پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئامېرىكىلىقلارنىڭ مال - دۇنيا قارى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-21 15:02 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئامېرىكىلىقلارنىڭ مال - دۇنيا قارىشى 美国人价值观 American values ئامېرىكىدا بايلارنىڭ شەخسىي ئىستېمالى ئۈچۈن پۇلنى سۇدەك بۇزۇپ چېچىۋاتقانل

 

ئامېرىكىلىقلارنىڭ مال - دۇنيا قارىشى

 

美国人价值观   American values

 

ئامېرىكىدا بايلارنىڭ شەخسىي ئىستېمالى ئۈچۈن پۇلنى سۇدەك بۇزۇپ – چېچىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇلار پۇلنى كۆپىنچە خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىدۇ. مەلۇم بىر ژۇرنال ئېلان قىلغان ‹‹خەير– ساخاۋەت مۇنبىرى›› دىكى سانلىق مالۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدا ئامېرىكىدىكى بايلارنىڭ تۈرلۈك خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا ئىئانە قىلغان تۈرلۈك ئىئانىسى 200 مىليارد دوللاردىن ئاشقان.

      * ئامېرىكا سىملىق ئاخبارات تورىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرنېرنى ئامېرىكىدىكى خەير – ساخاۋەت ئەلچىلىرىنىڭ يولباشچىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ 1997 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات خاراكتېرلىك قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئۈچۈن 1 مىليارد دوللار ئىئانە قىلغان بولۇپ، بۇ پۇل ئۇنىڭ بارلىق مال – مۈلكىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان.

      *12يىلدىن بۇيان ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى›› سانىلىپ كېلىۋاتقان بىل. گايتىسنىڭ نۆۋەتتىكى بىساتى تەخمىنەن 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مىنۇتىغا 6 مىڭ 659 دوللار تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئۇدا بىر نەچچە يىل دۇنيا بويىچە ‹‹ ئەڭ مەرد كىشى›› دېگەن نامنىڭ شاھىتى بولۇپ كەلمەكتە. ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدا گەرچە روسسېلنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن بولسىمۇ، بىراق بىساتىنىڭ %50 دىن كۆپرەكىنى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتىۋەتكەن. ئۆي– زېمىن تەرەققىيات سودىگىرى كلاۋىنسكى جەمەتىدىن قالغان بارلىق مال – دۇنياسىنى خەير – ساخاۋەت ئاپپارتلىرىغا ئىئانە قىلغاندىن سىرت، ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر تال بۆرىكىنىمۇ ئىئانىگە ئاتىۋەتكەن.

      *بەزىلەر ‹‹ ئامېرىكىلىق بايلار پۇلنى كۈندۈزى تېپىپ، كېچىسى ئىئانە قىلىۋېتىدۇ›› دەپ چاقچاق قىلىشىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆز. مەيلى نېمە سەۋەبتىن بولسۇن، بۇ خىل ئەھۋالنى باشقا دۆلەتلەردىكى بايلارنىڭ ھەرىكىتىگە ھەقىقەتەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

      * ‹‹جامائەتتىن ئېلىپ جامائەتكە قايتۇرۇش›› تەك مەدەنىيەت ئىدىيىسىنى ئۆزىگە چوڭقۇر سىڭدۈرگەن ئامېرىكىلىق نېفىت پادىشاھى روكفېللېر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بىر ئۆمۈر يىغقان مال دۇنياسىنىڭ ھەممىسىنى جەمئىيەتكە ئىئانە قىلىۋەتكەن.1859 – يىلى ئامېرىكىدا بىرىنچى نېفىت قۇدۇقى قېزىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نېفىت ئېچىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. روكفېللېر ئامېرىكا ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېلىدىغان پايدىسىغا مۇناسىپ خەۋپ– خەتىرىمۇ بولغان بۇ ساھەگە دادىل كىرىپ كەلگەن. ‹‹ نېفىت ئىمپېرىيىسى›› نىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ۋەيران بولغان، نۇرغۇن كىشى تاپقان– تەرگىنىنىدىن ئايرىلىپ، قاقسەنەم بوپكەتكەن. ھالبۇكى روكفېللېر سودىسى تازا روناق تاپقان مەزگىللەردە، مال – دۇنياغا بولغان كۈچلۈك ھېرىسمەنلىك ۋەجىدىن كىشىلىك ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى پۇل – دۇنيادىن تاپماقچى بولغان، لېكىن دۇنيادا بارماق بىلەن سانىلىدىغان بۇ زەردار دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن نېمىشقىدۇر ھاياتنىڭ شادلىق پەيزىنى بىراقلا يىتتۈرۈپ قويغاندەك ھېس قىلغان. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى پۇل تېپىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

     * شۇنداق قىلىپ ئۇ ‹‹ مال – دۇنيا بىلەن شادلىقنى ھەرگىزمۇ تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىكەن›› دېگەن ھەقىقەتنى يەكۈنلەپ چىققان. شۇڭا ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا بولغان مەدەتكارلىقىنى ئۆزىنىڭ تىجارەتتىكى ئاخىرقى نىشانى قىلغان. ئىگىلىنىشىچە دۇنيا بويىچە روكفېللېرنىڭ ئىئانىسى بىلەن قۇرۇلغان دوختۇرخانا 80 دىن ئاشىدىكەن، بېيجىڭدىكى ‹‹ شېخې دوختۇرخانىسى›› مۇ دەل روكفېللېرنىڭ ئىئانىسى بىلەن بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن.

     * ئامېرىكىدا نۆۋەتتە مەيدانغا چىقىۋاتقان بايلار ئارىسىدىكى مىكروسوفتنىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىسى بېل. گايتىس داڭلىق چولپان ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، ئۇنىڭ پۇلىغا 30 نەچچە ئالەم ئايروپىلانى ياكى 344 ‹‹ بويىن– 747›› بەلگىلىك ئايروپىلان ۋە ياكى 156 مىڭ ئەڭ ئېسىل پىكاپ سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.

     * لېكىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا گايتىس ئەر – خوتۇن تۇرمۇشىنى تولىمۇ ئاددىي – ساددا ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇ ئىلگىرى: مەن ھەر بىر سىنىتنىمۇ ئەھمىيەتلىك جايغا خەجلىشىم كېرەك، بىر سىنىتنىمۇ ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەن ئىكەن. بېل. گايتىسنىڭ شەخسىي شوپۇرى يوق ئىكەن، سەپەرگە چىققاندا ئايروپىلاننىڭ ئالاھىدە بۆلۈمچىسىدىمۇ ئولتۇرمايدىكەن. كېيىم – كېچەكتىمۇ داڭلىق ماركا قوغلاشمايدىكەن؛ تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئۇ باھاسى چۈشكەن ماللارغا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن. ئادەتتىكى چاغلاردا بېل. گايتىس ئەر – خوتۇن ئىككىسى ئاددىي ئاشخانىلاردا غىزالىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ھەشەمەتلىك مۈلكى— شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان 53 مىليون دوللارلىق داچىسى بولۇپ، بىراق داچىنىڭ ئىچى ناھايىتى ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

    *ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بېل. گايتىسنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى شۇنچىۋالا تارىتىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى بولغانلىقىدىلا بولماستىن، مۇھىمى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ئوتتەك قىزغىن ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتقانلىقىدا، خالاس. بېل. گايتىس بىر باياناتىدا: بۇ بايلىقلارنى جەمئىيەتكە قايتۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى. چۈنكى قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇش– جەمئىيەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى. شۇڭا مەن بارلىق تەئەللۇقاتىمنى ئۈچ بالامغا مىراس قالدۇرماي، ئەكسىچە جەمئىيەتكە ئىئانە قىلىمەن، دىگەن.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] قىتان خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار [ 2011-06-22 12:04:13 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھۇنلارنىڭ تىلى ۋە ئېتنىك تەۋەلىكى [ 2011-06-22 11:42:47 ]
[خەنزۇتىلى] ئادەتتىكى 3- يىللىق2-ماۋسۇملۇق خەن [ 2011-06-22 11:32:06 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئايال ئەدىبل [ 2011-06-21 15:53:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] سىرلىق سان [ 2011-06-21 15:49:12 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] سانلارنىڭ مەنىسى ، سىمۋولى [ 2011-06-21 15:46:53 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] چەكسىز چوڭ ۋە چەكسىز كىچىك [ 2011-06-21 15:43:03 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] بىر قىسىم سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ ئىشل [ 2011-06-21 15:38:33 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] ئۇيغۇر تىلىدىكى بېقىندى باغلىنىش [ 2011-06-21 15:34:29 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] سۈپەتسىز ئويۇنچۇقلارنىڭ خەتىرى كۆ [ 2011-06-21 15:25:42 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر