بالىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا قايسى قۇشلارنىڭ تۇخۇمىنى ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىدە ھەر خىل تۇخۇملاردىكى ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس. جۈملىدىن، توخۇ تۇخۇمىدىكى ئامىنو كىسلاتا تەركبى ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجىغا ئەڭ يېقىن، ئاقسىلنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىمۇ ئەڭ يۇقىرى. ئۆردەك تۇخۇمىدا ۋىتامىن ب بىر سەل يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە تۇزلانغان تۇخۇم ياكى ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. غاز تۇخۇمىنىڭ كالتسىي ۋە تۆمۈر تەركىبى توخۇ تۇخۇمىنىڭكىدىن يۇقىرى، ماي مىقدارىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى. بۈدۈنە تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى تولۇق، بولۇپمۇ ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن د بىر قەدەر يۇقىرى. كەپتەر تۇخۇمىدا ئاقسىل، ماي مىقدارى نىسبىي ھالدا تۆۋەن، ئەمما كالتسىي مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى. شۇڭا كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش، مەسىلەن، توخۇ تۇخۇمى بىلەن كەپتەر تۇخۇمىنى ئالساق، بىرىدە ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، بىرىدە كالتسىي مىقدارى يۇقىرى، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەندە، تولۇق ئوزۇقلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلار قۇش تۇخۇملىرىنى نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|