باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

شىنجاڭ بوكسچىلىق ھەرىكىتى تەرەققىياتىدىكى ئۆچمەس

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-19 18:36 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ھازىر جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ترېنېرى ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى، شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ م

شىنجاڭ بوكسچىلىق ھەرىكىتى تەرەققىياتىدىكى ئۆچمەس تۆھپىكار

boks,boksiyor,ablikim,abdirxit,بوكىس،بوكسىيورچى،ئابلىكىم ئابدىرشىت
 

 

شىنجاڭ بوكسچىلىق ھەرىكىتى تەرەققىياتىدىكى ئۆچمەس تۆھپىكار ئابلىكىم ئابدۇرىشىت.1958-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1980-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، 1983-يىلى شىئەن تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ، دۆلەت دەرىجىلىك ترېنېر. ھازىر جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ترېنېرى ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى، شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى. ئۇ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدىغان مۇتەخەسسىس، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى مۇھىم تۆھپە » مۇكاپاتىغا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن « تۆھپە كۆرسىتىش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىلغار ترېنېر. 2010-يىلى مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئالدى -كەينى ئىككى قېتىم مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان خىزمىتى كومىتېتىدىكى ئىلغار پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان. 1994-يىلى كوماندا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئابلىكىمنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تاكتىكىسى ئارقىلىق ئەتراپلىق مەشق قىلىپ، تەنتەربىيە سىستېمىسىدىن ئۆز ئالدىغا ئايرىلىپ چىقتى.

كوماندا قۇرۇلغان قىسقىغىنا ئون يىل ئىچىدە مەملىكەت ئىچىدە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان ئىلغار تەنتەربىيە كوماندىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئابلىكىم ئالدى-كەينى بولۇپ خەلقئارا دەرىجىلىك بوكس ماھىرىدىن 5نى، دۆلەتلىك كوماندىغا 12 بوكس ماھىرىنى تەربىيىلەپ بەردى. ئۇ تەربىيلىگەن تەنھەرىكەتچىلەر 2008-يىلى 29-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بوكس تۈرىنىڭ 69 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا، 2007-يىلى دۇنيا بوكس ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا، 1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسى بوكس مۇسابىقىسىدە كۈمۈش ۋە مىس مېدالغا، 1999-يىلى ئاسىيا بوكس ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا، 2007-يىلى ئاسىيا بوكس ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا، 2006-يىلى دوھا ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە شەرقى ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا مىس مېدالغا، 2010-يىلى گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا مىس مېدال ۋە بەشىنچىلىككە، 8-نۆۋەتلىك، 9-نۆۋەتلىك، 10-نۆۋەتلىك، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك   تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان شىنجاڭ بوكس كوماندىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل مۇسابىقىلەردە 60 دىن كۆپ ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ تەربىيىلىگەن ئابدۇراخمان ئابلېكىم، قانات ئىسلام، نىجات ھۈسەن ۋە مەمەتتۇرسۇن چوڭ قاتارلىق تۆت ماھىر جۇڭگوغا ۋەكىل بولۇپ ئافېنا، سىدنىي ۋە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتى. ئۇ يەنە دۆلەت بوكس كوماندىسىغا ئابدۈشكۈر مىجىت، ئەكرەم ئىساق، ئابدۇراخمان ئابلېكىم، قانات ئىسلام، نىجات ھۈسەن، مەمەتتۇرسۇن چوڭ، ئابدۇرۇسۇل روزى، ۋاڭ جۇجىن، تولۋۇخان، مەمەتجان، ئەكرەم بارات قاتارلىق 20دىن كۆپرەك بوكس تررېنېرى ۋە  تەنھەرىكەتچىلەرنى تەربىيەلەپ بېرىپ، دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭنىڭ بوكسچىلىق ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. بىز ئابلېكىم ئابدۇرېشىتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارغا ناركوز ئىشلەتكەندە ئۆگىنىشكە تەسىر يېتى [ 2011-10-26 14:52:16 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گ [ 2011-10-26 14:50:31 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى بايقاشلار [ 2011-10-26 14:48:49 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىماللىقى چ [ 2011-10-26 14:47:22 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى باسقۇچقا كىر [ 2011-10-26 14:45:59 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى» [ 2011-10-26 14:42:23 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنۋانى ئېلىشقا كىرەكلىك ماتىريا [ 2011-10-26 13:47:47 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] دادا، ئاپا، سىلەرگە سۆزۈم بار [ 2011-10-14 16:22:27 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە قانداق قاراش كېرەك [ 2011-10-14 16:20:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئالىياسكىدا بالىلار دەرس تاشلىسا ئاتا – ئانىسى جا [ 2011-10-14 16:17:20 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر