| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

ئاپاق خوجىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى

ۋاقىت : 2011-05-26 03:07 | مەنبەسى : تاۋلان | ەمىنلىگۇچى : نادامەت | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئاپاق خوجىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى

ئاپتورى:مۇختار قادىر ھونزادە  



تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە،مەھمۇد قاشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،خانىش ئاماننىساخانغا ئوخشاش بىر تۈركۈم مەدىنىيەت چولپانلىرىنىڭ ئاجايىپ تۆھپىللىرىدىن پەخىرلەنسەك،مەخدۇم ئەززەم،ئاپاق خوجىلارغا ئوخشاش جاھالەت پىرلىرىنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىدىن ئىختىيارسىز غەزەپلىنىمىز.شۇ سەۋەبتىن ئالدىنقىلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئەسلەش قانچىكى زۆرۈر بولسا،كىيىنكىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدىنىيەت تەرەقىياتيىغا كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى ئەسلەشمۇ شۇنچە زۆرۈر بولماقتا.چۈنكى ئاللىقاچان تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرىكىگە مىخلىنىپ كەتكەن كىشىلەر مىللىتىمىز ئۈچۈن،مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئاچچىق ساۋاق ۋە سەلبىي دەرىسلىك.
تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،بۇندىن 390 يىل ئىلگىرى،قۇمۇلدا سوپىزىم تەلىماتىنى تارقىتىۋاتقان بىر ئىشاننىڭ ئائىلىسىدە بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلگەن.ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە دادىسى بىلەن قەشقەرگە كۆچۈپ كىلىپ،ئونسەككىز يىشىغىچە سوپىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ دادىسى يۈسۈپ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەچكە ،ئۇنىڭ ئامىتى كىلىپ،ئىشقىيە سۈلۈكى بويىچە پىرلىق ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن.مانا بۇ ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىدا ئىچىنىشلىق يوقىتىشلارنى پەيدا قىلغان ئەشەددىي جاللات،دىنىي مۇناپىق ئاپاق خوجا ئىدى.
شۇ چاغدا جەنۇبى شىنجاڭ ،يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كونتۇرۇللىقىدا بولوپ.ئىسمايىل خان ھاكىمىيەت بىشىدا ئىدى.
سوپىزىمنىڭ ئىسھاقىيە سۈلۈكىگە ئىتىقاد قىلىدىغان بۇ خان،ئاپاق خوجىلارنىڭ قەشقەردىكى ئىشقىيە سۈلۈكىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ ،مىلادىيە 1670- يىلى يازدا ئۇلارنى چىگىردىن قۇغلاپ چىقارغان. قۇغلانغان ئاپاق خوجا ۋە مۇرىتلىرى قاتتىق ئۆچمەنلىك ئىچىدە كەشمىرگە بىرىپ ئۇيەرنىڭ ھۆكىمىرانىغا يىلىنغاندا، شىزاڭدىكى  دالاي لاماغا تۇنۇشتۇرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئسلام دىنىنىڭ مۇخلىسى،ئاپاق خوجا،پىشىۋا ھەزىرەت،پىر ئىشان ،مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27-نەۋرىسى دەپ ئاتىۋالغان ھىدايىتۇللا غۇجا بۇددا دىنىنىڭ داھىيسى دالاي لامانىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ ئىتەكلىرىنى سۈيۈپ،زار زار يىغلاپ ئىسمايىلخاننى سۆكۈپ شىكايەت قىلغان.دالاي لاما شۇ چاغدا كۆزىنى شىنجاڭغا تىكىپ تۇرغاچقا،ھىدايىتۇللاغا (ئاپئاق)نامىنى ئاتا قىلغان،ھەمدە شىمالى شىنجاڭنى بىسىپ ياتقان جۇڭغارلارنىڭ باشلىغى غالدان مۇنتىجىگە ،لاما دىنى نامىدىن ياردەم بىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.ئاپاق غۇجا بۇ بۇيرۇقنى ئىلىپ چىڭخەي ئارقىلىق قۇمۇلغا،كىيىن جۇڭغارغا كەلگەن.ۋە سىچۈەن،چىڭخەي،نىڭشىيا خۇيزۇلىرى ئارسىدا پەيغەمبەر ئەۋلادى چىڭخەيگە كەلگەن دىگەندەك رىۋايەتلەرنى قالدۇرغان.
غالدان مۇنتەيجى گەرچە مۇڭغۇل بولسىمۇ ئەمما لاما دىنىغا ئىتىقاد قىلغاچقا ،دالاي لامانىڭ كۆرسەتمىسىنى مۇقەددەس بويرۇق قاتارىدا كۆرەتتى.نەتىجىدە ئاپاق غۇجا جۇڭغارلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەشقەريەكەنلەرنى ئىشغال قىلىپ ،170 يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى تارىخ بىتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.
ئاپاق غۇجا جەنۇبىي شىنجاڭداقۇرچاق خانلىق تىكلىگەندىن كىيىن،بىر تەرەپتىن سوپىزىم مۇرىتلىرىنى يىتىشتۈرسە،يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىتىش خارەكتىرلىك قىرغىنچىلىقلارنى ئىلىپ بارغان.بۇ،يەكەن مۆتىۋەرلىرىدىن 81 كىشىنىىڭ يۈرىكىنى تىرىك پىتى سۇغۇرۇپ ئىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆلتۈرگەن.مەشھۇر بىلىم يۇرۇتلىرىنى چىقىۋەتكەن.ناخشا ئۇسۇللارنى چەكلەپ،تارىخى،ئەدەبىي كىتاپلارنى كۆيدۈرگەن.ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىنى تۇتۇپ جۇڭغارلارغا سوۋغا قىلغان.ئىسمايىلخاننىڭ كىچىك قىزىنى قايناۋاتقان ياغىقا تاشلاپ،ئۈزىنىڭ ئىسھاقىيەچىلەرنىڭ ئۇرۇقىنى تۇخۇمىدىن قۇرىتىۋىتىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن.مەشھۇر شائىر بابا رەھىم مەشرەپنى،ئاتالمىش دەھرىيىلىكتە ئەيىپلەپ.بەلىتتە دارغا ئاستۇرغان.بۇنىڭ ئەكىسچە،ئاشىقلىق،مازارچىلىق،مۆمىنچىلىك ئىدىيىسىنى كەڭ تارقىتىپ،رىئاللىقتىن چەتنىگەن سوپىزىمنى كەڭ ئەۋىج ئالدۇرغان، ھەتتا ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيسى دەپ ئاتىۋالغان.ئادەمنى ئەقلىدىن ئازدۇرىدىغان ئىدىيۋى ئەپسۇنى ۋە قانلىق قىلىچى ئارقىلىق خەلىقىمىزگە مۈلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى سالغان دىنى مۇناپىق، جاھالەت پىرى ئاپاق غۇجا،ئاتمىش سەككىز ياشقا كىرگەن چىغىدا،يەنى 1694- يىلى يەكەن شەھرىدە ئىسھاقىيە سۈلۈكى تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن  زەھەرلەپ ئۆلتۇرۇلگەن.
ئۇنىڭ نەپاك جەسسىتى ،ئۇ ئۆلۈشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى سالدۇرۇپ قۇيۇلغان قەشقەردىكى مازارىشاىان يەنى بۈگۈنكى ھەزىرەتكە دەپنە قىلىنىپ چوڭ ئوغىلى يەھيا غۇجا تەرىپىدىن گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇلغان.
شۇنىڭدىن ئىتىبارەن،ئاپاق غۇجىنىڭ خوتۇن باللىرى ئارىسىدا تەخىت تالىشىش ماجىرالىرى چىقىپ،ئاخىرىدا مۆھتىرەم خىنىم ئۇتۇپ چىققان.ۋە ئۈچ يىل ئىچىدە يىگىرمە مىڭدىن كۆپ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ كىشىلەر تەرىپىدىن جاللات خىنىم دەپ ئاتالغان.ئەمما 1699- يىلى دولانلىق سوپىلار تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن.ئاپاق غوجا ھاكىمىيىتى سوپىزىمنى قانون ۋە ئەخلاق مىزانى قىلغاچقا،پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭنى خۇراپاتلىق،زۇلۇم،نامىراتلىق،نادانلىق،جەڭگى جىدەل،ئاچارچىلىق قاپلاپ كەتكەن.
بو ھال ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر نەچچە ئەسىر كەينىگە چىكىندۇرۋىتىشكە سەۋەبچى بولغان.ئەزىز قىرىنداشلار،تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دىرەك بىرىدۇ.خەلىقىمىز ئاپاق غوجا ۋەكىللىكىدىكى سوپى ئىشانلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى پەقەت يىقىنقى يىللاردىلا تۇنۇپ يەتتى ۋە يەتمەكتە.بۇ ئەقىل ئىدىرىكىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى.ساپايىمىزنىڭ ئۆسىۋاتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى.شۇنداقتىمۇ ئاشۇ ئىچىنىشلىق تارىخ ئۈستىدە دائىم پىكىر يۈرگىزىپ تۇرىشىمىز كىرەك.

مەنبە: تاۋلان

()

ياخشى
(5)
100%
ناچار
(0)
0%

«ئاپاق خوجىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>