باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئوبامانىڭ ئانىسىنىڭ سىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-13 18:12 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەگەر ئەينى يىلى ئانامنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن كۆز يۇمىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، ئاتامدىن ئىبارەت ھاياتىمدا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلد

ئوبامانىڭ ئانىسىنىڭ سىرى

 

 

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى جېننى سىكوت ئىككى يىل زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يېقىندا «ئوبامانىڭ ئانىسىنىڭ سىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە ئوبامانىڭ ئانىسى سىتانلىي ئان دۇنخامنىڭ كىشىلەرگە ناتونۇش تەرىپى سۆزلەندى. جېننى سىكوت ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازدى:

ئوباما «ئاتامنىڭ ئارزۇسى» دېگەن كىتابىدا ئانىسى سىتانلىي ئان دۇنخامنى «سەھرالىق خىجىلچان قىز، شۇنداقلا ساددا غايىچى» دەپ تەسۋىرلىگەنىدى، لېكىن بەزىبىر ئۇششاق گېزىتلەر ۋە تور بېكەتلىرى دۇنخامنى «دىنسىز، ئىلگىرى ئوغلىنى تاشلىۋەتكەن» دەپ ئەيىبلىگەنىدى، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭدىن «ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان جايىغا ساختىلىق ئىشلىتىپ‹ھاۋاي›دەپ يېزىۋالغان» دەپ گۇمانلاندى. ئەمما ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا 200 قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەت ئارقىلىق دۇنخامنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان سىرلىرىنىڭ بارلىقىنى سەزدىم.

بۇ ئوغۇل بالىچە ئىسمى بار قىز ئىرقىي كەمسىتىش ئېغىر، ھۆكۈمەتمۇ يات ئىرقلار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھنى تولۇق ئېتىراپ قىلمىغان ۋاقىتلاردا ئافرىقىلىق بىر ئەرگە تەگدى ۋە 24 يېشىدا ئوغلىنى ئېلىپ، ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىگە كۆچۈپ باردى. ئوباما كېيىن ئېيتقاندەك، دۇنخام ئوغلىنىڭ ئېينىشتېين، گەندى، خاررى بىلافونتقا ئوخشاش ئۇلۇغ ئەربابلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانىدى.

ئوباما ئانىسىغا قارىغاندا ئۆزىنى باققان بوۋا-مومىسىغا ئامراق، بىراق ئۆزى ئېتىراپ قىلغانغا ئوخشاش، ئانىسى كېيىنكى ئوبامانى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. ئوباما «ئاتامنىڭ ئارزۇسى» دېگەن كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئانىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغانىدى: «ئەگەر ئەينى يىلى ئانامنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن كۆز يۇمىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، ئاتامدىن ئىبارەت ھاياتىمدا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ باقمىغان ئادەم ئۈچۈن ئالاھىدە كىتاب يېزىشنىڭ ئورنىغا ئۇزاقتىن بۇيان يېنىمدا بولغان ئانام توغرىسىدا ئوبدان ئەسەر يازاركەنمەن».

دۇنخام ئوغلىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئوغلىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالسا، خۇشاللىقتىن بىر كۈنگىچە ئاغزىنى يۇمالماي قالاتتى. ئۇ بەزىدە ئوبامانىڭ ئاتىسىغا بولغان مۇھەببىتى توغرىسىدا دوست-يارەنلىرىگە ئاغرىنىپمۇ قوياتتى، بىراق ئەزەلدى بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئارتۇقچە پىكىردە بولمايتتى. ئۇ ئىلگىرى ئوباماغا چاقچاق قىلىپ: «مەن ساڭا قىزىقارلىق ھاياتتىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بېرەلمىدىم» دېگەنىدى.

1960-يىلى كۈز، 17 ياشلىق دۇنخام ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كىنىيەلىك باراك ھۈسەيىن ئوبامادىن ھامىلدار بولدى، ئۇلار كېيىن توي قىلدى، دۇنخام ئوقۇشتىن توختاپ ئوبامانى يەڭگىدى، بىراق ئوبامانىڭ تۇغۇلۇشى بۇ ئۆمرى قىسقا نىكاھنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدى. دۇنخام ئاجراشقاندىن كېيىن ھىندونېزىيەدىن كەلگەن روللو سۇتوررو بىلەن تونۇشۇپ، 1964-يىلى توي قىلدى. ئىككىنچى يىلى ھىندونېزىيەنىڭ ئالتە ئوفىتسېرى جاكارتادا تۇتقۇن قىلىنىپ، قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن سۇتوررونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېتىلدى. دۇنخام 1967-يىلى ئوقۇشىنى پۈتكۈزۈپ، ئالتە ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ ھىندونېزىيەگە باردى.

دۇنخام ئەزەلدىن ئوغلىدىن مۇھەببىتىنى ئاياپ باقمىغانىدى، ئۇنى ئوبدان تونۇيدىغان بىرەيلەن بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنىدى: «دۇنخام ئوغلىغا بەك ئامراق ئىدى، ھەر قاچان ئۇنى باغرىغا بېسىپ ئەركىلىتەتتى، كۈنىگە بىرەر يۈز قېتىم ‹سېنى سۆيىمەن› دەيتتى. ئوغلىغا ئالاقىدار ئىشلاردا ھېسسىياتقا بېرىلىپ قارار چىقىراتتى، دوستلىرى بىلەن ئوغلى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، كۆز يېشىمۇ قىلاتتى. ئۇ باشقا ئانىلاردەك كۆپ سۆزلىمەيتتى، مەقسىتىنى يۇمۇرىستىك گەپلەر بىلەن بىلدۈرەتتى، بىراق مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلىرىغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتاتتى».

دۇنخام ئوغلىنى بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى، ئوغلىغا دائىم جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەيتتى، ئوباما خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالسا، يانپىشىغا ئۇرۇپمۇ قوياتتى.

 

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر