بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى _ مۇھەممەت
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-15 11:58 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى _ مۇھەممەت مۇسا خارازىمى مۇھەممەت مۇسا خارازىمى 780 - يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.بۇ شەھەر كى
بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى _ مۇھەممەت مۇسا خارازىمى
مۇھەممەت مۇسا خارازىمى 780 - يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.بۇ شەھەر كىيىنچە شەرقىي قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان.
ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى) دىن باشقا ئەرەپ ، يۇنان ، پارىس ، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن . ھەمدە ماتېماتىكا ، ئاستۇرنومىيە ، جۇغراپىيە ، مىدىتسىنا ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئالاھىدە بىرىلىپ تەتقىق قىلغان . كىيىن مەشھۇر ماتىماتىك بولۇپ يىتىلگەندىن كىيىن ئەينى چاغدىكى شەرىق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداتقا تەكلىپ قىلىنىپ ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ 5- خەلىپىسى بولغان ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى خەلىپە مەئىمۇن رەشىدنىڭ سارىيىدا « ھىكمەت ئۆي » دەپ ئاتالغان كۇتۇپخانىدا كۇتۇپخانا رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن .
ئۇ ئاساسلىق ئەسەر ۋە تەتقىقاتىنى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇتقا چىقارغان .
ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇنجى يازغان ئەسىرى« تىرىگونۇمىتېرىك قىممەتلەر جەدىۋىلى » دۇر .
مۇسا خارازىمى ماتېماتىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ ئانالىتىك يىشىش ئۇسۇلىنى گېئومىتىرېيىلىك يىشىش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۇرگەن تۇنجى ماتىماتىك . ئالگېبىرا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ، ئۇنىڭ «ئالگىبېرا » دىگەن ئەسىرى دۇنيا ماتىماتىكا تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .ئۇ يازغان« ئەلجەبىر ۋە مۇقابەلا »( ئەزا يوتكەش ۋە ئوخشاش ئەزالارنى ئىخچاملاش ) ، « ھېساب ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى شەرىق ئىلىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل دەرىسلىك بولۇپ قوللىنىپلا قالماستىن ، 1140- يىلغا كەلگەندە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن ( روبېرت تەرجىمە قىلغان ) باشقا ياۋرۇپا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەت يوۋرۇپالىقلارنىڭ ماتىماتىكا دەرىلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن .
ماتېماتىكىنىڭ تارماقى « ئالگىبېرا» مۇ ئەل خارازىمىنىڭ تۆھپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر .
مۇسا خارازىمى ئوتتۇرغا قۇيغان تەڭلىمە يىشىشتىكى « ئەزا يۆتكەش » ، « ئەسلىگە قايتۇرۇش » ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ كىتابىدا « ئەلجەبىر » دەپ يىزىلغان بولسا ، يوۋرۇپالىقلار ئۇنى (Algebr) دەپ تەرجىمە قىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ پەن ئىسمى« ئالگىبېرا » دەپ تارقىلىپ مۇقۇملاشقان . دىمەك بۇ پەن ئىسمى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم !!
كومپىيوتېر بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ، ھېسابلاش پىرۇگراممىسىنى تۇزۇشكە قوللىنىلدىغان پىروگرامما تىلىمۇ مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ نامى بىلەن « ئالگۇل تىلى » ( Algol تىلى ) دەپ ئاتالدى . چۇنكى بۇ ئالىمنىڭ لاتىنچىلاشتۇرۇلغان ئىسمى Alqaritmus بولىدۇ ، بۇ شۇ ئىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى!!
مۇسا خارازىمى ياشىغان دەۋىرلەردە ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاستۇرنومىيىگە دائىر « سىند ھىند » دېگەن ئەسەر ئوتتۇرا شەرىقتە دەستۇر كىتاب ھېسابلىناتتى ، مۇسا خارازىمى بۇ ئەسەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خاتالىق ۋە چۇشۇنۇكسىزلىك بارلىقىنى بايقاپ ، زور ئەجىر قىلىپ ئۇنى تۇزەپ توغرىلاپ ، چۇشىنىشلىك قىلىپ قايتا يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەرگە يەنە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ « يېڭى سىند ھىند » دېگەن ئوقۇشلۇقنى يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەر ياۋرۇپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن ياۋرۇپالىقلارمۇ بۇ ئەسەردە قوللىنىلغان ئەسلى ھىندىلەردە بولغان 0 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەم شەكلى ( 0 ، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 ) بىلەن تونۇشۇپ ، ئۆزلىرى ئەسلى قوللىنىۋاتقان رىم رەقەملىرى ئورنىدا قوللانغان . ھەمدە بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەپ تىلىدا يىزىلغىنىغا ئاساسەن ئۇنى « ئەرەب رەقىمى » دەپ ئاتاشقان .بۇ نام ھىلىمۇ شۇنداق ئاتالماقتا .
دىمەك : بۇ خىل ئەڭ مۇكەممەل ، قوللىنىشقا ئەپلىك بولغان رەقەم سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ئىجاتچىسى ھىندىلار بولسىمۇ پۇتكۇل ئىلىم دۇنياسىغا تونۇتقان ۋە تاراتقان كىشى دەل ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا خارازىمى بولىدۇ !!
ئەرەپ ئالىملىرىدىن سارتۇن 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىنى« خارازىم دەۋرى» دەپ ئاتىغان ، شۇنداقلا « مۇسا خارازىم ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇق ماتېماتىكى ، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇق ئالىمىدۇ » دەپ تەرىپلىگەن .
بۇيۇك ئۇيغۇر ئاتېماتىكى مۇسا خارازىمى 847 - يىلى ۋاپات بولغان . ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى مەڭگۇ ياد ئىتىدۇ !
ئىلاۋە : بۇ بۇيۇك ماتېماتىكا ئالىمىمىزنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە خەلىقئارادا نۇرغۇن ئىختىلاپ بار ، پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىيە قەۋىملىرى ئۇنى تالىشىدۇ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەپ تىلىدا يىزىلغىنى ۋە ئەرەپ دۇنياسىدا ئىلىم تەھسىل قىلغىنى ئۇچۇن نۇرغۇن ماتېرىياللاردا ئەرەپ ماتېماتىكى -دەپ يىزىلغان.بۇ ھەقتە ئابلىز مۇسا سايرامى ئەپەندى نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلارنى كۆرسۇتۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئالىمى ئىكەنلىكىنى مۇئايەنلەشتۇرپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئىلان قىلغان . شۇڭا بىز شۇنداق قارىشىمىز كىرەك : ئۇنىڭ ئۇيغۇر ماتىماتىكا تارىخىدىكى ئورنىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئۆتۇنۇپ بىرىشكە بولمايدۇ !
مەنبە:توردۇنياسى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------