![]() |
«پۇقرا» بىلەن «خەلق» ئۇقۇمىنىڭ پەرقى دۆلەتنىڭ قانۇن بەلگۈلىمىلىرىدە «پۇقرا» بىلەن «خەلق» تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇقۇم كەڭ قوللۇنىلغان. بۇ ئىككى خىل ئۇقۇم ئۈزىگە خاس مەنىلەرگە ئىگە بۇلۇپ، ئۇلار ئوتتۇرسىدا مۇئەييەن پەرق ۋەئورتاقلىق بار. قانۇنچىلىق قۇرۇلىشى كۈچۈيىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا بۇ ئىككى خىل ئۇقۇمنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىۋېلىش ۋە ئۇلارنىڭ پەرقىنى ئايرىۋېلىش ئىنتايىن زۈرۈر. بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان كىشى شۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بۇلىدۇ. «پۇقرا» قانۇنىي ئۇقۇم. «گراژدان» سۆزىنىڭ مەنىسى ھازىر بىز قوللۇنىۋاتقان «پۇقرا» دىگەن ئۇقۇم بىلەن ئوخشاش. دۆلىتىمىزدە پۇقرالار ئىشچى، دېھقان، زىيالىلارنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سوتسىيالىزىمنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان دۈشمەن ئۇنسۇرلارنى ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ياش چەكلىمىسى بولمايدۇ. بۇۋاق، ئۆسمۈرلەر ياكى قېرىلار بۇلىشىدىن قەتئىينەزەرھەممىسى دۆلىتىمىز پۇقراسى ھىساپلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋىردە «خەلق» نىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىسى ئخشاش بولمايدۇ. چۈنكى «خەلق» سىياسىي ئۇقۇم بۇلۇپ، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى «خەلق» كاتېگورىيىسىگە كىرىۋەرمەيدۇ. پۇقرالار ئارىسىدىكى خەلق ئاممىسى بىلەن قارشىلاشقان ئاز ساندىكى كىشىلەر، خەلقنىڭ دۈشمەنلىرى، خەلق دېموكراتىيىسى دېكتاتۇرىسىنىڭ ئوبىكتى قاتارلىقلار خەلق دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. «خەلق» ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسى تار، «پۇقرا» ئۇقۇمىنىڭ دائىىسى كەڭ بۇلىدۇ.
|