ماۋزىدۇڭ ئۆمرىدە ياختۇرغان ئايال
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-25 04:32 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماۋزىدۇڭ ئۆمرىدە ياختۇرغان ئاياللار قەدىمدىن تارتىپ، پالۋانلار گۈزەللەرگە مەپتۇن بولغان، ماۋزىدۇڭ جۇڭگودىكى ھەم دۇنيادىكى مەشھۇر
ماۋزىدۇڭ ئۆمرىدە ياختۇرغان ئاياللار
قەدىمدىن تارتىپ، پالۋانلار گۈزەللەرگە مەپتۇن بولغان، ماۋزىدۇڭ جۇڭگودىكى ھەم دۇنيادىكى مەشھۇر قەھىرىمانلارنىڭ بىرى. بىر ئۆمرىدە ئۇ ھەۋەس قىلغان ئاياللارنى يىغىنچاقلىغاندا ئونغا يېتىدۇ. ۋاقىت تەرتىپى بىلەن بىز ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
1-ئايال : تاۋ يى ــــ يەنى ساۋاقداش مەزگىللىرىدىكى تاۋ سىيۇڭ، شىياڭتيەنلىك. كېيىن چاڭشاغا كۆچۈپ كەتكەن. باياشات سودىگەر ئائىلىسىدىكى بۇ خانقىز جۇنەن قىزلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. شۇ ۋاقىتلاردىكى چاڭشا جەنۇبىدىكى تۇنجى تالانتلىق قىز دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بويى بەك ئېگىز، بەكمۇ ئىقتىدارلىق ھەم تالانتلىق. چاڭشا گۈزىلى دەپمۇ ئاتىغان.تاۋ سىيۇڭ ئۆمرىدە توي قىلمىغان، 1931-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 36 ياشتا ئىدى.
2-ئايال: ياڭ كەيخۇي ــــ ماۋزىدۇڭنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياڭ جىڭجىنىڭ قىزى. 1901-يىلى چاڭشا ناھىيىسىنىڭ چياڭ ساڭدا تۇغۇلغان. ماۋزىدۇڭدىن سەككىز ياش كىچىك. چاڭشادىكى ۋاقىتتا ئۇلار پەقەت ساپ بولغان ئۇستاز شاگىرت مۇناسىۋىتىدە ئىدى. كېيىن، ماۋزىدۇڭ ياڭ جىنجى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئۆگىنىشكە كەلگەندە، بۇ شاگىرت سىڭىلچاق بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن.
3-ئايال: خې زىجېن ئەسلى ئىسمى خې گۈييۈەن، جىياڭشى يۇڭشىنلىك. 1909- يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان. ئىلگىرى يۇڭشىن ناھىيىسى كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شۇجىسى بولغان. ج ك پ يۇڭشىن ناھىيىسى ھەيئىتى، جىنەن ناھىيىسى ھەيئىتى ئاياللار ئۇيۇشمىسى شۇجىسى بولغان. 1927-يىلى يۇڭشىن دېھقانلار قۇراللىق قوزغىلىڭنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، يۈەن ۋېنسەي بىلەن جىڭگاڭشەنگە چىققان. 1928-يىلى شىياڭ تېغى بىلەن جياڭشى چىگرىسىدىكى ئالاھىدە ئويۇشما ۋە قىزىل تۆتىنچى ئارمىيە ئورگان تەشۋىقات خىزمىتىنى قىلغان.
4-ئايال: داڭلىق يازغۇچى دىڭ لىڭ 1904-يىلى 10 ئاينىڭ 12 كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭ دې شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى جياڭ ۋېي. ئۆسمۈر مەزگىللىرىدە جياۋيۈەن، چاڭ دې، چاڭشا قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. ياڭ كەيخۈي بىلەن يۆيۈن ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىزدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدى. 1936-يىلى 9 ئايدا پارتىيىنىڭ قۇتقۇزىشى بىلەن نەنجىڭدىن ئايرىلىپ شاڭخەيدىن ئوغرىلىقچە شىئەنگە كەلگەن، ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ق ك پ نىڭ مەركىزى بولغان يەنئەنگە كەلگەن.
5-ئايال : ۋۇ لىلى1912-يىلى تۇغۇلغان. بېيجىڭلىق. ئەسلى ئىسمى ۋۇ گۇاڭخۇي، ئىنگىلىزچە ئىسمى لى لى. يەنى ئەركىلەتمە ئىسمى. بېيپىڭ قىزلار پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنى ئوقۇغان تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى. ئىنگىلىز تىلىدا ئالاھىدە ياخشى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ۋۇ لى لى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. ھارون، سىنا ۋە سىمىترى قاتارلىقلار بىلەن تۇنۇشقان.1937-يىلى 7-ئاينىڭ7-كۈنى لۇگۇچياۋ ۋەقەسى قوزغىلىپ، پىڭ جىن قولدىن كېتىدۇ. ۋۇ خانقىز ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدۇ، ئۇ ئارزۇلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ياپونغا قارشى كۆرەش قىلىپ ۋەتەنگە ئازراق تۆھپە قوشۇشنى كۆزدە تۇتۇپ سىمىترى بىلەن يەنئەنگە كىلىدۇ. 3-ئايغا كەلگەندە، سىمىترى ۋۇ لى لى بىلەن كەچىلىكى چىركاۋدا تانسا ئۆگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋۇ لى لى تانسا چولپىنى بولۇپ قالىدۇ. شىمالىي شەنشى نامراتلىقتىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.
6-ئايال: جاڭ چىڭ ئەسلى ئىسمى: لى يۈنخې، 1914-يىلى تۇغۇلغان، شەندۇڭ جۇچېڭلىق. 1929-يىلى باھاردا، جىنەندە شەندۇڭ تىياتىرخانىسىغا كىرگەن. 1933-يىلى ج ك پ ئەزاسى بولغان. بەش ئايدىن كېيىن پارتىيە بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن. 1934-يىلى شاڭخەي گومىنداڭ ھۆكىمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا لەن پىڭ ئىسىم بىلەن داڭلىق كىنو چولپىنى بولغان. 1937-يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، 7- ئىيۇل ۋەقەسى پارتىلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، لەنپىڭ شاڭخەيدىن ئايرىلىپ شىئەنگە كەلگەن. 8-ئايدا، يەنئەنگە كەلگەن. شۇ ۋاقىتتا ئىسمىنى جاڭ چىڭغا ئۆزگەرتكەن. 11-ئايدا ياپونغا قارشى ھەربىي ئىشلار ئۇنىۋېرسىتىتېدا (ماركىسىزىم-لېنىنىزىم ئىنىستىتۇتىدا ئۆگىنىش قىلغان.)
7-ئايال : سۇڭ چىڭ لىڭ، سۇڭ چىڭلىڭ 1893-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان. ماۋزىدۇڭ بىلەن بىر يىلدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقىتلىرىدا، ماۋزىدۇڭ سۇڭچىڭلىڭنى كۆرۈشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ چاغلاردا، سۇڭچىڭلىڭنىڭ گۈزەللىكى ۋە نازاكەتلىكى ئۇنى ئىگىۋالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ سۇڭچىڭلىڭنىڭ ئادىمىيلىكلىكىگە بەك ھەۋەس قىلاتتى ھەمدە ئۇنىڭ مۇكەممەل بىر ئايال دەپ قارايتتى تاكى 1945-يىلى 9-ئايغىچە ماۋزىدۇڭ ئاندىن ئۇنى چۇڭچىڭدا جاڭ جىجۇڭنىڭ ئائىلىسىدە قېتىم كۆرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ماۋېزىدۇڭ ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان. ئۇ ماۋزىدۇڭنىڭ خەتلىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر قەدىرلىك ھەدە دەپ ئاتالغان ئاياللارنىڭ بىرى.
8-ئايال: ۋاڭ گۇاڭمېي، داڭلىق جەمەتتىن كېلىپ چىققان. ئاتىسى ۋاڭ جىچاڭ ئىلگىرى ياپونىيىگە چىقىپ قانۇن فاكولىتىتنى ئوقۇپ كەلگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېيياڭ مىللىتارسىت ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك سودا مىنىستىرلىكىنىڭ سودا –سانائەت باشلىقى بولغان. ئىلگىرى يەنە ئەنگىلىيە، ئامىرىكىغىمۇ بارغان.
9-ئايال: جاڭ يۈفېڭ، دۇڭبىينىڭ مۇدەنجاڭدىكى بىر ئاددى-ساددا ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئائىلىدە 8 بالا بولۇپ، ئۇ تۆتىنچىسى ئىدى. ئائىلە ئىقتىسادى بەك ناچار بولغاچقا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان. 1958-يىلى يولۇچىلار پويىزىدا پويىز خادىمى بولغان. 1962-يىلى ماۋزىدۇڭ چىققان ۋاگۇننىڭ خىزمەتچىلىكىگە يۆتكىگەن.1967-يىلى ئۆزى بىلەن بىر يولدا ماڭىدىغان پويىز خادىمى لىيۇ ئەيمىڭ بىلەن توي قىلغان. ماۋزىدۇڭ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى 1970-يىلى 7-ئايداجۇڭنەنخەيگە يۆتكەپ كەلگەن. كېيىن ماۋزىدۇڭنىڭ تۇرمۇش كاتىپى بولغان. ماۋزىدۇڭنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان. ماۋزىدۇڭنىڭ ئۇنىڭ ھەۋەس قىلىش خاراكتېرى جەھەتتە جېن زىخېغا بەكمۇ ئوخشاپ قالاتتى. شۇ ۋاقىتلاردا پېشقەدەم جاڭ چىڭدىن شۇنچىلىك زېرككەن ۋاقىتلىرى ئىدى. ئەتراپىدا باللىرىمۇ يوق، ناھايىتىمۇ يالغۇزچىلىق ھېس قىلغان.
10-ئايال: ئېمىلدا خانىم، ئادەتتىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى ئىدى. 9 يېشىدا ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاچا –سىڭىل قېرىنداشلىرىدىن ئالتىسى بار بولۇپ، ئۇ ئائىلىدىكى چوڭ بالا ئىدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن باشلاپ، يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن خىزمەت قىلاتتى. ئىمىلدا خانقىز شۇنچىلىك جاسارەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان سۆزى« چىرايىمىزدىن مەڭگۈ كۈلۈمسىرەش كېرەك، قايغۇ –ئەلەمنى مەڭگۈ ئىچىمىزگە يۇتۋېتىشىمىز كېرەك » دەيتتى. كېيىن ئۇ فىلىپىننىڭ بىردىنبىر گۈلى بولۇپ قالغان. گۈزەل بولۇپلا قالماي، شۇنچىلىك جەلىپكار ئىدى. ئۇ يەنە تېخى ناخشا ئېيتالايتتى. كېيىن ئۇ فلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ ئايالى بولۇپ قالغان.
1974-يىلى 9-ئايدا، ماۋزىدۇڭ ماركىس ئەر-ئايال بىلەن كۆرىشكەن. ماۋزىدۇڭنىڭ شۇ ۋاقىتتا تېنى ناھايىتى ئاجزىلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ ئابرويى ئۈچۈن ئۆزىنى رۇسلاپ مېھمانخانىدا مېھمانلارنى كۈتىۋالغان.
شۇ ۋاقىتتا چىرايلىق گۈزەل ماركىس خانىمنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ماۋزىدۇڭ تۇيۇقسىزلا قاتتىق ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا باقىدۇ. بۇ ھالەت يەنە جاڭچىڭنىڭ كۈندەشلىكىنى قوزغاپ قويغان ئىدى. ئارقىدىنلا يەنە تېخىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ھالەت يۈز بەردى، ماۋزىدۇڭ يەنە ئۇشتۇمتۇتلا ئىمىلدا خانىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ مەيدىسىگە ياققان. ئاندىن قولىغا سۆيۈپ قويغان. خانىم تەسىرلەنگىنىدىن« مەن بەك بەخىتلىك ئىكەنمەن» دېگەن. بۇ نەق مەيداندىكى خاتىرە قالغان بىر سۈرەت.
بۇ بىردىنبىر ماۋزىدۇڭنىڭ بىر ئايالنى سۆيۈپ قويغاندىكى سۈرىتى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. 1965-يىلىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ تاكى 1985-يىلىغىچە تەخىتتىن چۈشكىچە ماركىس ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بايلىقىنى سانىغاندا، 5 مىلياردىن 10 مىلياردقىچە ئامرىكا دوللىرى بولغان. ماركىس ئەر-ئايال فىلىپپىن تارىخىدىكى ئەڭ چىرىكلەشكەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن زۇڭتۇڭ ۋە خانىم بولغان. فىلىپپىن خەلقى ماركىسنى ھوقۇقىنى تاشلىغاندىن كېيىن، ئىمىلداغا ھۆكۆم چىقارغان، كېيىن كەچۈرۈم قىلغان. 80 يېشىدىمۇ يەنىلا سايلام ئەزاسى بولغان.
تەرجىمىسى: گۈلجەننەت مۇھەممەت.
مەنبە:باغداش تورى. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------