بارلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار سەمىگە
نۆۋەتتە يىڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى باشلاندى،شۇ سەۋەپلىك تور بىتىمىزنى زىيارەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچى سەبداشلارمۇ تەبىئيلا كۆپەيدى،شۇڭلاشقا كەڭ تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. 1. تور بىتىمىزدىكى دەرس تەييارلىق قاتارلىق ماتىرياللار بىردەك پۇلغا سىتىلمايدۇ،باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنمەيدۇ.پەقەت سىز ئۆزىڭىز چۇشۇرۇپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. 2. تور بىتىمىزدىكى نومۇر ۋە جۇغلانما تەلەپ قىلىدىغان ماتىرياللارغا قارىتا بىردەك شۇ نومۇر ياكى جۇغلانمىغا ئىرىشكەندىن كىيىن چۇشۇرۇش تۇزىمى ئەمىللەشتۇرلىدۇ. 3. نومۇر ۋە جۇغلانمىغا ئىرىشىش ئۇچۇن تور بىتىمىزگە سىزمۇ ماتىريال يوللاڭ. ئەگەر ماتىريال يوللاشنى بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى تىمىنى كۆرۇپ چىقىڭ. يەنە تىما يوللىماسلىققا نىمە باھانە بار ئەگەر يەنە يوللىيالمىسىڭىز ئۇنداقتا يوللايدىغان ماتىريالىڭىزنى baxtax@vip.qq.com ئىلخەت ساندۇقىغا ماتىريال ۋە بەشتاش تورىدىكى ئەزالىق نامىڭىزنى قوشۇپ يوللاڭ.بىز سىزگە ۋاكالىتەن ماتىريالنى يوللاپ قويۇش بىلەن بىرگە ،مۇناسىپ نومۇرنى قوشۇپ بىرىمىز. 4. ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ھەرقانداق بىر ۋاستىدىن پايدىلىنىپ تور بىتىمىز ماتىرياللرىنى باشقا تور بەت،بىلوگ،ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ تارقىتىشىغا بولمايدۇ. (بىز يىقىندا مەلۇم تور بەت ۋە مەلۇم شەخىس ئۇستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز.) شۇڭلاشقا تور بىتىمىز ماتىرياللىرىنى خالىغانچە كۆچۇرۇپ تارقاتقان شەخىس ۋە توربەتلەردىن تور بىتىمىز تارقاتقان، كۆچۇرۇپ يوللىغان ماتىرياللارنى ئۆچۇرۋىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. 5.تور بىتىمىز ماتىرياللرىنى ھەقلىق سىتىۋالغان تورداشلارنىڭ ماتىريالنى ھەقلىق ساتقۇچىنى پاش قىلىشىنى ۋە تور بىتىمىز ماتىرياللىرىنى كۆچۇرۇپ تارقاتقان شەخىس ،تور بەتلەرنى پاش قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز. پاش قىلغان ئەزالار تۆھپىسىگە قاراپ مۇناسىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. 6. مائارىپ ئۇچۇن تۆھپە قوشۇشنى ئويلايدىغان، دائىم تورغا چىقالايدىغان، ۋەدىسىدە تۇرالايدىغان،ئىشەنچىلىك دوسلاردىن بىرقىسىم باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.ئەگەر مۇشۇنداق دوسلار بولسا تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بەشتاش بالىلار مائارىپ تور بىتىنىڭ بارلىق باشقۇرغۇچىلىرىغا: تور بىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ئاساسەن باشقۇرغۇچىلارغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. 1.تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى چوقۇم ھەرھەپتىدە ئەڭ ئاز دىگەندە 4 قىتىم تورغا كىرىشى،مەزمۇنلارغا ۋە ئىنكاسلارغا قارىتا تەستىقلاش،تەھرىرلەش،جاۋاپ قايتۇرۇش ئىلىپ بىرىشى كىرەك.ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت تورغا كىرەلمەيدىغانلار چوقۇم رۇخسەت سورىشى كىرەك. 2. تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەر ھەپتىلىك تىمىسى ئەڭ ئاز دىگەندە 3 پارچىدىن ئاز بولماسلىقى لازىم. ئەگەر پايدىلىنىش قىممىتى پەۋقۇلئادە يۇقىرى تىما بولسا، ئەسلى يوللىغۇچىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كىيىن تور بىتىمىزگە يوللاشقا بولىدۇ. بولمىسا يوللاشقا قەتئى يول قويۇلمايدۇ. 3.باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ،تۇرلۇك باھانە سەۋەپ بىلەن باشقىلارنى تور بىتىمىزدە تارقىتىلغان ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىشىگە بولمايدۇ. 4. يۇقارقى تۇزۇمگە رىئايە قىلالمىغان باشقۇرغۇچىلارغا بىرىنچى قىتىم ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدۇ .ئەگەر يەنە يۇقاردا دىيىلگەن تۇزۇمگە رىئايە قىلمىسا باشقۇرغۇچلىق ۋەزىپىسى بىكار قىلىنىدۇ.( نۆۋەتتە تور بىتىمىزدە 20 دىن كۆپرەك باشقۇرغۇچى بولسىمۇ لىكىن بىر قىسىملارنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ناچار) يۇقارقى تۇزۇملەر 2011-يىل 2-ئاي 27-كۇنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى تور بەت تۇزۇش ،باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى 2011-يىل 2-ئاي 27-كۇنى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|