سىرلىق سان
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-21 15:49 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
سىرلىق سان 奇怪的数字 The number of strange ئېينىشتېين1879 - يىل3 - ئاينىڭ14 - كۈنى تۇغۇلغان. بۇ سانلارنى ئارقىمۇئارقا تىزغاندا1879314 ھاسىل بولىدۇ. بۇ س
سىرلىق سان
奇怪的数字 The number of strange
ئېينىشتېين1879 - يىل3 - ئاينىڭ14 - كۈنى تۇغۇلغان. بۇ سانلارنى ئارقىمۇئارقا تىزغاندا1879314 ھاسىل بولىدۇ. بۇ سانلارنى قايتىدىن تىزىپ، ئوخشاش بولمىغان ھەرقانداق بىر سان (مەسىلەن3714819) نى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئىككى ساننىڭ چوڭىدىن كىچىكىنى ئېلىۋەتسەك (بۇ مىسالدا1835505 =1879314-3714819) بىر ئايرىما كېلىپ چىقىدۇ. ئايرىمىنىڭ ھەرقايسى رەقەملىرىنى قوشقاندا، ئەگەر ئىككى خانىلىق سان كېلىپ چىقسا، ئۇنىڭدىكى ئىككى رەقەمنى ئۆزئارا قوشساق ئاخىرقى نەتىجە9 بولىدۇ، يەنى
9=2+7,27=1+8+3+5+5+0+5
كوپېرنىكنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى1473 - يىل2 - ئاينىڭ19 - كۈنى، نيوتۇننىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى1642 - يىل12 - ئاينىڭ25 - كۈنى، گائۇسنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى1777 - يىل4 - ئاينىڭ30 - كۈنى، كيۇرى خانىمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى1867 - يىل11 - ئاينىڭ7 - كۈنى بولۇپ، ئۇلارنى يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىساقمۇ، ئاخىرىدا9 كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىساق، ئاخىرىدا9 چىقىدۇ.
بىرەر چوڭ ساننىڭ خانىلىرىدىكى رەقەملىرىنى ئۆزئارا قوشقاندا بىر يىغىندى كېلىپ چىقىدۇ؛ ئاندىن بۇ يىغىندىنىڭ خانىلىرىدىكى رەقەملەرنى ئۆزئارا قوشقاندا يەنە بىر يىغىندى كېلىپ چىقىدۇ؛ مۇشۇنداق قىلىشنى ئەڭ ئاخىرقى رەقەملەرنىڭ يىغىندىسى بىر خانىلىق سان بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرساق، ئاخىرقى بۇ سان ئەڭ دەسلەپكى ئاشۇ ساننىڭ »رەقەملىك يىلتىزى« دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ رەقەملىك يىلتىز ئەسلىدىكى ساننى9 غا بۆلگەندىكى قالدۇققا تەڭ بولىدۇ. بۇ ھېسابلاش جەريانى ئادەتتە «توققۇزنى چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى» دېيىلىدۇ.
بىرەر ساننىڭ رەقەملىك يىلتىزىنى تېپىشنىڭ ئەڭ تېز ئۇسۇلى ئەسلىدىكى ساننىڭ رەقەملىرىنى قوشقاندا9 نى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن،385916 نىڭ رەقەملىك يىلتىزىنى تېپىشتا، بۇنىڭ ئىچىدە9 بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە6 +3،1 +8 لەرنىڭ يىغىندىسى9 بولىدۇ، بۇلارنى چىقىرىۋەتسەك، ئاخىرىدا5 ئېشىپ قالىدۇ، بۇ ئەسلىدىكى ساننىڭ رەقەملىك يىلتىزىدۇر.
توققۇزنى چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى چوڭ سانلارنى قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش نەتىجىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، c=b-a دە، نەتىجە c نى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، a نىڭ رەقەملىك يىلتىزىدىن b نىڭ رەقەملىك يىلتىزىنى ئېلىۋېتىپ (ئەگەر ئالدىنقى سان كىچىك بولسا، ئۇنىڭغا9 نى قوشىمىز)، ئايرىمىنىڭ c نىڭ رەقەملىك يىلتىزى بىلەن ئوخشاش چىققان - چىقمىغانلىقىغا قارايمىز. ئەگەر ئوخشاش چىقمىسا، ئالدىدىكى نەتىجە چوقۇم خاتا ھېسابلانغان بولىدۇ؛ ئەگەر ئوخشاش چىقسا، ھېسابلاشنىڭ توغرا بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.
بۇ بىلىمدىن پايدىلىنىپ تۇغۇلغان كۈننى ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ سىرىنى چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر بىر سان n نى نۇرغۇن رەقەملەردىن تەركىب تاپقان دېسەك ۋە n نى تەشكىل قىلىدىغان رەقەملەرنى قايتىدىن تىزساق، بىر يېڭى سان ′n غا ئېرىشىمىز، روشەنكى، n بىلەن ′n نىڭ رەقەملىك يىلتىزلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئىككى رەقەملىك يىلتىزنى بىر - بىرىدىن ئېلىۋەتسەك0 كېلىپ چىقىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ′n-n نىڭ نەتىجىسى چوقۇم9 نىڭ ھەسسىلىك سانى بولىدۇ، ئۇنىڭ رەقەملىك يىلتىزى0 ياكى9 بولىدۇ. ۋەھالەنكى، بىزنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلىمىزدا0 بىلەن9 ئوخشاش (يەنى بىر ساننى9 غا بۆلگەندە كېلىپ چىققان قالدۇق). پەقەت ′n=n بولغاندا، يەنى ئەسلىدىكى سان ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرمىگەن ۋاقىتتىلا،0 =′n-n بولىدۇ؛ پەقەت ′n≠n بولسىلا، ′n-n غا نىسبەتەن رەقەملەر يىغىندىسىنى بىرنەچچە قېتىم تېپىشتا كېلىپ چىققان نەتىجە چوقۇم9 بولىدۇ.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------