پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

«قىزىل يامغۇر» باشقا سەييارىلەردى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-25 04:29 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
قىزىل يامغۇر باشقا سەييارىلەردىكى جانلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى ھىندىستاندا غەلىتە قىزىل
«قىزىل يامغۇر» باشقا سەييارىلەردىكى جانلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن



 بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى ھىندىستاندا غەلىتە ‹‹قىزىل يامغۇر›› ياغدى. كىشىلەر ‹‹قىزىل يامغۇر›› تەركىبىدە مېتېئورىتتىن چۈشكەن مىكرو جانلىقلار بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراشتى. بۇ تارىخ بېتىگە پۈتۈلگەن كۆپ قېتىملىق ‹‹قىزىل يامغۇر›› يېغىش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى خالاس. ئەنگلىيىدىكى بېلفاسىت خانىش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەيدىغان مككاففېرت (McCafferty) مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ غەلىتە ۋەقەلەر تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىن كۆپ مۇرەككەپ، ئۇلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن چۈشكەن مېھمانلار بىلەن باغلىنىشلىقلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى خىلمۇخىل ئىلمىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
مككاففېرت دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدىن ‹‹قىزىل يامغۇر››غا دائىر 80 خاتىرە، كۆل ياكى دەريا سۈيى قىزىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرىغا دائىر 20 خاتىرە، مۇشۇ ھادىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يېغىن (ئالايلۇق، باشقا رەڭلىك يامغۇر، قارا يامغۇر، چالما يامغۇر، ھەسەل يامغۇر ۋە باشقىلار)غا دائىر 68 خاتىرە تاپقان. ئۇلارغا قارىغاندا، بۇ ھادىسىلەر كۆرۈلگەن چاغ، جاي ئوخشىمايدۇ، قەدىمكى زاماندا رىمدا، ئوتتۇرا ئەسىردە ئېرىلاندلار، نورماندىلار زامانىدىكى برىتانىيىدە، 19 – ئەسىردە كالىفورنىيىدە ۋە باشقا جايلاردا كۆرۈلگەن. ئۇ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ ۋەقەلەرنىڭ 60 قېتىمى (ئومۇمىي ۋەقەنىڭ %30 ى)نىڭ مېتېئورىت ياكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئاسمان بوشلۇقىدا پارتلىغاندىن كېيىن غەلىتە يېغىن ياغقانلىقىنى، غەلىتە يېغىنلاردىن بەزىلىرىنىڭ مېتېئورىت ئېقىش ياكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇرلارنىڭ ئۆز ئارا سوقۇلۇشى بىلەن بىر يىلدا كۆرۈلگەنلىكىنى، تارىخىي ماتېرىيالدا خاتىرىلەنگەن قىزىل يامغۇرلارنىڭ يەنە تولاراق سىرلىق گىياھلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ھىندىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كېرالا رايونىدىكى ئاھالىلەر 2001 – يىل 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى قىپقىزىل يامغۇر يېغىشقا باشلىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ ‹‹قىزىل يامغۇر›› ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ ئىككى ئاي ياغقان. ئالىملار يامغۇر سۈيىنىڭ قىزىرىپ كېتىشىگە كىلېتكىغا ئوخشاپ كېتىدىغان دانچىلار سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن. كېيىن ئىككى ھىندىستانلىق ئالىم بۇ داغلارنى خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلار ئالەم بوشلۇقىدىن چۈشكەن ئۇششاق جانلىقلاردەك تۇرىدۇ، كىلېتكا قۇرۇلمىسى يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭكىگە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلاردا DNA (يىپسىمان ۋە دانىچىسىمان زەررىچىلەر) يوق، دەپ قارىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىزىل يامغۇر يېغىشقا باشلاشتىن نەچچە سائەت بۇرۇن بىر ئاقار يۇلتۇز ئالەم بوشلۇقىدا پارتلىغان. ئالىملار يەنە بۇ دانىچىلارنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا نۇسخىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلمىغان. بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىلىم ساھەسىدە ھېلىمۇ تالاش – تارتىش بولۇۋاتىدۇ.
ئەركىن تۇرسۇن تەرجىمىسى 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] تارىم دەرياسى [ 2011-06-25 04:43:26 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھىتلېر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئۆچ [ 2011-06-25 04:40:30 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] قۇياش ھەرىكىتى ۋە رادىياتسىيەنىڭ [ 2011-06-25 04:36:13 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] قۇياش ھەرىكىتى ۋە رادىياتسىيەنىڭ [ 2011-06-25 04:36:13 ]
[تارىخى بىلىملەر] ماۋزىدۇڭ ئۆمرىدە ياختۇرغان ئايال [ 2011-06-25 04:32:21 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] «قىزىل يامغۇر» باشقا سەييارىلەردى [ 2011-06-25 04:29:31 ]
[تارىخى بىلىملەر] لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار كىم؟ [ 2011-06-25 04:24:05 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە تەس [ 2011-06-25 04:08:33 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] مىسىرلىقلار ھېلىھەم ئىشلىتىۋاتقا [ 2011-06-25 04:04:59 ]
[تارىخى بىلىملەر] قىتان خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار [ 2011-06-22 12:04:13 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر