باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-04 18:42 مەنبەسى: ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
قەشقەردىكى ئىپارخان مەقبەرىسى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن دىن تارقىتىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن ئ

ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىپارخان لاتاپەتلىك ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى تاللاپ ئۇنى ئوردىغا ئەكىرگەن. خاننىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ھامان ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەشقەرگە تەلپۈنگەن. يۇرتىنى زارىقىپ سېغىنغان؛ خان ئوردىسىدا نازۇنېمەتلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ، يۇرتىنىڭ جىگدىسىنى سېغىنغان. خان ئىپارخاننىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى يۇرتىدىن جىگدە ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن. ئىپارخان يەنە ھىدلىق جىگدە چېچىكىنى سېغىنغاندا خان ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئامالسىز ئۇنى يۇرتىغا ئەۋەتكەن. يول بەك يىراق بولغاچقا، 100 نەچچە ئادەم تەختىراۋاننى كۆتۈرۈپ قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ ئۈچ يېرىم يىلدا ئىپارخاننى قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن (ئىپارخان بەختكە قارشى يولدا قازا قىلغان). ئۇيغۇرلار ئىپارخاننى تولىمۇ قەدىرلىگەچكە، ئۇنى ئۆز نەسەبلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلغان. كېيىنكىلەر ئۇنىڭ مەقبەرىسىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىدىغان بولغان. مانا بۇ قەشقەر خەلقى ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتتۇر.
تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىپارخان چيەنلۇڭ خاننىڭ بانۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىن گۈپۈلدەپ جىگدە ھىدى پۇراپ تۇرغاچقا، «ئىپارخان»دەپ ئاتالغان ھەم ئۇ ئۇيغۇر بولغاچقا تولىمۇ ھۆرمەتلەنگەن. پادىشاھ چيەنلۇڭ ئىپارخاننىڭ ئىسلامىيەتچە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭغا مەخسۇس مۇسۇلمان ئاشپەز ۋە كېنىزەكلەرنى سەپلەپ بەرگەن، ئىپارخاننىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىگە ئىجازەت قىلغان. ئىپارخان خان ئوردىسىدا توپتوغرا 28 يىل ھايات كەچۈرۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، زۇنخۇادىكى شەرقىي قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان. قەشقەردىكى ئىپارخان مەقبەرىسى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن دىن تارقىتىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن ئاپاق خوجا يۈسۈپ ئۈچۈن سېلىنغان قەبرىستانلىقتۇر. بۇ قەبرىستانلىق 1640-يىللىرى بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە يۈسۈپ خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئاپاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى نوپۇزى ۋە دىنىي ئورنى ئاتىسىدىن يۇقىرى بولغاچقا، بارا-بارا ئاپاق خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا تارقالغان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن بۇ قەبرىستانلىق ئىپارخان مەقبەرىسى دەپمۇ ئاتالغان.
قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوغان دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي يۇرتتا ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەت - ئىپارخان مەقبەرىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئىسلام مەقبەرە قۇرۇلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. قەبرە ئۈستىگە سىرتى چاسا، ئىچى يۇمۇلاق گۈمبەز ياسالغاندىن باشقا، ئەتراپقا مەسچىت ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلار قەبرىستانلىقى بىنا قىلىنىپ مۇكەممەل ھالەتتىكى ئىمارەتلەر توپى شەكىللەندۈرۈلگەن. ئىپارخان مەقبەرىسى تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھويلىنىڭ غەربىدە ھېيت ۋە جۈمە نامازلىرى ئوقۇلىدىغان چوڭ مەسچىت، ئوتتۇرىسىدا گۈمبەز شەكىللىك مەدرىس، ئۇنىڭ يېنىدا كىچىك مەسچىت، كىچىك مەسچىتنىڭ ئارقىسىدا ئېگىز گۈمبەز بار. سىرتى چاسا، ئىچى يۇمۇلاق بۇ چوڭ گۈمبەزنىڭ ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 40 مېتىرچە بولۇپ، تۆت بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگە تامغا پاتۇرۇپ يۇمۇلاق تۈۋرۈك قويۇلغان. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە يەنە يېرىم ئاي شەكلى چىقىرىلىپ ناھايىتى سىپتا، نەپىس ئەزان مۇنارى ياسالغان.   گۈمبەز ئۆگزىسىنىڭ دىئامېتىرى17  مېتىر كېلىدۇ. ئۆگزىنىڭ چوققىسىغا كارناي شەكىللىك كىچىك راۋاق ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ھىلال ئاي ئورنىتىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى ھىلال ئايغا 50 سەر ئالتۇن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنى مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى قەشقەرنى سورىغان ماشاۋۋۇ ئوغرىلىۋالغان. كېيىنكىلەر ھىلال ئاينى ئامالسىز مىستىن قايتا ياساپ قويغان.
گۈمبەزنىڭ تام-تورۇسلىرىغا يېشىل چاقچۇق چاپلانغان، ھېكمەتلىك سۆزلەر پۈتۈلگەن سېرىق، كۆك فار-فۇر خىشلارمۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ، گۈل-نەقىشلەر چىقىرىلغان. يوغان زالغا ئادەمنىڭ بېلىگە كەلگۈدەك سۇپا ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن 72 ئادەمنىڭ قەبرىسى قاتۇرۇلغان. رىۋايەتتىكى ئىپارخاننىڭ قەبرىسى سۇپىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە بولۇپ، باشقا قەبرىلەردىن پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. ئىپارخان مەقبەرىسىدىن يۇقىرى ماھارەتلىك ئۇيغۇر مىمارچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئالىپتىكىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] پروگرامماتىلى AJAX [ 2011-10-25 16:59:04 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] Basic تىللىرىھەققىدە قىسقىچە ساۋات [ 2011-10-25 16:57:23 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ++C ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن 50 تەۋسىيە [ 2011-10-25 16:55:33 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ھازىرقىزامان بالىلىرى [ 2011-10-25 16:53:22 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] كىچىك دوستلار بىر _ بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، ئاتا [ 2011-10-25 16:52:24 ]
[بالىلار كۈيلىرى] بالىلارنى تەربىيىلەشتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھم [ 2011-10-25 16:51:05 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ساپامائارىپى نۇقتىنەزەرلىرى [ 2011-10-25 16:49:28 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشلىرى ق [ 2011-10-25 16:48:04 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىڭىزنىڭكۆڭلىنى چۈشىنەمسىز ؟ [ 2011-10-25 16:46:51 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] مۇتەخەسسىس ئوتتۇرىغا قويغان بالا تە [ 2011-10-25 16:45:44 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-10-02 17:10
تەۋسىيەلەر