ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتار -ئوسمان
يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-28 02:15 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
1957-يىلى چاڭچۈندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ، 11 كوماندا ئىچىدە 3-بولىدۇ ، بۇنىڭدا ئوسمان ئ
ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتار -ئوسمان

1953-يىلى ياز پەسلى . ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ھەر يەكشەنبە ئەتىگەندىن تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە پۇتبول مۇسابىقىسى داۋام قىلاتتى . مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە بېشىغا فۇژاركا كىيگەن ، ئۇچىسىغا سۈر رەڭ يۇڭ رەختتىن گىمناستيوركا كىيىپ ، بېلىنى تاسما بىلەن باغلىغان ، ئاق سېرىق ، كۆك كۆزلۈك بىر ئۆسمۈر بالا ۋاراتارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ، ۋاراتارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتەتتى . مانا بۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋارتار ئوسمان.
ئوسمان شۇ ۋاقىتتىكى پېشقەدەم ۋاراتار چېن جىڭشياڭ ( شۇ ۋاقىتتىكى بانكا كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ) ، گو يۇڭفۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ھەرىكەت كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋاراتار بولۇپ يېتىشتى . شۇڭا ، 1956-يىلى يازدا چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتى . نەتىجىدە قېرىنداش ئۆلكە ، شەھەر كوماندىلىرى ۋە چىڭداۋ تاماشىبىنلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ . چىڭداۋدىن قايتىپ كېلىپ كۈچكە كۈچ ئۇلاپ ، مەغرۇرلىنىشتىن ساقلىنىپ ، تىرىشىپ مەشق قىلىپ ، كەسپىي سەۋىيىسىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈپ ، 1957-يىلى چاڭچۈندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ، 11 كوماندا ئىچىدە 3-بولىدۇ ، بۇنىڭدا ئوسمان ئالاھىدە تۆھپە يارىتىدۇ .
1958-يىلى ئوسمان شىنجاڭ كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ ، بىر مەزگىللىك مەشقتىن كېيىن ، نەزەرىيە ، ئەمەلىيەت جەھەتتە ۋاراتارنىڭ تېخنىكا ، تاكتىكىسى ۋە بەدەن سۈپىتىدە يېڭىچە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ . بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋاراتارلىرى شۈي فۇسىڭ ، جاڭ جىنشۇ ، ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى خۇاڭ جاۋۋىنبىلارنىڭ ئوسمانغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ . ئوسمان كوماندىغا كېلىپ بىر نەچچە يىل تىرىشىپ مەشق قىلىپ ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن ، 1960-يىلى مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالىنىدۇ .
ئوسمان 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە تازا كامالەتكە يېتىپ ، راسا كارامەت كۆرسىتىۋاتقان ئالتۇن چاغلىرىدا ، « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » باشلىنىپ قالىدۇ. ئىنقىلابتىن كېيىنمۇ ئوسمان يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماي كوماندىنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇپ ، داۋاملىق ۋاراتارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
1974-يىلى پۇتبول ئىككىنچى كوماندىغا تېرىنېرلىققا يۆتكىلىپ ، تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋاراتار تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
ئۇنىڭ تەربىيىسىنى كۆرگەن ۋاراتارلاردىن ئىلھام جۇڭگو ياشلار كوماندىسى تەركىبىدە يۇگوسلاۋىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ ، مەشق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ . ھېكمەت مەملىكەت ئىچىدە ، بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە تاماشىبىنلاردا ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ .
ئوسماننىڭ كەسپىي جەھەتتە ۋاراتار تېخنىكىسى ئەتراپلىق بولۇپ ، ھەرىكىتى پىششىق ، ئۆلچەملىك ئىدى . ئورۇن ئېلىشى ياخشى ، بۇلۇڭ توسۇشقا ماھىر ، مۇسابىقىدە تەمكىن ، سالماق ئىدى .
ئوسمان ، 1940-يىلى تۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ، ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان ، ئۈرۈمچى 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە خەنزۇچە ئوقۇغان . ئۇ پۇتبول تېپىشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن كوچا كوماندىسىدا ئاساس ياراتقان ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ( 36 يېشىدا ۋاپات بولغان ) . 1958-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىغا كىرگەن بولۇپ ، بىرىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان . بوي ئېگىزلىكى 1.74 مېتىر ، ئېغىرلىقى 64 كىلوگىرام .
كەسپىي ئالاھىدىلىكى : ۋاراتار تېخنىكىسى ئەتراپلىق ، مۇكەممەل ، ھەرىكىتى ئىنچىكە . ئورۇن ئېلىش ، بۇلۇڭ توسۇشقا ماھىر ، توپ تېپىشى ئۆلچەملىك ، توپ بېرىشى نىشانلىق . 1958-يىلى شىنجاڭ كوماندىسى ئافغانىستان كوماندىسى بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغاندا ۋاراتاردا تۇرغان . 1960-يىلى مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالانغان .
كېلىش مەنبەسى:ماتىريالدىن تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|
------分隔线----------------------------