باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تارىخ پەنلىرى دوكتورى-بەختىيار تۇرسۇن

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-18 05:32 مەنبەسى: ئاپتورى: م.قانات كۆرۈلۈشى: قېتىم
«جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخى»، «جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد تارىخى» قا
تەلەي +1

 

تارىخ پەنلىرى دوكتورى-بەختىيار تۇرسۇن

 

بەختىيار تۇرسۇن 1958-يىلى 7-ئايدا قەشقەردە ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1965-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1974- يىلىدىن 1977-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان. 1977-يىلى 10-ئايدىن 1978-يىل 2-ئايغىچە تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسىدە قايتا تەربىيە ئالغان. 1978-يىلى 2-ئايدىن 1982-يىلى 2- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تارىخ فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان. 1992-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە تارىخ ئىنستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئىلمى بويىچە ئوقۇغان ۋە «قارا قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقى» ناملىق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقىلاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

بەختىيار تۇسۇن خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلارغا «جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخى»، «جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد تارىخى» قاتارلىق ئون نەچچە خىل دەرسلىكلەرنى ئۆتكەن. «قارا قىتان خانلىقىنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا»، «ياللۇغ تاشىن ۋە ئۇنىڭ قارا قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ نىكاھ ئادىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە»، «قارا قىتان خانلىقىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتى ۋە ئاساسىي سىياسىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئائىلە شەجەرىسى ئۆزبېك ئائىلە شەجەرىسى» (1999-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە)، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىتانلار توغرىسىدا» ( 2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە)، «جەنۇبىي شىنجاڭ ئائىلە نىكاھ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش» (2001-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە) قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. «20-ئەسىردىكى جۇڭگو مىللەتلەر شەجەرىسى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ يول ئاچقۇچىسى-ئۆزبېك مىللىتى» ( يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2003-يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كونىشەھەر ناھىيەسى مۇسۇما كەنتىنى تەكشۈرۈش» (يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2004-يىلى نەشرى) قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشردىن چىققاندىن سىرت، يەنە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى بولغان «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي تارىخى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان. « كېيىنكى خەننامەئوتتۇرا ئاسىيا قىسمى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996-يىلى نەشرى)، «جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1998-يىلى نەشرى) قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان.

بەختىيار تۇرسۇن 1995-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە شىچۈەنلياڭيى 1-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ياش مۇكاپاتىغا، 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە ئوقۇتۇش مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1995-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

م.قاناتنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] تارىخ پەنلىرى دوكتورى-بەختىيار تۇرسۇن [ 2011-12-18 05:32:02 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى-ئابلىكىم ياسىن [ 2011-12-18 05:31:01 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى [ 2011-12-18 05:30:02 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى [ 2011-12-18 05:29:08 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالا تەربىيەلەشتە ‹‹10››نى قىلماسلىق لازىم [ 2011-12-18 05:26:41 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارنى ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرايلى [ 2011-12-18 05:25:33 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] پەرزەنىت كۆڭلى ئۆلمىسۇن ، گۈل چىرايلار سۇلمىسۇن [ 2011-12-18 05:24:14 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹مېھماندارچىلىق›› ئ [ 2011-12-18 05:23:04 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹بۆشۈك ئويۇنى›› [ 2011-12-18 05:21:54 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى [ 2011-12-18 05:20:55 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
م.قانات تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-12-13 16:12 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-18 09:12
تەۋسىيەلەر