈزۈش كەسپى 7 – نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش 8 – قانۇن جاۋابكارلىقى 9 – قوشۇمچە پرىنسىپ 1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 – ماددا بۇ قانۇن پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكىنى قوغداش، خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى ساقلاش، ئابۇنىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، پوچتىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 2 – ماددا دۆلەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. پوچتا كارخانىسى پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت مەجبۇرىيىتىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پوچتا كارخانىسىنىڭ ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى قوللىشى كېرەك. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى دۆلەت بەلگىلىگەن كەسىپ دائىرىسى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە ھەق ئۆلچىمى بويىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى بارلىق ئابۇنىچىغا سىجىل قىلىدىغان پوچتا مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ. 3 – ماددا پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنى خەۋەرلىشىش مەزمۇنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىگە ھەرقانداق باھانە – سەۋەب بىلەن چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يوللانما ۋە پېرېۋوت پۇلىنى تەكشۈرۈشىگە، تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ۋە پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەن پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ۋە پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى (تۆۋەندە پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى دېيىلىدۇ) پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئاشكارا، لىللا، ئادىل بولۇش، شۇنىڭدەك رىقابەتكە ئىلھام بېرىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش پرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى كېرەك. 5 – ماددا گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن دائىرىدىكى خەت – چەك يەتكۈزۈش كەسپىنى پوچتا كارخانىسى مەخسۇس قىلىدۇ. 6 – ماددا پوچتا كارخانىسى مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئابۇنىچىلارغا تېز، توغرا، بىخەتەر، قۇلايلىق مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. 7 – ماددا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە تاموژنا ئۆزئارا ماسلىشىپ، بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 2 – باب پوچتا ئەسلىھەسى 8 – ماددا پوچتا ئەسلىھەلىرىنى جايلاشتۇرۇش ۋە ياساشتا، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پوچتا ئەسلىھەلىرىنى جايلاشتۇرۇش ۋە ياساشنى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا ئەسلىھەلىرىنى ياساشقا مەدەت بېرىشى، يېزىلاردىكى چەت – ياقا جايلارنىڭ پوچتا ئەسلىھەلىرىنى ياساشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىشى كېرەك. شەھەر يېڭى رايونى، مۇستەقىل زاۋۇت، كان رايونى، تەرەققىيات رايونى، تۇرالغۇ رايونى قۇرۇش ياكى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان يانداش پوچتا ئەسلىھەلىرىنى تەڭ ياساش كېرەك. پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەسلىھەلەردىن تەركىب تاپقان پوچتا تورى دۆلەتنىڭ مۇھىم خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەسى ھېسابلىنىدۇ. 9 – ماددا پوچتا ئەسلىھەلىرىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە ئورنىتىش كېرەك. چوڭراق قاتناش، ۋوگزال، ئايرودروم، پورت، ئالىي مەكتەپ ۋە مېھمانخانىلاردا پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا تىجارەت سورۇنلىرىنى قۇرۇش كېرەك. پوچتا كارخانىسى پوچتا تىجارەت سورۇنىنى قۇرۇش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا، ئاۋۋال پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا تىجارەت سورۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەم ئېلان چىقىرىشى كېرەك. 10 – ماددا ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار يوللانما تاپشۇرۇۋېلىش سورۇنى قۇرۇشى كېرەك. يېزىلاردا كەنت پوچتا پونكىتى ياكى يوللانما قوبۇل قىلىدىغان باشقا سورۇنلارنى پەيدىنپەي قۇرۇش كېرەك. شەھەر، بازارلاردىكى ئاھالە بىنالىرىغا يوللانما قوبۇل قىلىدىغان خەت ساندۇقى ئورنىتىش ھەم دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە خەت ساندۇقى ئورناتمىغانلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە، پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى باشقا ئورۇنلارنى خەت ساندۇقى ئورنىتىپ بېرىشكە بېكىتىدۇ، خىراجىتىنى شۇ ئاھالە بىناسىنى سالدۇرغان ئورۇن چىقىرىدۇ. 11 – ماددا يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنلىرىنى لايىھىلەش ۋە قۇرۇشتا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە تاموژنىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش تەلىپىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. 12 – ماددا پوچتا تىجارەت سورۇنى ياكى يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنىنى ئېلىشتا، شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتدۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، پوچتا تىجارەت سورۇنى ياكى يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنىنى قايتا قۇرۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماي تۇرۇپ، ئېلىشقا بولمايدۇ. پوچتا تىجارەت سورۇنى ياكى يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنىنى قايتا قۇرۇشتىن بۇرۇن، پوچتا كارخانىسى تەدبىر قوللىنىپ، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 13 – ماددا پوچتا كارخانىسى ئۆزى قۇرغان پوچتا ئەسلىھەسىنى دائىم رېمونت قىلىپ، ئۇنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پوچتا ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىشىغا ياكى ئۇنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. 3 – باب پوچتا مۇلازىمىتى 14 – ماددا پوچتا كارخانىسى تۆۋەندىكى كەسىپلەرنى قىلىدۇ: (1) يوللانما يەتكۈزۈش؛ (2) پوچتا پېرېۋوتى، پوچتا پۇل ئامانىتى؛ (3) پوچتا ماركىسى تارقىتىش، شۇنىڭدەك پوچتا ماركىسى بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، سېتىش؛ (4) مەملىكەت ئىچىدە گېزىت – ژۇرنال، كىتاب قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش؛ (5) دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا كەسىپلەر. 15 – ماددا پوچتا كارخانىسى خەت – چەكنى، ئېغىرلىقى 5000 گرامدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان مەتبەئە بۇيۇمى، ئېغىرلىقى 10 مىڭ گرامدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان پوسۇلكىنى يەتكۈزۈش، شۇنىڭدەك پوچتا پېرېۋوتى قىلىش بويىچە پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك. پوچتا كارخانىسى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەخپىي خەۋەرلىشىش، دۆلەت بەلگىلىگەن گېزىت – ژۇرناللارنى تارقىتىش، شۇنىڭدەك مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ ئادەتتىكى خەت – چەكلىرى، ئەمالار ئوقۇشلۇقى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ نەرسىلىرىنى ھەقسىز يەتكۈزۈشتەك ئالاھىدە مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى بېجىرىدۇ. پوچتا كارخانىسى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن كەسىپنى توختىتىۋەتسە ياكى ئۇنىڭغا چەك قويسا بولمايدۇ؛ تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ياكى پەۋقۇلئاددە سەۋەب بىلەن دەمال توختاتقان ياكى چەك قويغانلىرى ھەققىدە پوچتا كارخانىسى ۋاقتىدا ئېلان چىقىرىشى، مۇناسىپ قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەم پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ؛ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى چىقىرىدۇ. 16 – ماددا دۆلەت پوچتا كارخانىسىنىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە مۇلازىمىتىگە ياردەم پۇل بېرىدۇ ھەم ياردەم مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ. 17 – ماددا دۆلەت پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى فوندى تەسىس قىلىدۇ. پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت فوندىنى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ. 18 – ماددا پوچتا كارخانىسىنىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت كەسپى بىلەن رىقابەت كەسپىنى ئايرىۋېتىش كېرەك. 19 – ماددا پوچتا كارخانىسىنىڭ شەھەردە ھەپتىلىك تىجارەت ۋاقتى ئالتە كۈندىن كەم بولماسلىقى، يوللانمىلارنى ھەر كۈنى ئاز بولغاندا بىر قېتىم يەتكۈزۈشى؛ يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جايدا ھەپتىلىك تىجارەت ۋاقتى بەش كۈندىن كەم بولماسلىقى، يوللانمىلارنى ھەپتىدە ئاز بولغاندا بەش قېتىم يەتكۈزۈشى كېرەك. پوچتا كارخانىسىنىڭ قاتناش قۇلايسىز چەت – ياقا جايلار ۋە يېزا – بازارلارنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھەپتىلىك تىجارەت ۋاقتى، شۇنىڭدەك يوللانمىلارنى يەتكۈزۈش قېتىم سانىنى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ئايرىم بەلگىلىسە بولىدۇ. 20 – ماددا پوچتا كارخانىسى يوللانمىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن يەتكۈزۈش ۋاقىت چېكى ۋە مۇلازىمەت قائىدىسى بويىچە يەتكۈزۈشى كېرەك. 21 – ماددا پوچتا كارخانىسى ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت تۈرى، تىجارەت ۋاقتى، ھەق ئۆلچىمى، يوللانما ۋە پېرېۋوت پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈشۋە زىياننى تۆلەش چارىسى، شۇنىڭدەك ئابۇنىچىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ھەققىدە ئەرز قىلىش چارىسىنى ئۆزىنىڭ تىجارەت سورۇنىدا ئېلان قىلىشى ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئېلان قىلىشى كېرەك. 22 – ماددا پوچتا كارخانىلىرى ئابۇنىچىلار بىلەن بولغان ھوقۇق – مەجبۇرىيىتىنى ئۆزىنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىدا بېكىتكەن بولسا، شۇ ئەندىزىلىك ماددىلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى››دىكى توختام ئەندىزىلىك ماددىلىرىغا دائىر بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 23 – ماددا ئابۇنىچىلار يوللانما ئەۋەتىشتە، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، ئادرېسى ۋە پوچتا نومۇرىنى ئېنىق، توغرا يېزىشى كېرەك. پوچتا كارخانىسى پوچتا تىجارەت سورۇنلىرىدا پوچتا نومۇرىنى ئابۇنىچىلارغا ھەقسىز تېپىپ بېرىشى كېرەك. پوچتا نومۇرىنى پوچتا كارخانىسى گوۋۇيۈەن پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەييارلاش قائىدىسى بويىچە تەييارلايدۇ. پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى پوچتا نومۇرىنىڭ تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىشىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ. 24 – ماددا پوچتا كارخانىسى يوللانما قوبۇل قىلىشتا، ئابۇنىچىلار يوللانما سېلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنغان ياكى يەتكۈزۈشكە چەك قويۇلغان بۇيۇملارغا دائىر بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. 25 – ماددا پوچتا كارخانىسى يوللانما قوبۇل قىلىشتا، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىشى ھەم ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئابۇنىچىلار سالغان خەت – چەكلەرنى پوچتا كارخانىسى زۆرۈر تېپىلغاندا ئابۇنىچىلارغا ئاچقۇزۇپ تەكشۈرسە بولىدۇ. لېكىن، خەت – چەكنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرسە بولمايدۇ. ئابۇنىچىلار ئېچىپ بەرمىسە، پوچتا كارخانىسى قوبۇل قىلمايدۇ. پوچتا كارخانىسى خەت – چەكتىن باشقا يوللانمىلارنى قوبۇل قىلغاندا، ئىچىدىكى نەرسىلەرنى شۇ مەيداندا تەكشۈرۈشى كېرەك. ئابۇنىچىلار تەكشۈرۈشنى رەت قىلسا، پوچتا كارخانىسى قوبۇل قىلمايدۇ. 26 – ماددا پوچتا كارخانىسى يوللانمىنىڭ ئىچىدە يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنغان ياكى يەتكۈزۈشكە چەك قويۇلغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى سەزسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. چېگرىدىن كىرىدىغان، چىقىدىغان يوللانمىنىڭ ئىچىدە دۆلەت چېگرىدىن كىرگۈزۈش – چىقىرىشنى مەنئى قىلغان ياكى چېگرىدىن كىرگۈزۈش – چىقىرىشقا چەك قويغان نەرسىلەر بولسا، ئۇنى تاموژنا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. 27 – ماددا پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا كارخانىسى توشۇتىدىغان يوللانمىلارنى تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق ترانسپورت كارخانىلىرى توشۇشنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇشى، قاتناش بېكىتى، ۋوگزال، پورت، ئايرودروملار قاچىلاش، چۈشۈرۈش سورۇنى ۋە كىرىش، چىقىش يولى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. 28 – ماددا پوچتا بەلگىسى بار ئاپتوموبىل، كېمە – پاراخوتلار پورتقا كىرگەن، پورتتىن چىققان، كېچىكتىن ئۆتكەندە ئاۋۋال يول بېرىش كېرەك. پوچتا بەلگىسى بار قاتناش ۋاسىتىلىرى يوللانما توشۇشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن يۈرۈش مەنئى قىلىنغان يول بۆلىكىدىن ئۆتۈشكە ياكى توختاش مەنئى قىلىنغان جايدا توختاشقا توغرا كەلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ ئۆتسە ياكى توختىسا بولىدۇ. پوچتا كارخانىسىنىڭ پوچتا بەلگىسى بار پويىز – ئاپتوموبىل، كېمە – پاراخوت بىلەن يوللانما يەتكۈزۈش تىجارىتىدىن باشقا تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. پوچتا بەلگىسى بار پويىز – ئاپتوموبىل، كېمە – پاراخوتلارنى ئىجارە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 29 – ماددا يوللانمىلار دېڭىز ئۈستى ئارقىلىق توشۇلغاندا، ئورتاق دېڭىز زىيىنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. 30 – ماددا تاموژنا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان خەلقئارا پوچتا تاغىرى، پوچتا كونتېينېرى ۋە خەلقئارا يوللانمىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. 31 – ماددا چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان يوللانمىلارنى چېگرا پرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتى قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىدۇ. 32 – ماددا پوچتا كارخانىسى يوللانما يەتكۈزۈشتە، ئادرېسى بويىچە يەتكۈزۈش، ئابۇنىچىلار ئېلىۋېلىش ئۇسۇلى ياكى ئابۇنىچىلار بىلەن كېلىشكەن باشقا ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، تۇرالغۇ رايونىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلار پوچتا كارخانىلىرىنىڭ يوللانما يەتكۈزۈشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئورۇن ۋە ئابۇنىچىلاردىن ئادرېسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى پوچتا كارخانىسىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 33 – ماددا پوچتا كارخانىسى يەتكۈزگىلى بولمايدىغان يوللانمىلارنى ئەۋەتكۈچىگە قايتۇرۇۋېتىشى كېرەك. يەتكۈزۈپ بەرگىلىمۇ، قايتۇرۇۋەتكىلىمۇ بولمايدىغان خەت – چەكلەردىن پوچتا كارخانىسى قايتۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايغىچە ئىگىسى چىقمىغانلىرىنى پوچتا كارخانىلىرى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نازارىتىدە كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. يەتكۈزۈپ بەرگىلىمۇ، قايتۇرۇۋەتكىلىمۇ بولمايدىغان باشقا يوللانمىلار گوۋۇيۈەن پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى چېگرىدىن كىرگەن يوللانمىلاردىن يەتكۈزۈپ بەرگىلىمۇ، قايتۇرۇۋەتكىلىمۇ بولمايدىغانلىرىنى تاموژنا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. 34 – ماددا پوچتىدىن سېلىنغان پۇلنى تاپشۇرۇۋالغۇچى پېرېۋوت ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپ، پوچتا كارخانىسىدىن ئېلىۋېلىشى كېرەك. تاپشۇرۇۋالغۇچى مۇھلەت ئۆتسىمۇ پۇلنى ئېلىۋالمىسا، پوچتا كارخانىسى پۇل سالغۇچىغا قايتۇرۇۋېتىدۇ. پېرىۋوت پۇلىنى ئېلىۋېلىش مۆھلىتى توشقان كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە پۇل سالغۇچىغا پۇلنى قايتۇرۇۋەتكىلى بولمىسا ياكى پۇل سالغۇچى پېرېۋوت پۇلنى قايتۇرۇۋېتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە پېرېۋوت پۇلنى ئالمىسا، پوچتا كارخانىسى ئۇنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇۋېتىدۇ. 35 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ يوللانمىسىنى ئۆز مەيلىچە ئېچىشىغا، تىقىۋېلىشىغا، تاشلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پوچتا كارخانىسى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىنىڭ ئابۇنىچىلارنىڭ پوچتا مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىش ئۇچۇرىنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسكە ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 36 – ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرسە، تۇتۇپ قالسا ھەم پوچتا كارخانىسىدىن مۇناسىۋەتلىك ئابۇنىچىلارنىڭ پوچتا مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىش ئۇچۇرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. پوچتا كارخانىسى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار ماسلىشىشى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك. 37 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردىكى بۇيۇملارنى ئەۋەتىشىگە يول قويۇلمايدۇ: (1) دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ياكى دۆلەتنى پارچىلايدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان؛ (2) دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان؛ (3) پىتنە – ئىغۋا تارقىتىپ ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بۇزىدىغان؛ (4) مىللىي ئۆچمەنلىككە، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛ (5) بىدئەتلىك ياكى خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىدىغان؛ (6) شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىدىغان ياكى جىنايەتكە كۈشكۈرتىدىغان؛ (7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار. 38 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخستە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ: (1) پوچتا تىجارەت سورۇنىنىڭ نورمال تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش؛ (2) پوچتا كارخانىسى كەسىپكارلىرىنىڭ يوللانما يەتكۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىش؛ (3) پوچتا بەلگىسى بار قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قانۇنسىز توسۇش، ئۇنىڭغا چىقىۋېلىش، ئېسىلىۋېلىش؛ (4) پوچتا كارخانىسىنىڭ نامىنى ياكى پوچتا بەلگىسىنى ئىشلىتىۋېلىش؛ (5) پوچتا بۇيۇملىرىنى ياسىۋېلىش ياكى ياسىۋېلىنغان پوچتا بۇيۇملىرىنى ھايىنىغا سېتىش. 4 – باب پوچتا ھەققى 39 – ماددا پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت كەسپىي ھەققى، پوچتا كارخانىسىنىڭ مەخسۇس كەسىپ ھەققى، مەخپىي خەۋەرلىشىش ھەققى، شۇنىڭدەك دۆلەت بەلگىلىگەن گېزىت – ژۇرناللارنى تارقىتىش ھەققى ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتمە باھاسى بويىچە بولىدۇ، ھەق ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ. پوچتا كارخانىسىنىڭ باشقا كەسپىي ھەققى بازار تەڭشىمە باھاسى بويىچە بولىدۇ، ھەق ئۆلچىمىنى پوچتا كارخانىلىرى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ. 40 – ماددا پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت كەسپىي ھەققى ئۆلچىمى ۋە پوچتا كارخانىسىنىڭ مەخسۇس كەسپىي ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە پوچتا كارخانىسى، ئابۇنىچىلار ۋە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىش كېرەك. پوچتا كارخانىسى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەلىپى بويىچە كەسىپ تەننەرخ سانلىق مەلۇماتى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توغرا، تولۇق بېرىشى كېرەك. 41 – ماددا يوللانما ھەققىنى تاپشۇرۇۋالغانلىق پوچتا ھەققى دوكۇمېنتى، پوچتا ھەققىنى تۆلىگەنلىك تامغىسى، شۇنداقلا ئالاقىدار كەسپىي تالون قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. پوچتا ھەققى دوكۇمېنتى پوچتا ماركىسى، پوچتا ھەققى بەلگىسى، پوچتا ھەققىلىق كونۋېرت، پوچتا ھەققىلىق ئاتكرىتكا، پوچتا ھەققىلىق باغاقچە، پوچتا ھەققىلىق كارتا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پوچتا ھەققى دوكۇمېنتىنى سېىتىۋېلىشىغا ياكى ياسىۋېلىنغان پوچتا ھەققى دوكۇمېنتىنى ھايىنىغا سېىتىشىغا، پوچتا ماركىسى ۋە پوچتا ھەققى بەلگە نۇسخىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەقلىد قىلىپ بېسىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 42 – ماددا تارقىتىلىدىغان ئادەتتىكى پوچتا ماركىسى سانىنى پوچتا كارخانىسى بازار ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ خاتىرە پوچتا ماركىسى ۋە ئالاھىدە پوچتا ماركىسىنى تارقىتىش پىلانىنى پوچتا كارخانىسى بازار ئېھتىياجىغا قاراپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەن پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بېكىتىشىگە يوللايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى خاتىرە پوچتا ماركىسى تاللاشقا ۋە نۇسخىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى پوچتا ماركىسىنى ئىشلەش، سېتىشنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ. 43 – ماددا پوچتا ھەققى دوكۇمېنتى سېتىلغاندىن كېيىن، پوچتا ھەققى دوكۇمېنتىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى پوچتا كارخانىسىدىن نەق پۇلغا تېگىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. پوچتا ھەققى دوكۇمېنتىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىش ھەم ئىشلىتىشتىن توختىتىشتىن 90 كۈن بۇرۇن ئېلان بېرىپ، سېتىشنى توختىتىش كېرەك. پوچتا ھەققى دوكۇمېنتىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ئېلان بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە پوچتا كارخانىسىدىن تەڭ قىممەتتىكى پوچتا ھەققى دوكۇمېنتىغا ئالماشتۇرۇۋالسا بولىدۇ. 44 – ماددا تۆۋەندىكى پوچتا ھەققى دوكۇمېنتىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ: (1) گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىشلىتىشتىن توختىتىلغانلىرى؛ (2) تامغا بېسىلغان ياكى سىزىۋېتىلگەنلىرى؛ (3) مەينەتلىشىپ، يىرتىلىپ كەتكەن، كەمتۈك ياكى رەڭگى ئۆچكەن، رەڭگى ئۆزگەرگەنلىكتىن پەرق ئەتكىلى بولمايدىغانلىرى. پوچتا ھەققىلىق كونۋېرت، پوچتا ھەققىلىق ئاتكرىتكا، پوچتا ھەققىلىق باغاقچە، پوچتا كارتىدىن قىيىۋېلىنغان پوچتا ھەققى بەلگە نۇسخىسىنى پوچتا ھەققى دوكۇمېنتى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 5 – باب زىياننى تۆلەش 45 – ماددا پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت كەسپى دائىرىسىدىكى يوللانمىلارنى ۋە پۇل پېرېۋوتىنىڭ زىيىنىنى تۆلەشتە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت كەسپى دائىرىسى سىرتىدىكى يوللانمىلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەشتە، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. يوللانمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى يوللانمىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى، بۇزۇلۇپ كېتىشى ياكى ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ كەم چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ. 46 – ماددا پوچتا كارخانىسى ئاددىي يوللانمىلارنىڭ زىيىنى ئۈچۈن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. لېكىن، پوچتا كارخانىسىنىڭ قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئاددىي يوللانما زىيىنى بۇنىڭ سىرتىدا. 47 – ماددا پوچتا كارخانىسى ھۆججەتلىك يوللانمىلارنىڭ زىيىنىنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەيدۇ: (1) كاپالىتى بار ھۆججەتلىك يوللانمىلارنى يوقىتىپ قويغان ياكى ھەممىسىنى بۇزۇۋەتكەنلەر كاپالەت سوممىسى بويىچە تۆلەيدۇ؛ قىسمەن بۇزۇۋەتكەنلەر ياكى ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كېمەيتىۋەتكەنلەر كاپالەت سوممىسى بىلەن يوللانما ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نىسبىتى بويىچە يوللانمىنىڭ ئەمەلىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدۇ. (2) كاپالىتى يوق ھۆججەتلىك يوللانمىنى يوقىتىپ قويغان، بۇزۇپ قويغان ياكى ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كېمەيتىۋەتكەنلەر ئەمەلىي زىيان بويىچە تۆلەيدۇ، لېكىن، ئەڭ يۇقىرى تۆلەم سوممىسى ئالغان ھەقنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ زاكاز خەت – چەكنى يوقىتىپ قويغان، بۇزۇپ قويغانلار ئالغان ھەقنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ. پوچتا كارخانىسى تىجارەت سورۇنىدىكى ئېلانغا ۋە ئابۇنىچىغا بەرگەن ھۆججەتكە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى ئابۇنىچىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان شەكىلدە يېزىپ قويۇشى كېرەك. پوچتا كارخانىلىرىدىن قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ھۆججەتلىك يوللانمىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى ياكى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنىڭ مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنى شىپى كەلتۈرۈپ تۆلەم جاۋابكارلىقىغا چەك قويۇش ھوقۇقى يوق. 48 – ماددا تۆۋەندىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدىن پەيدا بولغان ھۆججەتلىك يوللانما زىيىنى ئۈچۈن پوچتا كارخانىسى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ: (1) تاقابىل تۇرالماسلىق، لېكىن، تاقابىل تۇرالماسلىقتىن پەيدا بولغان كاپالىتى بار ھۆججەتلىك يوللانمىلارنىڭ زىيىنى بۇنىڭ سىرتىدا؛ (2) ئەۋەتىلگەن بۇيۇمنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىي خاراكتېرى ياكى مۇۋاپىق خورىشى؛ (3) ئەۋەتكۈچى، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ خاتالىقى. 49 – ماددا ئابۇنىچى ھۆججەتلىك يوللانمىنىسالغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى يوللانمىسىنى پوچتىغا سالغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ پوچتا كارخانىسىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، خەلقئارا يوللانمىنى پوچتىغا سالغان كۈندىن باشلاپ 180 كۈن ئىچىدە ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ پوچتا كارخانىسىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. خەلقئارا يوللانما سۈرۈشتۈرۈلگەندە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن چەت – ياقا جايلارنىڭ يوللانمىلىرى سۈرۈشتۈرۈلگەندە، پوچتا كارخانىسى ئابۇنىچى سۈرۈشتە قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىنى ئابۇنىچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ باشقا يوللانما سۈرۈشتۈرۈلگەندە، پوچتا كارخانىسى ئابۇنىچى سۈرۈشتۈرگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىنى ئابۇنىچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش مۆھلىتى توشقاندا يوللانما تېپىلمىسا، پوچتا كارخانىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 47 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك. ئابۇنىچى مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن سۈرۈشتۈرۈش مۆھلىتى ئىچىدە پوچتا كارخانىسىدىن سۈرۈشتۈرمىسە ھەم تۆلەم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، پوچتا كارخانىسى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 50 – ماددا پوچتىدىن پۇل سالغۇچى پۇل سالغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ پوچتا كارخانىسىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. پوچتا كارخانىسى ئابۇنىچى سۈرۈشتۈرگەن كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىنى پۇل سالغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش مۆھلىتى توشقاندا، سالغان پۇل تېپىلمىسا، پوچتا كارخانىسى پۇل سالغۇچىغا سالغان پۇلىنى ۋە پۇل پېرېۋوت ھەققىنى قايتۇرۇشى كېرەك. 6 – باب تېز يەتكۈزۈش كەسپى 51 – ماددا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تېز يەتكۈزۈش تىجارەت ئىجازىتى ئېلىش كېرەك؛ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويسا بولمايدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىپ دۆلەت ئىچىدە خەت – چەكنى تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويسا بولمايدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى تېز يەتكۈزۈش كەسپى قوبۇل قىلىشتىن يەتكۈزۈشكىچە بولغان پۈتۈن جەريان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بولىدىغان تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى كۆرسىتىدۇ. 52 – ماددا تېز يەتكۈزۈش كەسپىگە ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك: (1) كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلىك شەرتىگە توشۇش؛ (2) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدە تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالى خەلق پۇلى ھېسابىدا 500 مىڭ يۈەندىن ئاز بولماسلىق، باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىمۇ تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالى خەلق پۇلى ھېسابىدا 1 مىليون يۈەندىن ئاز بولماسلىق، خەلقئارا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغاقويىدىغانلارنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالى خەلق پۇلى ھېسابىدا 2 مىليون يۈەندىن ئاز بولماسلىق؛ (3) تىجارەت ئىلتىماسىدىكى تېررىتورىيە دائىرىسىگە لايىق مۇلازىمەت ئىقتىدارى بولۇش؛ (4) مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشقۇرۇشقا ئائىت قاتتىق تۈزۈمى ۋە مۇكەممەل كەسپىي مەشغۇلات قائىدىسى بولۇش؛ (5) مۇكەممەل بىخەتەرلىك كاپالەتلىك تۈزۈمى ۋە تەدبىرى بولۇش؛ (6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. 53 – ماددا تېز يەتكۈزۈش كەسپىگە ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدە تىجارەت قىلىدىغانلار شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىمۇ تىجارەت قىلىدىغانلار ياكى خەلقئارا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويىدىغانلار گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى؛ ئىلتىماس قىلغاندا ئىلتىماسنى ۋە ئالاقىدار ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 45 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك. تەستىقلىغانلىرىغا تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ؛ تەستىقلىمىغانلىرىدا ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ھەم سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ. پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈشتە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىشى ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىزىملاتقاندىن كېيىن، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ. 54 – ماددا پوچتا كارخانىسىدىن باشقا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويىدىغان كارخانىلار (تۆۋەندە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى دېيىلىدۇ) شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرۇشتا ياكى قوشۇۋېلىش، ئايرىلىپ چىقىشتا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 55 – ماددا تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى پوچتا كارخانىسى مەخسۇس قىلىدىغان خەت – چەك يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويسا بولمايدۇ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خەت – ئالاقىسىنى يەتكۈزسە بولمايدۇ. 56 – ماددا تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى پوچتا كارخانىسىنىڭ مەخسۇس كەسىپ دائىرىسىگە كىرمەيدىغان خەت – چەك تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويۇشتا، خەت – چەك قېپىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ‹‹چەت – چەك›› دېگەن خەتنى يېزىپ قويۇشى كېرەك. تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىدىكىلەر خەت – چەكنى ئورىغاندىن كېيىن، پوسۇلكا قاتارىدا يەتكۈزسە بولمايدۇ. 57 – ماددا خەلقئارا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە، پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار خەلقئارا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويغان كارخانىلاردىن تاموژنىغا مەلۇم قىلىدىغان سانلىقمەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 58 – ماددا تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدىن تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى توختاتقانلىرى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسىنى قايتۇرۇشى ھەم يەتكۈزۈپ بولالمىغان تېز يوللانمىنى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوبدان بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 59 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 6 –، 21 –، 22 –، 24 –، 25 – ماددىسى، 26 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى، 35 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى، 36 – ماددىسىدىكى پوچتا كارخانىسى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىغا دائىر بەلگىلىمە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ؛ 11 – ماددىسىدىكى يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تېز يوللانمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش سورۇنىغا تەتبىقلىنىدۇ؛ 3 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى، 26 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى، 35 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى، 36 –، 37 – ماددىلىرىدىكى يوللانمىغا دائىر بەلگىلىمە تېز يوللانمىغا تەتبىقلىنىدۇ؛ 45 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى يوللانما زىيىنىنى تۆلەشكە دائىر بەلگىلىمە تېز يوللانما زىيىنىنى تۆلەشكە تەتبىقلىنىدۇ. 60 – ماددا تېز يوللانما كەسپىنى يولغا قويغان كارخانا قانۇن بويىچە قۇرغان ساھە جەمئىيىتى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە نىزامنامىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە، تېز يوللانما ساھە قائىدىسىنى تۈزۈپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، كارخانىغا ئۇچۇر، تەربىيىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىپ، تېز يەتكۈزۈش ساھەسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويغان كارخانىلار كەسىپكارلىرىغا بولغان قانۇنچىلىق تەربىيىسى، كەسىپ ئەخلاقى تەربىيىسى ۋە كەسىپ ماھارىتى تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. 7 – باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش 61 – ماددا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ: (1) پوچتا كارخانىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىغا ياكى مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت يۈز بەردى، دەپ گۇمان قىلىنغان باشقا سورۇنغا كىرىپ تەكشۈرۈش؛ (2) ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئەھۋال ئۇقۇش؛ (3) ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىيال، دوكۇمېنتلارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛ (4) پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە ئالاقىدار سورۇننى پېچەتلەش؛ مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە ئىشلىتىلگەن ترانسپورت قورالى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار بۇيۇمنى تۇتۇپ قېلىش؛ خەت – چەكتىن باشقا ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان ياكى ئەۋەتىشكە چەك قويۇلغان نەرسە سېلىندى، دەپ گۇمان قىلىنغان يوللانما ۋە تېز يوللانمىلارنى ئېچىپ تەكشۈرۈش. 62 – ماددا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، پوچتا كارخانىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىدىن ئالاقىدار تىجارەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 63 – ماددا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، نازارەت قىلىدىغانلار، تەكشۈرگۈچىلەر ئىككىدىن ئاز بولماسلىقى ھەم ئۇلار قانۇن ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىدىكىلەر قانۇن بويىچە نازارەت قىلغاندا، تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى، رەت قىلماسلىقى، توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك. 64 – ماددا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار. 65 – ماددا پوچتا كارخانىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى ئابۇنىچىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ھەققىدىكى باشقىچە پىكرىنى ۋاقتىدا، ئوبدان بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئابۇنىچىلاردىن بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىگە قايىل بولمىغانلىرى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەم ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. 66 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى 67 – ماددا پوچتا كارخانىلىرىدىن پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا چارە كۆرىدۇ. 68 – ماددا پوچتا كارخانىلىرىدىن پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئالاھىدە مۇلازىمەت كەسپىنى توختاتقان ياكى ئۇنىڭغا چەك قويغان ۋە ياكى پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا تىجارەت سورۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا چارە كۆرىدۇ. 69 – ماددا پوچتا كارخانىلىرىدىن يوللانما يەتكۈزۈشتىن باشقا تىجارەتنى پوچتا بەلگىسى بار پويىز، ئاپتوموبىل، كېمە – پاراخوت بىلەن قىلغانلىرى ياكى پوچتا بەلگىسى بار پويىز، ئاپتوموبىل، كېمە – پاراخوتلارنى ئىجارە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقا ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغانلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا چارە كۆرىدۇ. پوچتا كارخانىسىنىڭ كەسىپكارلىرىدىن يوللانما يەتكۈزۈشتىن باشقا كەسىپنى پوچتا بەلگىسى بار پويىز، ئاپتوموبىل، كېمە – پاراخوت بىلەن يولغا قويغانلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش كارخانىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ. 70 – ماددا پوچتا كارخانىسىنىڭ كەسىپكارلىرىدىن يوللانما يەتكۈزۈشنى قەستەن كېچىكتۈرگەنلىرىگە پوچتا كارخانىسى چارە كۆرىدۇ. 71 – ماددا باشقىلارنىڭ يوللانمىسى، تېز يوللانمىسىنى ئېلىۋالغان، ئۆز مەيلىچە ئاچقان، تىقىپ قويغان، يىرتىپ تاشلىۋەتكەن ياكى قانۇنسىز تەكشۈرگەنلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. 72 – ماددا تېز يوللانما كەسپى ئىجازىتى ئالماي تۇرۇپ تېز يوللانما كەسپىنى يولغا قويغانلار ياكى پوچتا كارخانىسىدىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەردىن پوچتا كارخانىسىنىڭ خەت – چەك يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويغانلار ياكى دۆلەت ئورگىنىنىڭ خەت – ئالاقىسىنى يەتكۈزگەنلەرنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ياكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا، ھەتتا تېز يوللانما كەسپى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 51 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەت – چەكنى دۆلەت ئىچىدە تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 73 – ماددا تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ: (1) شۆبە – تارماق ئاپپارات تەسىس قىلغان، قوشۇلۇپ كەتكەن، ئايرىلىپ چىققان بولسىمۇ، پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلار؛ (2) خەت – چەك قېپىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ‹‹خەت – چەك›› دەپ يازمىغانلار؛ (3) خەت – چەكنى ئوراپ، پوسۇلكا قاتارىدا يەتكۈزگەنلەر؛ (4) تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى توختاتقاندىن كېيىن، پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ھەم تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسىنى قايتۇرمىغان ۋە ياكى يەتكۈزۈپ بولالمىغان تېز يوللانمىنى گوۋۇيۈەن پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوبدان بىر تەرەپ قىلمىغانلار. 74 – ماددا پوچتا كارخانىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدىن ئابۇنىچىلارغا كەسپىي ھەق ئۆلچىمىنى بەلگىلىمە بويىچە بىلدۈرمىگەن ياكى باھاغا دائىر باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ. 75 – ماددا پوچتا كارخانىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى قوبۇل قىلغان يوللانمىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورناتمىغان ۋە ئىجرا قىلمىغان ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنغان ياكى يەتكۈزۈشكە چەك قويۇلغان نەرسىگە دائىر بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ يوللانما ۋە تېز يوللانمىنى قوبۇل قىلغان بولسا، پوچتا كارخانىسىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا چارە كۆرۈلىدۇ؛ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا، ھەتتا تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. ئابۇنىچىلاردىن يوللانما، تېز يوللانما ئارىسىغا يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنغان ياكى يەتكۈزۈشكە چەك قويۇلغان نەرسىلەرنى سېلىپ قويغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىپ، جىسمانىي زىيان ياكى مال – مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پوچتا كارخانىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى خەلقئارا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويۇشتا، شۇنىڭدەك ئابۇنىچىلار خەلقئارا يوللانمىلارنى پوچتىغا سېلىشتا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى›› ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 76 – ماددا پوچتا كارخانىلىرى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدىن ئابۇنىچىلارنىڭ پوچتا مۇلازىمىتى ياكى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىش ئۇچۇرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەرگەن بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ پوچتا كارخانىسىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا چارە كۆرىدۇ؛ تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا، ھەتتا تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. پوچتا كارخانىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنىڭ كەسىپكارلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 77 – ماددا پوچتا كارخانىلىرى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدىن قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا، ھەتتا تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 78 – ماددا پوچتا كارخانىسى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىدىن، تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىدىن تىجارىتىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنىڭ تېز يەتكۈزۈش ئىجازەتنامىسىنىمۇ بىكار قىلىدۇ. 79 – ماددا پوچتا كارخانىسىنىڭ نامى ياكى بەلگىسىنى ئىشلىتىۋالغان ياكى پوچتا بۇيۇملىرىنى ياسىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان پوچتا بۇيۇمىنى ھايىنىغا ساتقانلارنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ياسىۋالغان پوچتا بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 80 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ: (1) پوچتا ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلىغان، ۋەيران قىلىۋەتكەن ياكى پوچتا ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛ (2) پوچتا ھەققى دوكۇمېنتىنى ياسىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان پوچتا ھەققى دوكۇمېنتىنى ھايىنىغا ساتقانلار؛ (3) پوچتا تىجارەت سورۇنى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى تىجارەت سورۇنىنىڭ نورمال تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ (4) يوللانما ۋە تېز يوللانما توشۇيدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇنسىز توسقان، ئۇنىڭغا چىقىۋالغان، ئېسىلىۋالغانلار. 81 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغانلار تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىلغىچە تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ. تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدىن تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغانلىرى قانۇن بويىچەسودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىمنى ئۆزگەرتىشى ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرگۈزۈشى كېرەك. 82 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 83 – ماددا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ. 9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ 84 – ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى: پوچتا كارخانىسى جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى ۋە ئۇنىڭ پوچتا مۇلازىمىتى قىلىدىغان تولۇق مەبلەغلىك كارخانىسى ۋە پاي كونترول كارخانىسىنى كۆرسىتىدۇ. يەتكۈزۈش خەت – چەك، پوسۇلكا، مەتبەئە بۇيۇمى قاتارلىق نەرسىلەرنى مۇئەييەن شەخسكە ياكى ئورۇنغا قېپىدىكى ئىسمى، ئادرېسى بويىچە يەتكۈزۈشنى، جۈملىدىن، قوبۇل قىلىش، ئايرىش، توشۇش ۋە يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. تېز يەتكۈزۈش ۋەدە قىلغان ۋاقىت چېكىدە تېز يەتكۈزۈپ بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. يوللانما پوچتا كارخانىسى يەتكۈزىدىغان خەت – چەك، پوسۇلكا، پېرېۋوت ئۇقتۇرۇشى، گېزىت – ژۇرنال ۋە باشقا مەتبەئە بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ. تېز يوللانما تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى يەتكۈزىدىغان خەت – چەك، پوسۇلكا، مەتبەئە بۇيۇمى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. خەت – چەك خەت – ئالاقە، ئاتكرىتكىنى كۆرسىتىدۇ. خەت – ئالاقە مۇئەييەن شەخسكە ياكى ئورۇنغا پېچەتلەش شەكلى بىلەن ئىسمى، ئادرېسى بويىچە يەتكۈزىدىغان پېچەتلەنگەن ئۇچۇر ۋاسىتىسىنى كۆرسىتىدۇ، كىتاب، گېزىت، قەرەللىك ژۇرنال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. پوسۇلكا مۇئەييەن شەخسكە ياكى ئورۇنغا تېشىدىكى ئىسمى، ئادرېسى بويىچە يەتكۈزىدىغان ئايرىم پېچەتلەنگەن نەرسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 50 كىلوگرامدىن ئاشمايدۇ، ھەر بىر تەرىپىنىڭ رازمېرى 150 سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ، ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكىنى قوشقاندا 300 سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. ئادەتتىكى يوللانما پوچتا كارخانىلىرى قوبۇل قىلغاندا ھۆججەت بەرمەيدىغان، يەتكۈزۈشتە تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ قول قويۇپ ئېلىشىنى تەلەپ قىلمايدىغان يوللانمىنى كۆرسىتىدۇ. ھۆججەتلىك يوللانما پوچتا كارخانىلىرى قوبۇل قىلىشتا ئەۋەتكۈچىگە ھۆججەت بېرىدىغان، يەتكۈزۈشتە تاپشۇرۇۋالغۇچى قول قويۇپ ئالىدىغان يوللانمىنى كۆرسىتىدۇ. پوچتا ئەسلىھەسى پوچتا مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا تىجارەت سورۇنى، پوچتا يوللانمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش سورۇنى، پوچتا ساندۇقى، پوچتا گېزىت – ژۇرنال بوتكىسى، خەت ساندۇقى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنى پوچتا كارخانىسى يوللانمىنى ئايرىش، پېچەتلەش، ساقلاش، ئالماشتۇرۇش، يۆتكەش، يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىدىغان مەخسۇس سورۇنىنى كۆرسىتىدۇ. خەلقئارا يوللانما جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى ئابۇنىچىلار بىلەن باشقا دۆلەت ياكى رايونلاردىكى ئابۇنىچىلار ئۆزئارا ئەۋەتىدىغان پوسۇلكا ۋە مەتبەئە بۇيۇمى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. پوچتا بۇيۇمى پوچتا تامغىسى، پوچتا ھەققى ماشىنىسى، پوچتا كەسپى ھۆججىتى، پوچتا ئامبۇرى، پوچتا تاغىرى ۋە باشقا پوچتا يوللانمىلىرىنى قاچىلايدىغان ئەسۋابلارنى كۆرسىتىدۇ. 85 – ماددا مۇشۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودا مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقان ياكى ئەنگە ئالدۇرغان ھەمدە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىزىملاتقاندىن كېيىن خەلقئارا تېز يەتكۈزۈش تىجارىتى قىلىدىغان خەلقئارا مال ترانسپورت ۋاكالەت كارخانىسى تەستىق ھۆججىتى ياكى ئەنگە ئالدۇرغانلىق ھۆججىتى ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسى ئالىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى كارخانىلارنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىجازەتنامىسىنى ئېلىش ئەھۋالىدىن ئەسلىي تىزىملىغان سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كارخانىلاردىن باشقا، مۇشۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن قانۇن بويىچە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويغان كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى يولغا قويۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن مۆھلەتتە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ ھازىرلىيالمىغانلىرى تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى داۋاملىق يولغا قويسا بولمايدۇ. 86 – ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، پوچتا كارخانىلىرىنىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىشىغا مەدەت بېرىش كونكرېت چارىسىنى چىقىرىشى كېرەك. 87 – ماددا بۇ قانۇن 2009 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
|