باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

يۇسۇپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخ

يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-20 17:53 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخىيھۆججەتلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 - ئەسىردىكى بۈيۈك ، مۇتەپپە

يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخىيھۆججەتلەر



ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 - ئەسىردىكى بۈيۈك ، مۇتەپپەككۈر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان " پايناپ" يېزا تەۋەسىدىكى " ئالتۇنبېلىق" تا ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ھەممىگە ئايان . بۇ قىل سىغمايدىغان ئەمەلىي پاكىت . ئەمما ، يېقىنقى يىللاردىنبۇيان بەزى كىشىلەر : " بۇ قەبرىگاھ يۈسۈپ خاسھاجىپنىڭ ئەمەس ، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمنىڭ ئىدى " ، " يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلاد ساغۇنلۇق بولغاندىن كېيىن ، قەبرىگاھىمۇ بىلاد ساغۇندابولىشى كېرەك . " دېگەن دەۋالاردا بولۇپ ، جامائەتچىلىكئارىسىدا بەزى مۈجىمەل قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، بۇ كىشىلەر يۇقۇرىقىدەك ئاساسسىز دەۋالار دا بولۇشقان بولسىمۇ ، لېكىن ھازىرغىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭئورنى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر پاكىت ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى . مانا بۇ يۇقۇرىدىكى دەۋانىڭ يالغانلىقىنىكۆرسىتىدۇ .
قايتا ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىغا ھۇل قويۇشتىن ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايەتلىكمەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئورنى 3 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئاجرىتىپ . يۈسۈپ خاس ھاجىپقەبرىگاھىنىڭ ئورنىغا دائىر بىرمۇنچە پاكىتلارنى توپلىدى . ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئالىم ، مۇتەخەسىسلەرنى ئەۋەتىپ ، پاكىتلارنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى . ئالىم ۋەمۇتەخەسىسلەر پاكىتنى تەكشۈرۈش ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .
ھازىر قولىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجىرىيە 410 - يىلى بىلاد ساغۇندا تۇغۇلۇپ ، ھىجىرىيە 478 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقى ، جەسىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەرشەھىرىنى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا كېسىپئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق " بارىگاھ " دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغانلىقى ، ھىجىرىيە 514 - يىلى ئۇ جايدىن ھازىرقى " ئالتۇنبېلىق " قا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ پاكىتلار ساقلانماقتا . مەن ھازىرغىچە بۇ پاكىتلاردىن 19 - ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان ئىككى پارچەھۆججەتنى جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
بىرىنچى ھۆججەت " بەھرۇل -ئەنساب " (نەسەب دەرياسى) ناملىق ئەسەر بولۇپ ، بۇنى 19 - ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى ئېمۇر ھۈسەيىن سەبۇرىتۈزگەن . بىراق ، سەبۇرىنىڭ ئۆمرى " بەھرۇل - ئەنساب " نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يار بەرمىگەنلىكتىن ، شاگىرتى قازى مۇھەممەت سايىم سۇفىئاللايارىغا ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنىتاپشۇرغان . ھەمدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغانيىلنامىسىنى ، قەبرىگاھ ئورنىنى شۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان . قازى مۇھەممەت سايىم سوفىئاللايارى ئۇستازى سەبۇرىنىڭۋەسىيىتىگە ئاساسەن " بەھرۇل - ئەنساب " نىڭ ئەڭ ئاخىرىسىنىڭ سول بۇرجىكىگە : " ئەز ھەزرىتى يۈسۈف خاس ھاجىپ دەرسىنە چەھارسەد ھەجتاد ھەشت ھىجىرىيەۋەفات شۇدە . قەبرى شىمالىي كۇھنە ھىسار زەمىنى فابىئاب مەدفۇن شۇدەست ، ئامىن . مىن شەيخى دۇئاگۇي مۇھەممەت سائىم سۇفى ئاللايارى سۇبھۇ شام ، بەلكى ئەلەددۋام مەرازى مەزكۇر سېھتەنبۇزۇرۇكۋار روھى پۇرفۇتۇھ دۇئايىقۇرئان مىكۇنەم " ، دەپ يېزىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋاپاتىنىڭ ھېجىرىيە 478 - يىلى ئىكەنلىكىنى ، قەبرىگاھنىڭ شىمالىيكوھنە ھىساردىكى " فايى ئاب " تا ئىكەنلىكىنى ، بۇقەبرىگاھتا يەنە يۈسۈپ قىدىرخان غازى پادىشاھىنىڭ ۋە يۈسۈپ قىدىرخان ئىسىملىك شاھشادىنىڭ مازىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىزاھلىغان . تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، يۈسۈپقىدىرخان مىلادى 1040 - يىلى غەربىي قاراخانىيلار زېمىندىن شەرقىي قاراخانلار زېمىنىگە قېچىپ كەلگەن يۈسۈپ ئىبنى ئەلى ئىسىملىكشاھزادە ئىكەن . قارى مۇھەممەت سايىم سوفىئاللايارى " بەھرۇل - ئەنساب " نىڭ ئاخىرقى بېتىنىڭ ، تۆۋەنكى ئوڭ بۇرجىكىگە : " ئەر ھەزرىتى ساھىب قەلەم ئۇستادىمموللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرى بۇ مەزكۇر ' بەھرۇل - ئەنساب ' نىڭ تەمامىغە يۈسۈج خاس ھاجىپنىڭ قەبرى شەرىفىلىرى شىمالىي كۇھنە ھىسادۇر . مەزافىئىي فايى ئابتا مەدفۇن ئىكەنلىكىنى ئىزھارقىلىپ ، يېزىپ تاماملاشنى پەقىرگە تەماملاشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇستادىم مەرھۇم موللا مىر ھۈسەيىنسەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن يۈسۇف خاس ھاجىپنىڭ دەفىنگاھىنى بۇ ' بەھرۇل - ئەنساب' قا كىرگۈزۈپ ، جامائە مۇسۇلمان ، ئەۋلادىتۈرك خەلقلىرىگە يادىكار قىلدىم . قازىمۇھەممەد سايىم سۇفى ئاللايارى " دەپ يېزىپ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ، قەبرىگاھىنىڭ ئورنىنى ، كىمنىڭ تەشەببۇسىبىلەن ، نېمە سەۋەبتىن بۇ " بەھرۇل - ئەنساب" قا كىرگۈزۈپقويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ قازىلىقمۆھىرىنى باسقان .
ئۇزۇنلۇغى 8.20 مېتىر ، كەڭلىكى 26 سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " نى 20 - ئەسىرنىڭباشلىرىدا ياشىغان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەقوغان يېزىسىنىڭ ئاياقچىلا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۆلىما شائىر ئابدىرىيىم ھاجىم ساقلاپ كەلگەن . ( 1877 - 1845 - يىللار) . ئابدىرىيىمھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " مەرىپەرسۆيەر ئوغلى مۇھەممەتىمىن قارىمغا مىراس قالغان . 1965 - يىللاردا بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " مۇھەممەتىمىن قارىمنىڭ قولىدىن 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ياشىغانتارىخچى ئالىم تالانتلىق شائىر ئېمىر ھەسەن قازىھاجىم ( 1900- 1985 -يىللار) نىڭ قولىغا ئۆتكەن . مەرھۇم .ئمىر ھەسەن قازى ھاجىم 1985 - يىلى بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " نىئاۋۋال قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدىنىيەتيادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئورنىغا ، كېيىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكاددىمىيىسىگە تەقدىم قىلغان . بۇ " بۇھرۇلئەنساب " ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىيپەنلەر ئاكاددىمىيىسىنىڭ ماتېرىيال بۆلىمىدە ساقلانماقتا .
ئىككىنچى ھۆججەت : " قەلەمىي قۇرئان " ( كىتابنىتىزىمغا ئېلىش جەريانىدا قويۇلغان ئىسىم بولۇپ ، ئەسلى قۇرئاندا بۇ ئىسىم بۇ مەۋجۇت ئەمەس . قۇرئان قولدا ، قۇمۇش قەلەمدە خوتەننىڭ يىپەك قەغىزىگە خوش خەت قىلىپ يېزىلغانلىقتىن ، تىزىمغا ئالغۇچىلار شۇنداق دەپ نام قويغان بولسا كېرەك . ئاپتوردىن ) بولۇپ ، خوتەندىن تېپىلغان . بۇ قۇرئاننىخوتەنلىك بىر يارى بۇرادەر ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىمغا ھەدىيە قىلغان . ئېمىر ھەسەن قارى ھاجىم بۇ قۇرئاننى 1984 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ، باشقۇرۇشئورنىغا تەقدىم قىلغان .
قۇرئان 726 بەت بولۇپ ، ئۇزۇنلۇغى 34 سانتىمېتىر ، كەڭلىگى 22 سانتقمېتىر ، قېلىنلىقى 6 سانتىمېتىر ، ھەر بىرىدە 13 قۇردىن خەت بار . قۇرئاننىڭ تاش مۇقاۋىسى بىلەن باشتىكى ئىككى بېتى يوقالغان . قۇرئاننى ساقلىغۇچى تاش مۇقاۋىسىنىھازىرقى زامان رەختىنى ئىشلىتىپ قاتتىق قەغەز بىلەن مۇقاۋىلىپقويغاندىن باشقا ، ئىچ بېتىگە : " قۇرئاننى بىتەرەت قولغائالساق گۇناھكار بولىمىز " دېگەن خەتنى ۋە يوقالغان ئىككى بەت ئورنىغا : " سۈرە فاتىھە " بىلەن " سۈرە ئەلىف ، لام ، مىم " نى خۇش خەت قىلىپ يېزىپ ، تولۇقلاپقويغان . قۇرئاننىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەسلى كۆچۈرگۈچى كاتىپ تەرىپىدىن يېزىپ قويۇلغان " ئەللاھۇممە ئەنفەئىنا " دېگەن دۇئا بار .
بۇ قۇرئاننى قەشقەرشەھىرىنىڭ تاشقىرقى سېپىلىنى سوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مىلادى 1835 - يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ ، ئەڭ كەم دېگەندە 155 يىللىقتارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ .
بۇ قۇرئان ئەسلىدە 1830 - يىلىدىن 1848 - يىلىغىچە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېكىمبەگلىكىككە ئەۋەتىلگەنزوھۇرىدىن ھېكىمنىڭ دىۋانىدىكى كىتاب بولۇپ ، بۇ كىتابنى زۇھورىدىن ھېكىمبەگ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا چىقىپ ، ئون بىر كۈن ئېئىتىكاپتا ئولتۇرۇپ ، ئىستىخارە قىلىپ ، قەشقەرشەھىرىنىڭ تاشقىرىقى شەھەر سېپىلىنى سوقسا خەيرلىك بولىدىغانلىقىھەققىدىكى خۇش - خەۋەر بىشارىتىنى ئېلىپ كەلگەنشۇ زاماننىڭ مەشھۇر مۆتىۋەر ئۆلىمالىرىدىن نېئىمەتۇللا كاشىغەرىغە تەقدىم قىلغان . زۇھورىدىن ھېكىمبەگ نېئىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇئىشقا ئۆزى بۇيرىغان . بۇ ھەدىيەدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كەتكەننېئىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇ ئىشنىڭ خاتىرىسىسۈپىتىدە قۇرئاننىڭ 723 - بېتىنىڭ ھاشىيەسىگە ( چەت چۆرىسىدىكى بىكار جايغا ) تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويغان : " بۇسۇرەتنى ۋاقىمىئە تەھرىر ئولدىكىم ، ھەزرەتى ۋاڭزۇھورىدىن ھاكىم ئالىيلىرى فەقىر دەرۋىش كەمتەرنى كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمىراتى ئۈچۈن نەھىس - سەئىدلىككە بىر ئىستخارە قىلدىم . كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمىراتىنىڭ ياخشى ئاقىبىتىگە رۇخسەت بولدى . بۇ رۇئىيانى ھەزرەتى ھاكىم ئالىيلىرىغە بەيانقىلدىم . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزراتى ھاكىم دىۋانە شاھانەدىن بۇ كەلام شەرىفتى فەقىرغە ھەدىيە ، ئىنئام قىلدى . رەھمەت ، فەقىر ساھىب دۇئا نېئىمەتۇللا كاشغەرى مۇھۇرۇمنى باستىم . 1253 - ھىجىرى " .
تامغا ( مۆھۇر ) ھىجىرىيە 1238 - يىلى ئويۇلغان . تامغىدىكى خەت " نېئىمەتۇللا بىنسەدرىددىن " دۇر .
مانا بۇ ئىككى پارچە ھۆججەت يالغۇز يۈسۈپ خاس ھاجىپمازىرىنىڭ ئورنىنى ، ۋاپات بولغان ۋاقتىنىئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن ، شۇنداقلا ئۇ ، كىشىلەرنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا بولغان ئېتىقادىنى ۋە 19 - ئەسىردە ئۆتكەن ئېمىر ھۈسەيىن سەبۇرى ، قازى مۇھەممەت سايىم سوفى ئاللايارى ، زۇھۇرىدىن ھېكىمبەگ ، نېئىمەتۇللا كاشىغەرىدەك بەزى تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيىتىنىمۇ يورۇتۇشتابەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ .

بۇلاق ژورنىلىدىن ئېلىندى

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى _ مۇھەممەت [ 2011-06-15 11:58:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى [ 2011-06-15 11:56:12 ]
[تارىخى بىلىملەر] لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇچقۇنلار ئى [ 2011-06-15 11:53:27 ]
[خەنزۇتىلى] باشلانغۇچ 4-يىللىق خەنزۇتىلى تەييا [ 2011-06-14 17:31:05 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئاتا-ئانىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە پە [ 2011-06-14 13:31:53 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى [ 2011-06-14 13:30:23 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدە [ 2011-06-14 13:26:45 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلاردا بەلباغ مەدەنيىتى [ 2011-06-14 13:20:54 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئۇيغۇر كالىندارچىلىقى [ 2011-06-14 13:18:47 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جىددى ئۇقتۇرۇش ۋە ئەسكەرتىش [ 2011-06-14 12:48:09 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر