پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

«بالىلارنىڭ يىقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-07 15:11 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
يىقىلىپ چۈشۈش-ئېلىمىزدىكى بالىلارنىڭ زىيان زەخمەتكە ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. نۆل ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلار ئەڭ ئاسان زى

«بالىلارنىڭ يىقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىلىق كۆرسەتمىسى» ئېلان قىلىندى

 

3 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئاسانلا بالىلار ماشىنىسى، بالىلار ئورۇندىقىدىن يىقىلىپ چۈشىدۇ. 9 ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇپ، ئويناۋاتقاندا يىقىلىپ كېتىدۇ. 10 ياشتىن يۇقىرى بالىلار يۈگۈرىشىپ ئويناۋاتقاندا سوقۇلۇشۇپ يىقىلىپ كېتىدۇ. يېقىندا سەھىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان «بالىلارنىڭ يىقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىلىق كۆرسەتمىسى»دىن قارىغاندا، يىقىلىپ كېتىش بالىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەن. مەكتەپ بالىلارنىڭ ئاسان يىقىلىپ چۈشىدىغان ئورنى، شۇڭا مەكتەپ ھەر ئايدا مەكتەپ بىناسى ۋە مەيدانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە پائالىيەت تۈزۈمى تۇرغۇزىشى كېرەك.

سەھىيە مىنىستىرلىكى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:يىقىلىپ چۈشۈش-ئېلىمىزدىكى بالىلارنىڭ زىيان زەخمەتكە ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. نۆل ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلار ئەڭ ئاسان زىيان زەخمەتكە ئۇچرايدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ يىقىلىپ كېتىپ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يىقىلىپ كېتىشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ جىنس بىلەن بولغان پەرقى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئوغۇللارنىڭ قىزلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن. 2005-يىلى ئېلىمىزدىكى نۆل ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ئوغۇللارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈش نىسبىتى يۈز مىڭدەن 1.78، قىزلارنىڭ نىسبىتى يۈز مىڭدىن 0.82 بولۇپ، ئوغۇل قىزلارنىڭ نىسبىتى 2.2 نىڭ بىرگە نىسبىتى بولغان.

بۇندىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى بالىلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈش ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بوۋاقلارنىڭ باش قىسمى بىر ئاز ئېغىر، شۇڭا ئاسان بالىلار ماشىنىسى، بالىلار كارۋىتى، بالىلار ئورۇندىقى ۋە پەلەمپەيلەردىن يىقىلىپ چۈشىدۇ. بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ۋە تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، ئاسانلا پەلەمپەي، ئائىلە سايمانلىرىدىن يىقىلىپ چۈشىدۇ، ۋە ئورەك ۋە قۇرۇلۇش كاۋاكلىرى قاتارلىق كىشى ئويلاپ باقمىغان جايلارغا كىرىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىدۇ. 5 ياشتىن 9 ياشقىچە بولغان بالىلار تېخى ئەمدىلا چوڭلارنىڭ قارىشىدىن ئايرىلىپ سىرتلاردا پائالىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، بىخەتەرلىك تەجىربىسى كەمچىل. ئاسانلا تەنھەرىكەت ئۈسكۈنلىرىدىن يىقىلىپ چۈشىدىغان ۋە باشقىلار ئىتتىرىۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 10ياشتىن يۇقىرى بالىلار كۆپ ھاللاردا تەنەپپۇس ۋاقتىدا بالىلار بىلەن قوغلىشىپ ئويناۋاتقاندا يىقىلىپ چۈشىدۇ، تەنتەربىيە دەرىسىدە يۈگۈرگەندە، مۇز تېيىلغاندا، غالتەكلىك تاختا ئوينىغاندا تېيىلىپ يىقىلىپ كېتىدۇ. بۇ كۆرسەتمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:بالىلار يىقىلىپ چۈشىدىغان ئاساسلىق ئورۇن بولغان بالىلار باغچىسى ۋە مەكتەپلەردە تۆۋەندىكى چارىلارنى قوللىنىش كېرەك:مەكتەپلەر تۈزۈمنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى ياخشىلاش، پائالىيەتنى تەڭشەش قاتارلىق ئۈچ ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چارىلەرنى قوللىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، يەنە فىزىكىلىق خەتەر ئامىللىرىدا ئۆي ئىچىدە بىخەتەر ئەينەك ئىشلىتىش ۋە ئەينەككە سۇنۇشتىن ساقلىنىش پەردىسى چاپلاش، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاستىدىكى ئاسفالىتلارنى تازىلاش، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ بار.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەھىيە مىنىستىرلىكى يەنە مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى قۇرۇپ، بىخەتەرلىك نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يارىلىنىش دوكلاتى تۈزۈپ، مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ يارىلىنىش ئەھۋالىنى سىتاتىستىكا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. يارىلىنىش دوكلاتىغا ئاساسەن، مەكتەپ دائىرىسىدە بىخەتەرلىك چارىسىنى بېكىتىش، تۈزۈمنى چىڭىتىش، بولۇپمۇ تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە تۈزۈم بېكىتىپ، ھەر ئايدا مەكتەپ بىنالىرى ۋە مەيدان بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، بۇنىڭدا ئاساسلىقى پائالىيەت مەيدانىدىكى بالىلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.بۇندىن باشقا، مەكتەپ تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قىستاڭچىلىقتىن ساقلىنىش توغرىسىدا كارىدوردىكى پەلەمپەيلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئورنىتىشى ھەمدە مەكتەپ بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈشى كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر