‹‹بۇ سەھنىنى ماڭا پارتىيە ۋە خەلق ئاتا قىلغان››
ئەھەتباقى قادىر

ئۇيغۇر ئەدەبىيات – سەنئىتى مىڭلىغان – تۈمەنلىگەن ئەدەبىيات – سەنئەت خادىمىنىڭ تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن بۈگۈنكىدەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى قەدىرلىمەي بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنداق بولغانىكەن، سەنئەتتىن زوق ۋە ھۇزۇر ئېلىۋاتقان تاماشىبىنلار سەھنە ئارقىلىق خەلققە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن سەنئەتكارلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۇلارنى ھامان ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. خوتەن ۋىلايەتلىك ‹‹يېڭى قاشتېشى›› ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ پېنسىيونېرى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىس سۇلايمان روزى ئەنە شۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىرى.
سۇلايمان روزى تۇغۇلغان كېرىيە ناھىيىسىنىڭ توغرىغاز يېزا ئۇلۇغئېرىق كەنتى خەلق سەنئەتكارلىرى توپلاشقان كەنت بولۇپ، دېھقان سەنئەتكارلار ئىچىدە قوش تارىلىق راۋاب (ئاللىچى راۋاب)نى چالىدىغانلار كۆپ ئىدى. ئۇلار بىر كۈنلۈك ئېغىر ئەمگەكتىن يانغاندىن كېيىن، يازنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى، قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىدە راۋاب چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ھاردۇقلىرىنى چىقىرىشاتتى. بۇ بىر ياشتا دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈۋاتقان سۇلايمان روزىغا غەم – قايغۇسىز ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. سۇلايمان روزىنىڭ ئانىسى خۇش ئاۋاز، خۇش پېئىل ئايال بولۇپ، ناخشىنى خېلى ئوبدان ئېيتاتتى. ئانىسى ناخشا ئېيتسا ئۇ ئۇسسۇلغا چۈشەتتى، بۇ چاغدا ئانىسى تولىمۇ خۇشال بولاتتى، سۇلايمان روزى كۆپ نەرسىلەرنى ئانىسىدىن ئۆگەنگەن. شۇڭا، سۇلايمان روزى خەلق ئىچىدىكى قىزىقچىلىق، ئېيتىشماق، ۋايىزلىق، قوشاقچىلىق ھەم ئەلنەغمىگە ئائىت سەنئەت تۈرلىرىگە ئالاھىدە قىزىقاتتى. ئۇ بېيىت – قوشاقلارنى بىر ئاڭلىسىلا ئېسىدە تۇتۇۋالاتتى، ئەل ئارىسىدىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەرنى ئاسانلا ئۆزلەشتۈرۈۋېلىپ، كۆڭۈل ئېچىشلاردا قۇلۇم – قوشنىلىرىغا ئورۇنلاپ بېرەتتى، سۇلايمان روزى بارا – بارا خەلق بېيىت – قوشاقلىرىنى راۋان ئېيتالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى.
1956 – يىلى سۇلايمان روزى كېرىيە ناھىيىلىك سانايى نەپىسەگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، سەنئەت كەسپى جەھەتتە سىستېمىلىق بىلىم ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ناھىيىدىكى ۋاقىتلىرىدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پېشقەدەم سەنئەتچىلەردىن كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگەندى. ئەينى چاغلاردا كېرىيە ناھىيىلىك سانايى نەپىسەدە ئارتىسلارغا ئۆزى ئىجاد قىلىش، ئۆزى ئورۇنلاش، ئۆزى ساز چېلىشتەك تەلەپلەر قويۇلغاچقا، سۇلايمان روزى مەلۇم كەسىپ ئاساسىغا ئىگە بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا، ئۇ سانايى نەپىسەنىڭ تايانچ كۈچلىرىدىن بولغان بارات مەمتىلى، ئاسىمگۈل قاتارلىق سەنئەتكارلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى، بۇ ئارتىسلارمۇ سۇلايمان روزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. سۇلايمان روزى مۇستەقىل ئىجاد قىلىش، ئورۇنلاش سەۋىيىسىگە يەتكەندىن كېيىن، ‹‹كېرىيە ياخشى›› دېگەن تېكىستنى يېزىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى مۇزىكا ئىشلەپ، بۇ لەپەرنى خەيرىنىساخان بىلەن ئورۇنلىدى، 1957 – يىلى بۇ قوش كىشىلىك لەپەر خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ تەلىپى بويىچە نامى ‹‹خوتەن ياخشى›› دەپ ئۆزگەرتىلدى ھەم 1958 – يىلى 4 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىگە قاتناشتۇرۇلدى. سۇلايمان روزى ‹‹خوتەن ياخشى›› ناملىق لەپەردە ئۆزگىچە ئۇسلۇب، چاققانلىق بىلەن ئوبراز ياراتقاچقا، بۇ لەپەر 1 – دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتى ۋە 1 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن تەشكىل شۇ يىلى سۇلايمان روزىنى خوتەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلدى.
سۇلايمان روزى لەپەر سەنئىتىنىڭ ئېستېتىك كۈچىنى ئاشۇرۇش، ۋەقەلىكنى جانلىق ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن تىنماي مەشىق قىلدى، ھەرگىز دورامچىلىق قىلمىدى، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزدى، تۇرمۇشقا، ئامما ئارىسىغا، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكتى، ۋاقتى چىقسىلا يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ، دېھقانلار بىلەن سىرداشتى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى، ياراتقان ئوبرازلىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. سۇلايمان روزى ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىغان، 2001 – يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دەم ئېلىشقا چىققان سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت كۆرىكىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئىككى كىشىلىك دۇتارلىق ئولتۇرۇش ‹‹پارتىيە رەھبەرلىكى››؛ 2002 – يىلى ئىجاد قىلىپ، قىزى ھەم نەۋرىسى بىلەن ئورۇنلىغان، خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئائىلىلەر سەنئەت كۆرىكىدە ‹‹ئالتۇن لوڭقا›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ‹‹قەلبىمىز بېيجىڭغا تەلپۈنىدۇ››؛ 2004 – يىلى ئىجاد قىلغان، ‹‹يىڭى قاشتېشى›› ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئورۇنلىغان، 2006 – يىلى 7 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە بورتالادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەلنەغمە – ئىتوت كۆرىكىدە ‹‹ئالتۇن مۇكاپات››قا ئېرىشكەن ‹‹دېھقانلار قوشىقى›› ناملىق تۆت كىشىلىك ئېيتىشىش قاتارلىق نومۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يېزا – قىشلاقلاردا، ئېتىز باشلىرىدا دېھقانلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش جەريانىدا ئىجاد قىلغان ئەسەرلەردۇر.
سۇلايمان روزى مۇنتىزىم سەنئەت تەربىيىسى كۆرمىگەن، ئەمما ئۇنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىدىن سەنئەت تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ. ئۇ ناخشا – ئۇسسۇل كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي، ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىگىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن يۈرۈش قىلدى، سەنئەت تالانتىنى كىنو ئېكرانلىرىدىمۇ نامايان قىلدى. ئۇ، بىر تەرەپتىن تىياتىر سەنئىتى نەزەرىيىسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ ئورۇنلاش، ئوبراز يارىتىش سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، درامىلاردىكى ئوخشىمىغان پېرسوناژلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئوبراز يارىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. سۇلايمان روزى 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىن 80 – يىللىرىغىچە ‹‹ماۋجۇشىغا ئەگىشىپ›› درامىسىدا ئېزىلگۈچى دېھقانلار ۋەكىلى قۇربان تۇلۇمنىڭ رولىنى، ‹‹ئارشىن مال ئالان›› درامىسىدا ئەسقەرنىڭ رولىنى، ‹‹گۈلنىسا›› درامىسىدا مەزىن ئاخۇنۇمنىڭ رولىنى، ‹‹غۇنچەم›› درامىسىدا ھاشىم باينىڭ رولىنى، ‹‹بېدىش ئاستىدا›› درامىسىدا قاسىم بوۋاينىڭ رولىنى، ‹‹61 سىنىپىي قېرىنداش›› درامىسىدا بېلىقچى بوۋاينىڭ رولىنى، 1960 – يىلى شاڭخەي كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن›› فىلىمىدە ياچېيكا شۇجىسى ئەلىنىڭ رولىنى، تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن ‹‹غەربىي دىياردىكى ئاشىق – مەشۇقلار›› فىلىمىدە قاراڭغۇ بازارچىنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئۆزىنى كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلىگەن ئۇستازى مەرھۇم ساھىبجامالخان ھاجىمنىڭ ئەجرىگە شان – شەرەپ ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.
ياز پەسلى ئىدى، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قېتىملىق سەنئەت كۆرىكىدە، ئۆمەك رەھبەرلىكى سۇلايمان روزىنى ناخشا ئېيتىشقا ئورۇنلاشتۇردى. سۇلايمان روزى ناخشىنى تولا مەشىق قىلىۋېرىپ، كۆرەككە ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز ئۈنى پۈتۈپ قالدى. ئۆمەك رەھبەرلىكى ئۇنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ناخشىنى ئامال قىلىپ ئېيتىشقا ئورۇنلاشتۇردى. سۇلايمان روزى ئامالسىز سەھنىگە چىقتى، لېكىن ناخشىنى ياخشى ئېيتالماي تاماشىبىنلار ئالدىدا خىجىل بولۇپ، قايتا ناخشا ئېيتماسلىققا ۋەدە قىلدى ۋە ئۆيىگە قايتىپ بىر كېچە ئازابلىنىپ ئۇخلىيالمىدى. ئۇ ئاخىرى ناخشىنىڭ قەدرىنى تاماشىبىن ئەمەس، ئالدى بىلەن ناخشىچىنىڭ ئۆزى بىلىشى كېرەكقۇ؟ دەپ ئويلاپ، ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى. شۇڭا، سۇلايمان روزى 40 نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىدا كەسىپنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. ئايالىمۇ ئۇنىڭ كەسپىنى قوللاپ كەلدى.
سۇلايمان روزى 40 نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىدا خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ سەھنىلەردە ئورۇنلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە لەپەرلىرىدىن ‹‹دېھقانلار شادلىقى››، ‹‹باغۋەن ئاكا››، ‹‹كۆكياردىن قارا ئالتۇن ئېتىلدى كۆككە››، ‹‹ئەمگەك ۋە مۇھەببەت››، ‹‹ئاشپەزخان بىلەن زەگەرجان››، ‹‹شېرىنجان، ئالمىخان يېنىڭدا مەن››، ‹‹باغۋەن ناخشىسى››، ‹‹پارتىيە رەھبەرلىكى››، ‹‹قەلبىمىز بېيجىڭغا تەلپۈنىدۇ››، ‹‹دېھقانلار قوشىقى›› قاتارلىقلار مەملىكەتلىك ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت كۆرەكلىرىدە 1 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتى، 1 – دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۆزى كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر ئارتىس بولۇپ تەقدىرلەندى.
كىشىلەر سەنئەتكارنىڭ ھاياتىنى ياشىرىپ تۇرغان دەرەخكە، تىنىمسىز ئېقىۋاتقان ئەزىم دەريا دولقۇنلىرىغا ئوخشىتىدۇ. بىز سۇلايمان روزىدىن ئىبارەت بۇ پېشقەدەم سەنئەتكارنىڭ سەھنە ھاياتىنى، ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى ئەشۇ ياشىرىپ تۇرغان دەرەخكە، ئەزىم دەريا دولقۇنلىرىغا ئوخشاتساق مۇبالىغە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. سۇلايمان روزى ھەقىقىي خەلق سۆيگەن سەنئەتكار. ئۇ ھەم كومپوزىتور، ھەم شائىر، ھەم رېژىسسور، ھەم ئارتىس. ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان ئاھاڭلىرى يېقىملىق، تېكىستلىرى ئاممىباب، تۇرمۇشقا يېقىن بولغاچقا، ئىجادىيەتلىرىنى كىشىلەر دائىم ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ ھەم ئوقۇيدۇ.
سۇلايمان روزى 2003 – يىلى 3 – ئايدىن باشلاپ سالامەتلىكى يار بەرمەي ئائىلىسىدە ئارام ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىجادىيەتتىن قول ئۈزگىنى يوق. ئۇ 2006 – يىلى 8 – ئايدا ‹‹ئالتۇن بۇلاق لەپەر كېچىلىكى›› ئۆتكۈزدى. ھازىر سۇلايمان روزى يەنىلا سەنئەتكە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ‹‹يېڭى قاشتېشى›› ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنى نادىر سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن تەمىن ئېتىپ كەلمەكتە، ئۇيغۇر لەپەر سەنئىتىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن شاگىرت تەربىيىلىمەكتە. ئۇ ھەمىشە: ئارتىس ئۆگىنىشتىن توختاپ قالسا بولمايدۇ، سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تۇرمۇشنى چوقۇم چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى، توختىماي ئىزدىنىشى، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرىدىغان نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىشى كېرەك. مەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم، 60 يىل مابەينىدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن غەمخورلۇقىغا ئېرىشتىم، ماڭا بۇ سەھنىنى پارتىيە ۋە خەلق ئاتا قىلغان، شۇڭا مەن تىنىقىم توختاپ قالغۇچە سەنئەتتىن قول ئۈزمەيمەن، دەيدۇ.
سۇلايمان روزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
سۇلايمان روزى 1939 – يىلى 8 – ئايدا كېرىيە ناھىيىسىنىڭ توغرىغاز يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1956 – يىلى كېرىيە ناھىيىلىك سانايى نەپىسەگە قوبۇل قىلىنغان 1958 – يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلگەن. ئۇ ئىجاد قىلغان ‹‹ئاشپەزخان بىلەن زەگەرجان›› ناملىق لەپەر 1993 – يىلى 9 – ئايدا ئىچكى موڭغۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكىدە 1 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 1 – دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، سۇلايمان روزى ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئارتىس بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ‹‹باغۋەن ناخشىسى›› ناملىق لەپەر 1995 – يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكىدە 1 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 1 – دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، سۇلايمان روزى مۇنەۋۋەر ئارتىس بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 1995 – يىلى سۇلايمان روزى دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىس كەسىپ – تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2001 – يىلى پېنسىيىگە چىققان.
شىنجاڭ گېزىتى تەھىرلىگۇچى:نەفىسە
|