باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى ۋە ئۆمەر باي

يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-24 15:46 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ۋە ئۆمەرباي يۈسۈپجان ياسىن ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەككى،

ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ۋە ئۆمەرباي


يۈسۈپجان ياسىن



ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەككى، بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ‏يېڭى مائارىپىنىڭ زادى قاچان مەيدانغا كەلگەنلىكىنى مۇﻫاكىمە قىلىش ئەمەس، ‏بەلكى 1914- يىلىئاتۇش ئېكىساقتا زامانىسىنىڭ ئەڭ كاتتا بايلىرىدىنبولغان ‏باﻫاۋۇدۇن باينىڭ كۈچلۈك ﻫېمايىسى ۋە باشچىلىقى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن يېڭىچە ‏مەكتەپنىڭ قەشقەردىكى يەنە بىر چوڭ بايئۆمەرباي تەرىپىدىن قانداق سۈيقەستلەر ‏بىلەن يوقىتىلغانلىقىدىنئىبارەت ﻫەقىقىي بىر تارىختىن قىسقىلا ئۇچۇربىرىشتىن ‏ئىبارەت.
مانا شۇ يېڭىچە مائارىپنىڭ بارلىققا كىلىشىدە تۈركىيىدىن كەلگەن ئەﻫمەت ‏كامال دېگەن كىشى ئىنتايىنمۇﻫىم رول ئوينىغان ئىدى.
–2005 يىلى 11ـ ئايدا مەن تۈركىيە گوۋۇيۈەنى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ‏ۋە تارىخ ئالى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بويىچەئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن « 6- ‏قېتىملىق خەلقارا تۈرك مەدەنىيەتكونگىرىسى» گە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيىگە بارغان ‏چېغىمدا، ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىدىكى بايازىت كوچىسىغا جايلاشقان كىتاپ بازىرىدىن ‏‏1984- يىلى ئىزمىردىكى بىلگەخاننەشرىياتى تەرىپىدىن بېسىلغان«ئەﻫمەت ‏كامالنىڭسەرگۈزەشتىلىرى» دېگەن بىر كىتاپنى ئۇچراتتىم . بۇ كىتاپنى ئەﻫمەت كامال ‏ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ يەردىكى كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىگە ئاساسەن ‏يېزىپ چىققان. مەن بۇ كىتاپنى بىرقۇر كۆرۈپ چىقىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارئارىسىدا ‏يېڭىچە مەكتەپنىڭ بارلىققا كېلىشى ﻫەم ئۇنىڭ دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى ﻫەققىدە بەزى ‏مەلۇماتلارغا ئېرىشتىم . بۇ ماقالە دەل ئاشۇ كىتاپتىكى مەلۇماتلار ئاساسىدا بايان ‏قىلىنىدۇ.
1914 ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ 14ـكۈنى ، تۈركىيىدىكىبەشىكتاش ئىتتىخات ۋە ‏تەراققى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئەخمەت كامال ئىتتىخات ۋە تەراققى پىرقىسىنىڭ ‏تەۋسىيىسى بىلەن مەكتەپ ئېچىشمەقسىتىدە ئاتۇشقا كېلىپ باﻫاۋۇدىن باينىڭ ئۆيىگە ‏چۈشكەن. ئەﻫمەتكامال ئالدى بىلەن ئاتۇش ۋە قەشقەردىكى بىر قىسىميۇرت ‏كاتتىلىرىنى زىيارەت قىلىپ سۆﻫبەتلىشىش ۋە بۇ يۇرتلارنى بىۋاسىتە كۆزىتىش ئارقىلىق ‏ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەﻫۋالى توغرىسىدا خېلىتەپسىلى چۈشەنچىگە ‏ئېرىشكەن .ئۇنىڭدن كېيىن ئەﻫمەت كامال قەشقەردەيېڭىچە بىر مەكتەپ ئاچماقچى ‏بولغان ۋە بۇپىكرىنى ئالدى بىلەن باﻫاۋۇدۇن بايغا ئېيتىپ ، ئۇنىڭ ياردەمدە ‏بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئىلغار زات باﻫاۋۇدۇن باينىڭمۇ بۇرۇندىنلا مۇشۇنداق بىر ‏ئارزۇسى بولغاچقا ، بۇ پىكىرگە دەرﻫالقوشۇلغان. شۇ ۋاقىتلاردا ئاتۇش ۋە قەشقەردىكى ‏يېڭىلىقتەرەپدارلىرىدىن بولغان ئابدۇقادىر داموللا، ﻫاجى مۇﻫەممەد ئېلى ۋە ‏ۋەلىخان قاتارلىق كىشىلەرمۇ باﻫاۋۇدۇن باينىڭ يېنىغا بېرىپ ، مەكتەپئېچىش ‏تەلىپىنى ئوتتۇرىغاقويغان ﻫەم بۇنىڭغا باﻫاۋۇدۇن باينىڭ يىتەكچى بولۇشىنى ئارزۇ ‏قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭبىلەن بىرگە ئۇلار يەنە قەشقەردىكى ئەڭ ‏نوپۇزلۇق كىشى ﻫېساپلانغان ئۆمەرباينىڭ بۇ ئىشنى قوللىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ‏ئېيتىپ ، باﻫاۋۇدۇن باينى ئۆمەرباينىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ قوللىشىنىقولغا ‏كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلغان . ئۆمەرباينىڭروﻫىي دۇنياسىنى ۋە مەقسەت-- مۇدداسىنى ‏ناﻫايىتى ياخشى چۈشىنىدىغان باﻫاۋۇدۇن باي ئۇلارغا چاقچاق ئارىلاش « ئەگەر ‏ئۆمەرباي بىزگەياردەم بېرىشنى خالىسا ، مەن ئۇنىڭ ئېغىلىنى تازىلاشتىن يانمايتتىم » ‏دېگەن. مەكتەپ قەشقەردە ئېچىلسا، يەنەكېلىپ ئۆمەرباي بۇنى قوللىسا يېڭى مائارىپ ‏ﻫەرىكىتىنىڭ داغدۇغىسى ۋە ئۈنىمىنىڭ تېخىمۇ زور بولىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشەنگەن ‏باﻫاۋۇدۇن باي يەنىلا ئۆمەرباينىڭئالدىغا بېرىشقا قوشۇلغان. ئۇ نورۇززادە سابىر ‏ئاخۇن، باقى ﻫاجىزادە ئىمىن باي، ﻫاكىم ﻫاجى ۋە ئىسلام ﻫاجى قاتارلىق كىشىلەرنى ‏ئېلىپ ئۆمەرباينىڭ يېنىغا بارغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن، مىللەتئالدىدا ئۇلۇغ بىر ‏ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆمەرباينى بۇ ئىشنى قوللايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ‏بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«ئۆمەرباي،خەيرلىكبىر ئىش ئۈچۈن سىزنى ئىزدەپ ‏كەلدۇق. قەشقەردە ئوبدانراق بىرمەكتەپنىڭ يوقلىقىنى بىلىسىز. تۈركىيىدىن كەلگەن ‏ئەﻫمەت كامال ئىسىملىك بىر زىيالىي ئادەم بار. ئۇ ياخشى مۇئەللىم، بىزگە يول ‏كۆرسەتمەكچى، بىز ئۇنى قوللاشنىئويلاشتۇق . مۇشۇ ئارقىلىق ۋەتەن ، مىللەتنىڭ ‏ئەمىرلىرىدىن بىرى ئىشقا ئېشىپ، ياشلىرىمىز ئىلىم ۋە پەن بىلەن يېتىشكۈسى.... ‏سىزنىڭمۇ قوللىغۇچىلاردىن بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بىر خەيرلىكجەمئىيەت قۇرۇش ‏ﻫەم بىر مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈنبىزگە قوشۇلامسىز؟ خالىسىڭىز باشچى بولۇپ بىزنى ‏يىتەكلەڭ. پەقەت بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئەمەلگە ئاشسىلا بولدى.‏»‏
باﻫاۋۇدۇن باينىڭ يېڭى مائارىپ ﻫەرىكىتى باشلاش ﻫەققىدىكى سۆزىنى ‏ئاڭلىغان ئۆمەرباي بىر خىل بىئاراملىق ۋە ئەندىشىلىك بىلەن« سىزنىڭ نېمە ئىش ‏قىلماقچىئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمەن، بۇ پىكىرگە ﻫېمايىچى بولالمايمەن، يەنە كېلىپ ‏مەندە باشچى بولغۇدەك جاسارەتمۇ يوق» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، باﻫاۋۇدۇن ‏باينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. باﻫاۋۇدۇن باي بۇنىڭ ﻫېچقانداق خەتەرلىك ئىش ‏ئەمەسلىكىنى، ئۆمەرباينىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ‏مۇنداق دېگەن:«ئۆمەرباي، بۇنىڭدىن ئەندىشەقىلماڭ، مەن دوتەي ﻫەم ساقچى ‏باشلىقى بىلەن كۆرۈشتۈم ، خاتىرىجەم ﻫەرىكەت قىلىۋېرىڭلار دېدى. دېمەك، قىلماقچى ‏بولغان ئىشىمىز ﻫۆكۈمەتنىڭ سىياسىيمەنپەئەتىگە ﻫەم جەمىئىيەت تەرتىۋىگە زىت ‏كەلمەيدۇ.... بولۇپمۇ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ﻫۆكۈمەت مۈمكىن قەدەر ياردەمدە ‏بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. مېنىڭئېرىشكەن جاۋابىم مانا مۇشۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ‏ئۆزىڭىزنىچەتكە ئېلىشىڭىزنىڭ ﻫاجىتى يوق» دەپ ئېنىق چۈشەندۈرسىمۇ ، ئۆمەرباي ‏يەنىلا:«مېنى بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرماڭ، مەن بۇ سەپتە يوق» دېيىشئارقىلىق باﻫاۋۇدۇن ‏باينىڭ پىكرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمىغان. كېيىنئابدۇقادىر داموللاممۇ ئۆمەرباي بىلەن ‏مۇشۇتېمىدا كۆپ قېتىم سۆﻫبەتلەشكەن بولسىمۇ ، ئۆمەرباينى زادىلا گەپكە ‏كىرگۈزەلمىگەن.ئەمما، ئۆمەرباي بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمىغان ، بەلكىيەنە ﻫەر خىل ‏ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ، باﻫاۋۇدۇن باي قاتارلىقلارنىڭمەكتەپ ئېچىش يولىدىكى ‏غەيرىتىنىسۇندۇرۇپ ، مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماسلىققا ئۇرۇنغان.
ئۆمەرباينىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن قەشقەردە مەكتەپ ئېچىشمۈمكىن بولمىغاچقا ، ‏ئاخىرى مەكتەپنى ئاتۇشتا ئېچىش قارار قىلىنغان .
1914 ـ يىلى 4 - ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈستۈن ئاتۇشنىڭئېكىساق كەنتىدىكى شەيخ ‏ﻫەبىبەددىن ئەجەم مازىرىنىڭ يېنىدا « دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىخات» مەكتىپىنىڭ ۋە ‏‏« ئىسلام جەمئىيىتى »نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا تەرەپ - ‏تەرەپتىكى شەﻫەر ۋە يېزىلاردىن نەچچە مىڭ ئامما يىغىلغان. ئالدى بىلەن ‏جەمئىيەتنىڭ 16 ماددىلىق پروگراممىسى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن . قەشقەرنىڭ باش قازىسى ‏ﻫاجى ئىسلام داموللا يېڭىمەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى ‏بىلدۈرگەن. باﻫاۋۇدۇن باي ۋە ئابدۇقادىر داموللاملار تەرىپىدىن مىللىي ئىستىقبال ‏ﻫەققىدە ناﻫايىتى تەسىرلىك نۇتۇقلار سۆزلەنگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن قويلار سويۇلۇپ ، ‏داش قازانلار ئېسىلىپ ، يىغىلغان پۈتكۈل جامائەتكە نەزىرە بېرىلگەن. مۇراسىمدىن ‏كېيىن ئىككى كۈن ئىچىدىلا مەكتەپنىڭ كەم نەرسىلىرى تولۇقلىنىپ، ياتاقلىق سىنىپ ‏قۇرۇلۇپ، دۇنياۋىي پەنلەردىنئوقۇش باشلانغان. ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىل قىلىپ ‏بېكىتىلگەن. شۇنداق قىلىپ، باﻫاۋۇدۇن باينىڭ غەيرىتى بىلەن ئاڭسىزلىق ۋە نادانلىققا ‏قارشى يېڭى بىر مەدەنىيەت ﻫەرىكىتى باشلانغان. .
مەكتەپ ئېچىلغاندىن كېيىن، مەرىپەتچىلىكنى ئەمەس جاﻫالەتنى، تەرەققىياتنى ‏ئەمەس گۇمرانلىقنى ﻫېمايە قىلىدىغان ئۆمەر بايمۇ جىمياتمىغان. ئۇ پەردە ئارقىسىدا ‏تۇرۇپ مەدرىس تالىپلىرىنى ۋە خۇراپىي موللىلارنىئوتتۇرىغا چىقىرىپ باﻫاۋۇدۇن ‏بايغا ۋە يېڭى مەكتەپكە قارشى« بۇ مەكتەپ نەدىن چىقتى، بۇ دېگەن كاپىرنىڭ ‏ئىشى » ، «يېڭى ئۇسۇل دەپ مەكتەپئېچىشمۇ، بۇ مەكتەپكە بېرىشمۇ ﻫارامدۇر، ‏ﻫارام» ، « قەشقەردە تېنج – خاتىرىجەم ياشاپ كېلىۋاتاتتۇق ، ﻫەممىنى بۇزغان ئاشۇ ‏باﻫاۋۇدۇن باي، قىلغانلىرىنىڭﻫەممىسى ئىسلامىيەتنىڭ ئەقىدىسىگە خىلاپتۇر» ‏دېگەندەك پىتنەپاسات گەپلەرنى تارقاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەرباي بايلىق ‏ئارقىلىق تىكلىگەن ئىناۋىتىگە تايىنىپ يېڭى مائارىپچىلىق ﻫەرىكىتىگە قارشىكۈچلۈك ‏بىر گۇرۇﻫ ﻫاسىل قىلغان بولسىمۇ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆمەرباينىڭ سۈيقەستلىرى ‏ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان. دەسلەپ ئۆمەرباينى ﻫىمايە قىلغان نۇرغۇن كىشىلەريېڭى ‏مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرگەندىنكېيىن ، ئۆمەربايدىن قول ئۈزۈپ يېڭى ‏مائارىپنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرەپكە ئۆتكەن. ئېكىساقتا قۇرۇلغان بۇ يېڭى مەكتەپنىڭ ‏تۇنجى تەسىرىمۇ دەل قەشقەردە كۆرۈلگەن. نەتىجىدە ئابدۇقادىرداموللا بىلەن ‏نورۇززادە خوجا ئېلىنىڭ باشچىلىقىداقەشقەردە بىر «ئىسلام جەمئىتى» قۇرۇلغان. ‏قەشقەردە يېڭىچە مائارىپنى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەتنى ماددىي ۋە ‏مەنىۋىي جەﻫەتتىن قوللايدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيگەن. .
ئاتۇش ۋە قەشقەردىكى بۇ يېڭىلىقلار ۋە ئۆزگىرىشلەر ئۆمەرباينىڭ ئىناۋىتىنى يەر ‏بىلەن يەكسان قىلغان. ئۆمەرباي تۈكۈلگەن يۈز - ئابرويىنى قايتا تىكلەش مەقسىتىدە ‏دوتەي باشچىلىقىدىكى پۈتكۈل ﻫۆكۈمەتئادەملىرىنىڭ شەرىپىگە ئاتاپ پۈتۈن شەﻫەر ‏خەلقىگە چاي بەرگەن. بۇ چايدا ئۆمەرباي ﻫۆكۈمەت ئادەملىرىگە ﻫەددىـ ﻫىساپسىز ‏بايلىق سوغا قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارنىڭئائىلىسىدىكى بالا - چاقىلىرى ۋە ‏خىزمەتچىلىرىگىمۇ مىڭ سەردىن ئالتۇن چاچقان. ئەپسۇس،ئۆمەرباينىڭ بۇ ئىشى ئۇنى ‏تېخىمۇ قاتتىقمەسخىرىگە قويغان. ئېغىر ئەلەمدە قالغان ئۆمەربايۋاقتىنچە پۇرسەت ‏كۈتۈشكە مەجبۇر بولغان‏. .
يېڭى مەكتەپ قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ ،بىرقىسىم مۇتەسسىپ ‏كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىمۇ بېسىقمىغان .ئۇلار يەنىلا ئۆمەر باينى ئارقا تىرەك قىلىپ تۇرۇپ، ‏پىتنە ۋولقانلىرىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق باﻫاۋۇدۇن باينى ، ئەﻫمەت كامالنى ۋە يېڭى ‏مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى پۈتكۈل خەلققە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىش ﻫەرىكەتلىرىنى ‏زادىلا توختاتمىغان. نەتىجىدە يېڭىلىق تەرەپدارلىرىبىلەن مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ‏ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بەس مۇنازىلەر باشلانغان . ئۇلار « ئىسلام جەمئىيىتى» دە ، ‏باﻫاۋۇدۇن باينىڭ ئۆيىدە ۋە مەسچىتلەردە نۇرغۇنمۇنازىلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ ‏مۇنازىرىلەر سەﻫنىگىمۇ ئېلىپ چىقىلغان . ئەﻫمەت كامالتەرىپىدىن« نادان دادا بىلەن ‏قاتىل ئوغۇل» دېگەن بىر دىرامما يېزىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارتەرىپىدىن سەﻫنىدە ‏ئوينالغان. بۇ ئارقىلىق ئويۇننى كۆرگىلى كەلگەن نەچچەمىڭ ئاممىغا نادانلىق ۋە ‏مائارىپسىزلىقنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىنى جانلىق كۆرسىتىلىپ ، مۇتەئەسسىپلەرگە ‏قاتتىق زەربە بېرىلگەن. مۇتەئەسسىپلەر تۈرلۈكئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يېڭى مەكتەپنىڭ ‏تەرەققىياتىنى توسۇپ قالالمىغاچقا ،ئۆمەرباينىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن باﻫاۋۇدۇن بايغا ‏تۆﻫمەت چاپلاپقەشقەر ساقچى ئىدارىسىگە ئەرز قىلغان. ساقچى باشلىقى باﻫاۋۇدۇن ‏باينى چاقىرتىپ، ئۇنىڭبىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ﻫەقىقىي ئەﻫۋالنى چۈشەنگەندىن ‏كېيىن ، ئالتە ماددىلىق قارارچىقىرىپ(1916-يىلى ) باﻫاۋۇدۇن باينىڭ مەكتەپنى ‏داۋاملاشتۇرىشىغا رۇخسەتقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىشتىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ‏ئىچىدىلا ئاتۇش تەۋەسىدە «نۇرىمائارىپ»،« مەنبەئۇل ئىرفان » ،« مۇسابايىفلار ‏مەكتىپى» ، « تەرەققىي(ئىلگىرلەش)مەكتىپى»، « نەجمۈلﻬىلال» ۋە « ﻫامىيەت» ‏قاتارلىق مەكتەپلەر كەينى - كەينىدىن قۇرۇلۇپ، يېڭى بىر مائارىپدولقۇنى باشلانغان . ‏بۇ ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ تۇنجىقارارلىق 27 ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش تاماملىغان. ئوقۇش ‏پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقان نەچچە مىڭ كىشى ئالدىدا بۇ ئوقوغۇچىلار ۋەتەن ۋە ‏مىللەتكە سادىق بولىدىغانلىقىغا، ﻫەر ۋاقىت ۋە ﻫەر يەردە مىللەتنىڭئىلىم - ئىرفان ‏بىلەن قوراللىنىشى ئۈچۈنخىزمەت قىلىدىغانلىقىغا ۋە مىللەتنى تەرەققىي ‏قىلدۇرىدىغانلىقىغا ساپ ئىمان ۋە پاكقەلبى بىلەن قەسەم ئىچكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ‏ﻫەر قايسى يېزىلارغا مۇئەللىملىكخىزمىتىگە ئاتلانغان. .
ئېكىساقتا باشلانغان يېڭى مائارىپنىڭ قەشقەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى بەك كۈچلۈك ‏بولغان. يېڭىمائارىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋەقەشقەرگە كېڭىيىشىگە قارشى چىقىپ ‏بارلىق ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇپ بولغان ئۆمەرباي ئەمدىلىكتە يېڭى مائارىپ ﻫەرىكىتىنى ‏رۇس كونسۇلى ۋە قەشقەر دوتىيىنىڭ قولى بىلەن يوقاتماقچى بولغان. ئۆمەرباي ئالدى ‏بىلەن قەشقەردىكى «ئىسلام جەمئىيىتى» نىتاقىتىۋەتكەن . ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ‏بىلەن بىر مۇنچە كىشى قەشقەردىكى رۇس كونسۇلخانىسىغا ئەرز قىلىپ بېرىپ، يېڭى ‏مەكتەپنى تاقىۋىتىشئۈچۈن رۇس كونسۇلىنىڭ ئارىلىشىشىنى ئۆتۈنگەن. پۇرسەتنى ‏غەنىمەتبىلگەن رۇس كونسۇلىمۇ دەرﻫال بېيجىڭدىكى رۇس ئەلچىسىگە مەلۇمات ‏يوللىغان. ئۇنىڭ مەلۇماتىدا « تۈركلەر، بۇلۇپمۇ تۈركىيىدىن كەلگەن ئەﻫمەت كامال ‏شىنجاڭدا تۈرك مىللەتچىلىگىنىتەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ ، بۇ ئىش رۇسىيە ئۈچۈن ‏تەﻫلىكىلىك....» دېگەندەك بىر قاتار تۆﻫمەت سۆزلىرى يېزىلغان. ئۆمەرباينىڭ ئۆزىمۇ ‏قەشقەر دوتىيىگە بىر خەت يوللاپ ، يېڭى مائارىپ ﻫەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ۋە ‏بىلىشى بويىچە يامان ۋەقە دەپ چۈشەندۈرۈپ ، باﻫاۋۇدۇن باينى بۇنىڭ باش ‏جاۋاپكارى قىلىپ كۆرسەتكەن. .
رۇس كونسۇلىنىڭ بېيجىڭغا يوللىغان مەلۇماتىنى ئۇ يەردىكى رۇس ئەلچىسى ‏بېيجىڭ ﻫۆكۈمىتىگەتاپشۇرۇپ، دەرﻫال تەدبىر قوللىنىشنى جىكىلىگەن. نەتىجىدە ‏بېيجىڭدىنكەلگەن بۇيرۇق بويىچە قەشقەر دوتىيى دەرﻫالتەكشۈرۈشكە باشلىغان. بۇ ‏چاغدا بىر ئاخشىمى ئۆمەرباي دوتەينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، بىر تىزىملىكنى تاپشۇرغان ۋە ‏تىزىملىكتىكىكىشىلەرگە تۆﻫمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ ئېچىش نامىدا ئەسكەر ‏تەربىيىلەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ دۆلەتقۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ‏ئېيتىپ ، بۇ كىشىلەرنى دەرﻫال قولغا ئېلىپ چەتـ ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىشنى، ‏ﻫەتتا چېگرا سىرتىغا قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۆمەرباينىڭ تۆﻫمەت چاپلىشى ‏ۋە يوشۇرۇن سۈيقەست قىلىشى بىلەن قەشقەر ساقچىئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى باﻫاۋۇدۇن ‏باينىڭ ئۆيىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئارقىدىن ئاتۇش ۋە ‏قەشقەردىكى ئىلغار كىشىلەردىن ئىمىن باي، نوۋرۇزبايزادە، ﻫاجى مۇﻫەممەدئېلى، ‏يۈسۈپباي، شەمسىددىن داموللا، ئابدۇكېرىمخان، ئەﻫمەد كامال، مەﻫمۇتئاخۇن، ‏سىدىق ئاخۇن ۋەقادىر ئاخۇن قاتارلىق كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان .ساقچى باشلىقى ‏ئۇلارغا ئۆمەرباينىڭ تەييارلىغان ماتېرىيالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قاتتىق سوراق قىلغان ‏بولسىمۇ، ئۇلاردىن ئۆمەرباينىڭ دېگىنىدەك ئەﻫۋاللارنىڭبىرەرسىمۇ بايقالمىغان. ‏شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ﻫەر بىرىگە بەش يۈز دەررە ئۇرۇپ تۈرمىگە قامىغان. مەكتەپمۇ ‏دەرﻫال توختىتىلغان. .
ئەﻫمەت كامال قولغا ئېلىنغاندىنكېيىن بېيجىڭدىكى گېرمانىيە ئەلچىسىگە ‏تېلېگرامما يوللاپ ، ئۆزىنىڭ قەشقەردە دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرىنى مەلۇم قىلغان. ‏گېرمانىيەئەلچىخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن رۇسئەلچىسىنىڭ بېيجىڭ ﻫۆكۈمىتىگە ‏ئېيتقان« ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئەﻫمەت كامال ئىسيان كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ياشلارنى ‏تەربىيىلەۋاتىدۇ » دېگەن سۆزىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ‏ئۈرۈمچىدىكىباش مۇپەتتىش ياڭ زېڭشىڭ قەشقەر ساقچىئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ‏ئەﻫمەت كامالنى قويۇپ بىرىش ﻫەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەﻫمەت كامال تۈرمىگە ‏ئۈچ ئاي قامالغان. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مەكتەپ يەنە ئەسلىگەكېلىپ ، ‏يېڭىدىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن . مۇراسىمغا قەشقەر ساقچى ‏ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە ﻫۆكۈمەتنىڭ باشقائادەملىرىمۇ قاتناشقان. شۇ ۋاقىتتا ‏قەشقەردىكى بۇ ئەﻫۋاللانى كۆرگەن تاتار ئالىمى نوشرىۋان يائۇشۇف ئورونبۇرگدا ‏چىقىدىغان «ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆمەربايغا لەنەت ياغدۇرۇپ ، ‏باﻫاۋۇدۇن باي بىلەن ئەﻫمەتكامالنى مەدھىيىلىگەن.
قايتا ئوقۇش باشلىنىپ سەككىز ئايدىن كېيىن ئەﻫمەت كاماليەنە بىر قېتىم رۇس ‏كونسۇلخانىسىنىڭ بېسىم قېلىشى بىلەن قولغائېلىنغان . تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىن ‏رۇسكونسۇلخانىسى قەشقەرنىڭ دوتىيىگە ئەﻫمەت كامالنىڭ ئاتۇشتىن تېز ئايرىلىشىنى ‏جىكىلىگەن، يېڭى مەكتەپمۇ شۇنىڭ بىلەن توختاشقا مەجبۇر بولغان. ئەﻫمەت كامال ‏ﻫۆكۈمەت ئادەملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدائۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەن . ئۈرۈمچىدە سوئال - ‏سوراقسىزلا ئىككى يىل تۈرمىگە قامالغان. كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ‏تاتارلاردىن چىققان بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئادەملەر ياڭ زېڭشىڭغائەﻫمەت كامالنىڭ ‏كېسەل ئىكەنلىكىنى، شاڭخەيگە بېرىپ داۋالانمىسابولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۇنى ‏تۇرمىدىن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان . ئەﻫمەتكامال تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىن ‏شاڭخەيگە بېرىپ ، ئۇيەردىن دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن.


‎ ‎ ئەﻫمەت كامال شىنجاڭدا تۇرغانئالتە يىل ئىچىدە تۆت قېتىم قولغا ئېلىنغان. ‏ئەﻫمەت كامالنىڭ بۇنداق ئېغىر تەقدىر - قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىغا ، شۇنداقلا ئۇ ‏باشلىغان ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ﻫەرىكىتىنىڭ ئۈزۈلۇپ قېلىشىغا دەلئۆمەرباي ‏سەۋەپچى بولغانىدى. شۇڭا، ئەﻫمەتكامال ئۆمەربايغا باﻫا بەرگەندە ، ئۇنىڭ ‏ئازغۇنلىقى ۋە مۇناپىقلىقىدىن پەيدا بولغان ئاقىۋەتنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مۇستەبىت ، قانخۇر ‏مىلىتارىستلارنىڭشىنجاڭ خەلقىگە يۈرگۈزگەن جىنايىتىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ‏بايان قىلغان.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى _ مۇھەممەت [ 2011-06-15 11:58:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى [ 2011-06-15 11:56:12 ]
[تارىخى بىلىملەر] لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇچقۇنلار ئى [ 2011-06-15 11:53:27 ]
[خەنزۇتىلى] باشلانغۇچ 4-يىللىق خەنزۇتىلى تەييا [ 2011-06-14 17:31:05 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئاتا-ئانىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە پە [ 2011-06-14 13:31:53 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى [ 2011-06-14 13:30:23 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدە [ 2011-06-14 13:26:45 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلاردا بەلباغ مەدەنيىتى [ 2011-06-14 13:20:54 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئۇيغۇر كالىندارچىلىقى [ 2011-06-14 13:18:47 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جىددى ئۇقتۇرۇش ۋە ئەسكەرتىش [ 2011-06-14 12:48:09 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر