پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئۇيغۇر كالىندارچىلىقى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-14 13:18 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇر كالىندارچىلىقى ئۇيغۇر خەلقى شانۇ- شەۋكەتلىك مەدەنىيەت تارىخىنى بەرپا قىلىشتا، يۈكسەك ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپلا قالماستىن

ئۇيغۇر  كالىندارچىلىقى



ئۇيغۇر خەلقى شانۇ- شەۋكەتلىك مەدەنىيەت تارىخىنى بەرپا قىلىشتا، يۈكسەك ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپلا قالماستىن، ئىلىم- پەن تەتقىقاتىغىمۇ تايانغان. بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ياراتقان ۋە ئىجاد قىلغان مۆچەل ئاساسىدىكى كالىندار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلمىي نۇجۇمنى ھەممىدىن بۇرۇن ئۆگىنىپ، بۇ ساھەدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە ئەمەلىي ئىزدىنىشلەردە بولغانلىقىنىڭ شانىلق مەھسۇلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئىلى دەرياسى بويىدا ياشىغۇچى جۇڭغار ئۇيغۇرلىرى يىل ھىساۋىنى بىلىشتە سەۋەنلىشىپ قالغان. ئۆزىدىن كېيىنكىلەرنىڭ سەۋەنلىكىگە يول قويماسلىق ئۈچۈن، كالندار ئۈستىدە ئويلانغان ھەمدە بىر مەزگىل ئەمەلىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاخىرى 12 مۆچەل ۋە يىل تەرتىۋىنى ئىختىرا قىلغان. بۇ كەشپىيات غازىكەن دېگەن شاھنىڭ تەشەببۇسى ۋە باشلامچىلىغى بىلەن ئېچىلغان مەخسۇس قۇرۇلتايدا ماقۇللىنىپ رەسمىيلەشتۈرۈلگەن. بۇ رېۋايەتنىڭ ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر ئويغۇنلىقىنى نېمىس تۈركشۇناس ئالىم گابائىن خانىم تەتقىتات ماقالىلىرىنىڭ بېرىدە << ئۇيغۇرلار كالىندار سېستىمىسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ئىختىرا قىلغان>> دەپ يېزىش ئارقىلىق تەستىقلاپ بەرسە، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى << دىۋانۇ لوغەتۇت تۈرك>> نىڭ بىرىنجى توم 449- بېتىدە بۇنى خەلق رېۋايەتلىرى ئاساسىدا مۇنداق ئېزاھلىغان... bars يولۋاس، تۈرك خەلقلىرى 12 مۆچەلدىن بىرىنىڭ نامى. تۈرلەر ئون ئىككى خىل ھايۋاننىڭ نامىنى ئېلىپ، 12 يىلغا ئات قويغان. ئۇلار بالىلىرىنىڭ ياشلىرىنى، جەڭ تارىخلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى مۇشۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بويىچە ھېساپلايدۇ، بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇنداق:

تۈرك خاقانلىرىدىن بېرى ئۆزىدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغان، لېكىن شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالاشقان شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، مۇنداق دېگەن« بىز بۇ تارىخنى ئېنىقلاشتا خاتالاشقان بولساق، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق خاتالىشىدۇ. شۇڭا بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ ئون ئىككى بورچىغا ئاساسلىنىپ، ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى، بىزدىن كېيىن يىل ھىساۋى شۇ يىللارنىڭ  ئايلىنىشى بويىچە ھېساپلانسۇن، بۇ ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن»، خەلق خاقاننىڭ پىكرىنى ماقۇللاپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىقىپ ھەممە ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر مۇنچە ھايۋانلار ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىپ، ئۇلاردىن 12 خىلى سۇدىن ئۆزۈپ ئۆتۈپتۇ، ئەنە شۇ 12 ھايۋاننىڭ نامى 12 يىلغا ئات قىلىپ قويۇلۇپتۇ. سۇدىن ئەڭ ئاۋال  سىچغان چىققان، شۇڭا يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ سىچغان (چاشقان) يىلى دىيىلگەن. ئۇنىڭدىن كيىن سۇدىن ئۆتكەنلەر تۆۋەندىكى تەرتىپتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر يىل ئۈچۈن ئىسىم بولۇپ قالغان.

ئۇد (كالا) يىلى
بارس (يولۋاس) يىلى
تاقىشغان (توشقان) يىلى
ناك (لەھەڭ،تىمساھ) يىلى
يىلان يىلى
يۇند (ئات)يىلى
قوي يىلى
بىجىن (مايمۇن) يىلى
تاقاغۇ (توخۇ) يىلى
ئىت يىلى
تونكۇز (توڭگۇز) يىلى
توڭگۇز يىلىغا يەتكەندىن كېيىن، يەنە قايتا چاشقان يىلى باشلىنىدۇ.
ۇيغۇر خەلقى مىلادى 7-، 8- ئەسىرلەردىن بۇرۇنلا ئاستىرونومىيە ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشلەردە بولغان. پەلەك بۇرچلىرى ۋە سەييارىلەر ئۈستىدە بەلگىلىك تەتقىتاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويغان. يۇلتۇزلار ھەركىتىگە قاراپ، بىر كېچە- كۈندۈزنى 12 ۋاقىت 24 سائەتكە، ھەر بىر يىلنى 12 ئايغا، 12 يىلنى بىر مۆچەلگە بۆلگەن. ئۇيغۇر خەلقى ئىجاد قىلغان كالىندارنىڭ دەسلەپكى نۇسخىلىرىنىڭ بەزى نەمۇنىلىرى، ئۇرخۇن ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا پۈتۈپ قالدۇرۇلىشى ۋە تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىي يادىكارلىق بۇيۇملىرى ئىچىدە « ئىدىقۇت 34- يىلى» دېگەنگە ئوخشاش يىلنامىلارغا ئائىت ماتىرىياللرنىڭ بولىشى ئۇيغۇرلاردا كالىندارچىلىقنىڭ خېلى تەرەققى قىلغانلىقىنى ۋە مۈكەممەللىكىنى ئىسپاتلايدۇ. كېيىن مەشھۇر ئالىم ئەبۇ رەيھان بىرونى (972- 1049) تەرىپىدىن قايتا رەتلىنىپ، سېستىمىغا سېلىپ چىقىلغان، ئۇ دەسلەپ تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا، ئاندىن خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىغا تارىلىپ، ئۇلارغا ئۆزلەشكەن.

مەنبە:  ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى: 1- كىتاپ 1- قىسىم

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارغا ناركوز ئىشلەتكەندە ئۆگىنىشكە تەسىر يېتى [ 2011-10-26 14:52:16 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گ [ 2011-10-26 14:50:31 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى بايقاشلار [ 2011-10-26 14:48:49 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىماللىقى چ [ 2011-10-26 14:47:22 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى باسقۇچقا كىر [ 2011-10-26 14:45:59 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى» [ 2011-10-26 14:42:23 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنۋانى ئېلىشقا كىرەكلىك ماتىريا [ 2011-10-26 13:47:47 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] دادا، ئاپا، سىلەرگە سۆزۈم بار [ 2011-10-14 16:22:27 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە قانداق قاراش كېرەك [ 2011-10-14 16:20:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئالىياسكىدا بالىلار دەرس تاشلىسا ئاتا – ئانىسى جا [ 2011-10-14 16:17:20 ]



ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر