ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-15 11:56 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دې
ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى
ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغاكەلگەن . -1943 يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىقئوقۇيالماي ، يەرلىك ماتا توقۇشخانىدا ياللانما بالائىشچى بولۇپ ئىشلىگەن . 1945 - يىلى 1 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن توي قىلغان ﻫەمدە بىر ئوغۇل بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن . 1947 - يىلى 6 - ئايدا ئىنقىلابقا رەسمىي قاتناشقان ، ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭشەخسىي كاتىپى بولغان -1947 . يىلى 8 - ئايدا ، شىنجاڭبىرلەشمە ﻫۆكۈمىتى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ۋەكىللىرى بىلەن بىللەئىلىغا قايتقان . 1948 - يىلى 1 - ئاۋغۇستتا "شىنجاڭداتىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ﻫىمايە قىلىش ئىتتىپاقى" قۇرۇلغاندا ئاياللار ﻫەيئەتلىگىنىڭ دائىمى ئەزاسى بولغان . 1949 - يىلى يولدىشى ئەخمەتجان قاسىمى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ماﻫىنۇر قاسىم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىرادىسىگەۋارىسلىق قىلىپ ، تېخىمۇ كۆتىرەڭگۈ روﻫ ۋە جاسارەت بىلەن يېڭى جوڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئاتلانغان ، ۋە شۇنداقلا ئاستا - ئاستا ﻫەر دەرىجىلىك رەﻫبەرلىك خىزمىتىنى ئۆزئۈستىگە ئالغان .
ماﻫىنۇر قاسىم 1951 - يىلى شىنجاڭ غۇلجا ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، قوشۇمچە شىنجاڭئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەسمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان .
-1952 يىلى شىنجاڭ غۇلجا شەﻫىرىنىڭ شەﻫەر باشلىغىبولغان . شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن .
- 1953يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ﻫۆكۈمەت ئىخانىسىنىڭمۇئاۋىن مۇدىرى بولغان .
- 1954يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيەمەكتىۋىدە ئوقۇغان .
-1955 يىلى 2 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ﻫەيئەت ئەزاسى بولغان . ۋە شۇ يىلى جوڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونلۇق 1- نۆۋەتلىك ۋەكىللەرقۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان .
- 1959 يىلىدىن 1966 - يىلىغىچە 1- ، 2- ، 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلققۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان .
-1966 يىلى مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغاندائادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ، 1973 - يىلىئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بولغان .
-1978 يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللاربىرلەشمىسىگە قايتىپ ، بىرلەشمىنىڭ پارتگۇرۇپپاشۇجىسى ، مۇدىرى بولغان .
- 1978 يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە 4 - ، 5- ، 6-، 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگەمۇئاۋىن رەئىس بولغان .
-1978 يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە 4 - ، 5- ، 6- ، 7- ، 8 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلققۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان .
-1984 يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 3 - نۆۋەتلىك كومېتىتىنىڭ ﻫەيئىتى بولغان .
-1988 يىلىدىن ﻫازىرغىچە 7 - ، 8 - ، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلمەكتە .
- 1993 يىلىدىن ﻫازىرغىچە 8- ، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتىنىڭ ﻫەيئەت ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە .
-2002 يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 6 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان .
ماﻫىنۇر قاسىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ، ئىزچىل تۈردە ئاياللار خىزمىتى ، بالىلار خىزمىتى ۋەئائىلە خىزمىتىنى ئۈن - تىنسىز ، باش چۆكۈرۈپ ، جاپاغا چىداپ ، قان - تەر ئاققۇزۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە .
-1982 يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇمرايونلۇق بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭمۇدىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمىيىتىنىڭ مۇدىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئائىلەتەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشجەمىيىتىنىڭ باشلىغى بولۇپ ئىشلىگەن .
-1991 يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئاياللار - بالىلار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش كومېتىتى مەملىكەت بويىچە "جوڭگوبالىلار خىزمەتچىسى" دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى .
ماﻫىنۇر قاسىم 1995 - يىلى ئامىرىكا مەشﻬۇر شەخسلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتى چىقارغان 1994-1995- يىللىقيىلنامىسىنىڭ "دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقاسازاۋەر كىشىلەر" دېگەن قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى .
جوڭگو كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈلبۆلۈش كومېتىتى 2002 - يىلق ماﻫىنۇر قاسىمغا "نېيتېڭ شۈۋ چىلاڭ " خەلئارا بالا تەربىيلەش مۇكاپاتى بەردى .
مەنبە : "ماﻫىنۇر قاسىم سۈرەتلىك ئەسلىمە" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------