ئاپلېسىن ۋە باناننىڭ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان پايدىسى ھەققىدە دۇنيا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا لوندوندا چاقىرىلغان ئالاھىدە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر بالىلارغا دائىم ئاپلېسىن ۋە بانان يېگىزگەندە، ئۇلارنىڭ قان راكى ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالىملارنىڭ دەلىللىشىچە، ھەپتىدە بەش- ئالتە تالدىن ئاپلېسىن ۋە بانان يەپ بەرگەن ياكى ئاپلېسىن ۋە بانان شەربىتىنى ئىچىپ بەرگەن بالىلارنىڭ قان راكىغا ۋە دېۋەڭلىك، ھاڭۋاقتىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىكەن، چىنكى ئاپلېسىن ۋە بانان تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن B ئىككى بولۇپ، بۇلار قان راكى ۋە دېۋەڭلىك كېسەللىكلىرىنىڭ ئىنىملىك ئالدىنى ئالىدىغان ئالاھىدە مۇھىم ماددىلار ھېسابلىنىدىكەن. تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|