نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-25 04:54 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى شائىر نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىغا قاراشلىق تېزەك قاغا كەن
نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى
شائىر نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىغا قاراشلىق تېزەك قاغا كەنتىدە، ئېلى ئاخۇن ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئېلى ئاخۇننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىچىكى ئابدۇقادىر ئېلى ئىدى. شائىرنىڭ بۇ ئىنىسىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپچى بولۇپ، 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىر قاتاردا گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ.
ئارمىيە ئېلى خەت ساۋاتىنى ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە چىقىرىدۇ. 1922-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ بىلىم ئىزلەپ باي ۋە كۇچار ناھىيىلىرىنىڭ مەدرىسلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1930-يىلى ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى رېتىمى ۋە شەكلى ۋە شەكلى بىلەن «بازار ۋە مازار» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى دوستلىرى ھەم خەلق ئىچىدە يازما ھالدا كەڭ تارقىلىدۇ. كېيىن شائىر بىلەم ئىزلەپ قەشقەرگە بېرىپ، خانلىق مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ بۇ يەردە تىرىشىپ ئوقۇيدۇ ۋە پەلسەپىۋى پىكىرگە باي «مادارا ئەئزەم» (چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ توپلامدا شۇ چاغدىكى مىللىي تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ بەزى تەرەپلىرى (ئاساسەن بايلىق بىلەن كەمبەغەللىكنىڭ پەرقى ۋە مەنبەلىرى) خېلى گەۋدىلىك ئېچىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شائىر «ئەنۋارۇلھۇدا» (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق ئىشقى قەسىدىنى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. توپلام 100بەت ئەتراپىدا بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە شائىرنىڭ قولىدىكىلىرى گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
1933-يىلى قەشقەردە خەق قوزغىلاڭچىلىرى سېپىدە بولغان شائىر ئۇرۇشتا يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېېتىپ قالىدۇ. ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن نىم شېھىت (يېرىم جان) دېگەن ئاتالغۇنى ئەدەبىي تەخەللۇس قىلىپ قوللىنىدۇ. بۇ چاغلاردا ئۇنىڭ تېنى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن قەشقەردىن بايغا قايتىپ كېلىپ، باي ناھىيىسىنىڭ قېرىيە دېگەن تاغلىق كەنتىدە، يېڭىدىن قۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىمچىلىك قىلىدۇ.
1936-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسى «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ناملىق گېزىت چىقارغاندا نىم شېھىت شۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ. ئۇ 1945-يىلىغىچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شۇ گېزىتنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1943-يىلى 9-ئايدا شائىر ئاقسۇ گېزىتخانىسىغا گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن سۈرگۈن ھېسابىدا يۆتكىلىپ بارغان ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار بۇرۇن گېزىت يۈزىدىلا بىر - بىرى بىلەن تونۇشقان بولسا، ئەمدى خىزمەتداش، سەپداش بولۇپ ئاكا - ئۇكىلاردەك چىقىشىپ، قېرىنداشلاردەك ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىشلەيدۇ.
شېئىرلىرىدا يېڭى - يېڭى پىكىر، ئىلغار مەزمۇنلارنى ئىپادىلەپ بەرگەن شائىر ئەرمىيە ئېلى سايرامى بۇ مەزگىللەردە رىۋايەت تەرىقىسىدە كەڭ تۈردە تارقىلىپ يۈرگەن «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات - شېرىن» داستانىنى يېزىپ ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىپ، كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇ داستان ئۆزىگە ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ داستانچىلىق شەكىل ۋە ئۇسلۇبلىرىنى ئۈلگە قىلغان. جانلىق خەلق تىلى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ داستانغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى «نادىر ئەسەر» دەپ ئاتايدۇ.
شائىر نىم شېھىت بۇ داستاندىن كېيىن، خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرنى يىغىپ ئۆگىنىپ يۇغۇرۇپ، «لەيلى - مەجنۇن» نى ئوپېرا قىلىپ يېزىپ سەھنىلەشتۈرىدۇ. بۇ ئەسەر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «غېرىپ - سەنەم»، «تاھىر - زۆھرە» ئوپېرالىرى بىلەن بىر قاتاردا ئاۋۋال ئاقسۇدا، كېيىن شۇ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بەزى ناھىيىلەرنىڭ سەھنىلىرىدە ئويلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئۇلاپلا «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات - شېرىن» داستانىنى سەھنىلەشتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. بىراق، شائىر ئېغىر ئۆپكە ۋە مېڭە ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، دوستلىرى ئۇنى شۇ چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەندە، باش دوختۇر داۋالاشتىن باش تارتىپ، «بۇ ئادەمنىڭ كېسىلى ئېغىر، قىرىق كۈنگە يەتمەي ئۆلىدۇ، بۇنى دەرھال ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار!» دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاقسۇ گېزىتخانىسى داۋالىنىشتىكى چىقىمدىن قېچىپ، شائىر نىم شېھىتنى ئىشتىن بوشىتىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىر قولىدا بار مال - مۈلكىنى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا ھارۋا كىرا قىلىپ، 1945-يىلىنىڭ ماي سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا ھارۋا كىرا قىلىپ، 1945-يىلىنىڭ ماي كۈنلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى تىزەك قاغاغا قايتىپ كېلىدۇ.
1945-يىلى 8-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قوراللىق قىسىملىرى بۇيرۇققا بىنائەن ئىلىغا قايتقاندا، شائىرمۇ قولىغا ئالغان مىلتىقى بىلەن قەلىمىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا قوشۇلۇپ غۇلجىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ غۇلجىدا مىللىي قوشۇن باش قوماندانى شىتاب تەشكىل قىلغان تارىخ يېزىش ئىشخانىسىدا ئىشلەيدۇ. ئىلى، چۆچەك ئەتراپىدا ئۇرۇش بولغان يەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خەلق قەھرىمانلىرى ۋە باشقا ۋەقەشۇناس كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، شۇ يەرلەردە بولغان خەلق ئۇرۇشى ھەققىدە ناھايىتى نۇرغۇن خام ماتېرىياللارنى توپلايدۇ ۋە رەتلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋاملىق شېئىر ۋە ماقالىلار يېزىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىدۇ.
1948-يىلى ئىلىدا «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا شائىر بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئۇنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «ئىتتىپاق» ژورنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە «پەرھاد - شېرىن» داستانىنى قايتىدىن تولۇقلاپ يېزىپ چىقىپ، «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىدۇ. كېيىن ئۇنى يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ تەشەببۇسى ۋى ئۆزىنىڭ خىراجىتى بىلەن ئايرىم كىتابچە قىلىپ، 3مىڭ نۇسخا باستۇرۇپ تارقىتىدۇ. ئارقىدىنلا «لەيلى - مەجنۇن» ۋە «پەرھات - شېرىن» نى قايتىدىن ئوپېرالاشتۇرۇپ ئىشلەپ، ئىلى سەھنىسىدە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ. «يىلان مۈڭگۈزى»، «رەممال» قاتارلىق خەلق چۆچەكلىرىنى توپلاپ ئېلان قىلىدۇ.
شائىر 1952-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىپ ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ خەلق ۋەكىللەر كونفېرىنىسىيىسىگە ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۈردە ئۆلكىلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىلى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1957-يىلى مايدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ.«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» زورلۇق - زومبۇلۇق قىلغان يىللاردىمۇ مەشھۇر شائىر قەلىمىنى تاشلىمايدۇ، بەلكى زور غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، «يۈسۈپ - زىلەيخا» داستانى «گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» دېگەن شېئىرىي رومان ۋە كۆپلىگەن رۇبائىيلارنى يازىدۇ. لېكىن، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1972-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋاپات بولىدۇ.
1979-يىلى 3-ئايدا شائىر ئاقلىنىپ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
مەنبەسى : شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەر
بىلىم ئىشقىدا!...
جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار-يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر، ئۇ گاھىدا بار-يوق.
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ سېنى تاشلايدۇ ھېچ ئار يوق.
كىرىڭ نەپسىڭنىڭ كەينىگە، بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق.
قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادى-ئاھىغا،
يۇتۇپ زەرداپ پىراقتىن دات دېمەكتىن باشقىچە زار يوق.
تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەردەم،
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.
يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.
ھاياتىمغا رەقىبلەر خاتىمە بەرمەكچى بولغاندا،
قىلىپ تەۋبە بولۇپ ئازاد، دېدىم:
- بۇ يولدا زىنھار يوق.
پاراغەت ئىستىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما!...
سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.
ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
قەيەرگە بارسا باش قاتماس بىلىمدەك ئاڭا غەمكار يوق.
بىلىمسىز ساق تېنىنىڭ ھامان مەجرۇھلاردەك نالە-پەرياتتا،
جاھان ئىچرە بىلىمسىز دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.
بىلىمگە ئاشنا بولساڭ ئوقۇش ئىشقىدا بول، بۇلبۇل،
ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.
بۈكەڭ دۇنيانىڭ قانداق پۇچمىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا ھېچبىر كىمگە ئەخبار يوق.
بىلىم روھى ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ،
بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگەن ئۆلمەس بۇڭا ئىنكار يوق.
چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە ئەسرار يوق.
چاپان بىرلە ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچىسەن،
بىلىم ئەسىرلىرى بۈگۈن سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.
بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابرۇي جىنلار چۈشى ئوخشاش،
خىيالى بۇ تىلەكتە سېنىڭدەك باخشىغا جىندار يوق.
گۇمان قىلما پەلەكنى ھەرقاچان بەختىڭگە چۆرگىلىمەس،
بۈگۈن باي، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق، بەلكى قەرزدار يوق.
بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر،
جاپا قىلماققا جېنىغا بىلىمسىزدەك زور سىتەمكار يوق.
بىلىمدىن ھەممە ئىش مەيدانغا چىققان ئەسىرىدۇر بۇ،
بىلىش لازىم بىلىمسىزگە بۇ ئەسىردە خېرىدار يوق.
بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن،
قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق،
زېمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق گۇمان قىلما!...
ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەرئىش، كەمەكتەك جادۇ-ھەييار يوق.
ئەجەبلەنمە بولار كۆڭلى بىلىم نۇرىدا نۇرلانغان،
شۇنىڭچۈن كۆكتە، سۇدا، تاغ، دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق.
بىلىمدىن تاغنى باغ قىلىشتا ھېچقانداق جاپا كۆرمەس،
ھەسرەتتىن قان يۇتاردا نادان كىشىلەردەك جاپاكار يوق.
جاھىللار كۆڭلى تۈن ئوخشاش، ئۇنى پەرق ئەتكىلى بولماس،
قارا تۈنگە شەپەرەڭدىن بۆلەك ئەسلا تەلەپكار يوق.
ئۆزۈڭ ھەم «نېمشېھىت»بۇ پىكرىڭنىڭ تەستىقى قۇربان،
بىلىمدىن يۈز ئۆرىگەندەك قاتتىق گۇناھكار يوق.
1936-يىل فېۋرال، باي
ئىزاھاتلار:
باتىنىڭ-ئىچكى دۇنيانىڭ
مۇنكىر-بۇيەردە ئۆچ قارشى، دېگەن مەنىدە
كەمەك-قەدىمكى ئىران شاھلىرىدىن جەمشىتنىڭ ھەييارى. تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|
------分隔线----------------------------