باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

سپارتاك

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-25 05:08 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
سپارتاك سپارتاك دۇنيانىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى چوڭ بولغان بىر قېتىملىق قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى، قەدىمكى زامان تارىخ

سپارتاك

 

  سپارتاك دۇنيانىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى چوڭ بولغان بىر قېتىملىق قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى، قەدىمكى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخس.

  سپارتاك فراكىيە يەنى ھازىرقى بۇلغارىيەلىك بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 82-يىلى، سپارتاك فراكىيىلىكلەرنىڭ رىم تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بىر قېتىملىق شىددەتلىك جېڭىدە بەختكە قارشى ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. سپارتاك ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، پۇتىغا كىشەن سېلىنىپ، پاچىقىغا ئاق پاراشوك سۈرۈلۈپ، بوينىغا كىچىك تاختا ئېسىلىپ، قۇللۇققا سېتىۋېتىلدى. ئۇ كۆپ قېتىم قاچتى، لېكىن ھەممە قېتىمدا تۇتۇۋېلىندى. كېيىن، قۇلدارلار ئۇنى كاپىيە قەلئەسىدىكى باتان ئىسىملىك بىر ئادەم ئاچقان گلادىئاتورلار مەكتىپىگە گلادىئاتور بولۇشقا سېتىۋەتتى. گلادىئاتورلۇقنى رىملىقلار ئويۇن دەپ ئاتايتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ، رىم قۇلدارلىرىنىڭ قۇللارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ نومۇسسىز تۇرمۇشىنى قاندۇرىدىغان ئەڭ ياۋۇز، ئەڭ دەھشەتلىك بىر خىل <كۆڭۈل ئېچىشى> ئىدى. سپارتاك گلادىئاتورلار مەكتىپىدە ئازاب-زۇلۇمغا ئۇچرىدى.

  ئەركىنلىك ۋە ھاياتلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، سپارتاك كاپۇ يەگلادىئاتورلار مەكتىپىدە قۇللارغا دائىم تەشۋىقات-تەرغىبات ئېلىپ باردى. ئۇ چاقىرىق قىلىپ : < ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ مەيدانىدا ئۆلسەك مەيلىكى، ھەرگىز دۈشمەننىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن رىقابەت مەيدانىدا ھالاك بولمايمىز.> دېدى. ئۇ 200 دەك قۇل گلادىئاتورنى مەخپىي تەشكىللەپ، قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلاندى، خائىن چىقىپ قالغاچقا، گلادىئاتورلار مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 73-يىلى سىپارتاكنىڭ رەھبەرلىكىدە، گلادىئاتورلار قوللىرىغا قىڭراق، تۆمۈر ئارا ۋە كالتەك ئېلىپ، ئۆزلىرىنى نازارەت قىلىدىغان، ساقلايدىغان قۇلدارلار ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، <مەكتەپ> تىن بۆسۈپ چىقتى.

  سپارتاك بىلەن كاپۇيەگلادىئاتورلار مەكتىپىدىن بۆسۈپ چىققان 7 نەچچە گلادىئاتورۋىزۇۋىي ۋولقان تېغىدا قوزغىلاڭ بايرىقىنى كۆتۈردى. سپارتاك رەھبەر بولۇشقا كۆرسىتىلدى، كرىكسى بىلەن ئېنوماي ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولدى. قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتتە تۇرغان قۇللار ۋە ۋەيران بولغان دېھقانلار ئارقا-ئارقىدىن باھانە ئىزلەپ سىپارتاكنىڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوشۇلدى، قوزغىلاڭچىلار ناھايىتى تېزلا كۆپىيىپ 10 كىشىگە باردى. رىم قۇلدارلىرى سىپارتاكنىڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدىن ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، ئاۋۋال كلودىيىنى 3000 ئوفىتسېر ئەسكەرنى باشلاپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. كلودىي سپارتاك پوزىتسىيىلىرىنىڭ بىر تەرىپىدىن باشقا، قالغان ئەتراپىنىڭ تىك يار ۋە قىيا ئىكەنلىكىنى چېلىقتۇرۇپ، تاققا كىرىدىغان بىردىنبىر چىغىر يولدا ئەسكىرىي كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇللارنىڭ چېكىنىش يولىنى توسۇشقا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى تاغدا قاپسىۋېلىشقا ئۇرۇندى. سپارتاك ۋە باتۇر جەڭچىلەر ھودۇقۇپ قالمىدى. ئۇلار پۇختا ئۈزۈم شاخلىرىدىن ناھايىتى ئۇزۇن، يۇمشاق شوتا ياسىدى. بىر كۈنى قاش قارايغاندا، قوزغىلاڭچىلار تىك قىيادىن بىر-بىرلەپ پەسكە چۈشتى، ئاندىن كېيىن كلودىيىنىڭ قارارگاھىنىڭ ئارقىسىغا تۇيدۇرماي ئەگىپ بېرىپ، رىملىقلارنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتتى.

  كلودىي رىمغا رەسۋالارچە قېچىپ باردى، سېنات يەنە پۇبلى ۋارىننى ئىككى كورپۇسنى باشلاپ بېرىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئەلپازى بۇزۇلغان رىم قوشۇنى ئالدىدا، سپارتاك سالماق، تەمكىن بولدى، ئۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ، ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ، ۋارىننىڭ مۇئاۋىن گېنېرالى فۇرىنىڭ ئىككى مىڭ ئادىمىنى ۋە كونسىسىنى باشلاپ كەلگەن رىم قوشۇنىنى يوقاتتى،دەھشەتلىك كۈرەشتە، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدا قۇرال كەملىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاچلىق، سوغۇق ۋە كېسەللىك ئۇلارغا تەھدىت سالدى، لېكىن سىپارتاكنىڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئېگىلمەي-سۇنماي، ۋارىنى قوشۇنىنى ئاخىر مەغلۇپ قىلدى. شۇندىن ئېتىبارەن، قۇل قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئىناۋىتى زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلدى، سىپارتاكنىڭ ئىسمى پۈتۈن ئىتالىيىگە تارالدى.

  سپارتاك ئۇلۇغ بىر ھەربىي قوماندان بولۇپ، كارامەت تەشكىللەش قابىلىيىتىگە ۋە ئېشىپ چۈشىدىغان ھەربىي قوماندانلىق ماھارىتىگە ئىگە ئىدى. جەڭلەردە، سپارتاك ئارقا-ئارقىلاپ قىسىملارنى ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتى، ئېغىر جاندۇقلانغان ئەسكەرلەر ئەترىتى، يېنىك جابدۇقلانغان ئەسكەرلەر ئەترىتى قىلىپ تۈزدى ھەمدە ھۈنىرى بار قۇللارنى تەشكىللەپ، قالقان-ساۋۇت،ھەربىي قۇراللارنى ياساتتى، سپارتاك جەڭ ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ قوشۇنىنى تەرتىپكە سالدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتتىق ئىنتىزام تۈزۈپ بەردى. ھەر بىر كورپۇستا ھەربىي بايراق ۋە ھەربىي گېربى بولۇش، ئولجا ئېلىنغان غەنىيمەتلەرنى بىردەك ئومۇمغا تاپشۇرۇش، غەنىيمەتلەرنى جەڭچىلەر ئارىسىدا تەڭ تەقسىم قىلىش، ئاممىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا نەرقى پۇلىنى تولۇق بېرىش، پۇقرالارنى بوزەك قىلىشقا يول قويماسلىق قاتارلىقلارنى بەلگىلىدى. شۇنداق قىلىپ قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇردى، ئامما  بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى.

  مىلادىدىن بۇرۇنقى 72-يىلى، رىم سىناتى يەنە كونسول پۇبلىكۇلار بىلەن لېنتونى ئىككى كورپۇسنى باشلاپ بېرىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى، شۇ يىلى فېۋرالدا، قۇللارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن سپارتاك قوشۇنىنى باشلاپ شىمالغا يۈرۈپ، ئالپىس تېغىدىن ئۆتۈپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن قېرىنداشلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرماقچى بولدى. بۇ چاغدا، سىپارتاكنىڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. كىرىكسى ئىتالىيىدىن ئايرىلىشنى خالىمىغان بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلارنى يېتەكلەپ، سپارتاك قىسىملىرىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتتى. سىپارتاكنىڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئۆزلىرىنى قورشاپ يوقىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىككى كونسۇلنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جانلىق كۈچىنى يوقىتىپ، بادوس دەريا ۋادىسىغا يېتىپ باردى. بۇ چاغدا سپارتاك قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 120 مىڭ كىشىگە ئىگە زور قوشۇن بولۇپ قالغانىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، مۇتىنا قەلئەسىنى ئالدى، كېيىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، يالمانلىرىنى ئوينىتىپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، پايتەخت رىمغا ھۇجۇم قىلدى.

  سىپارتاكنىڭ 120 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ تېزلىك بىلەن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشى رىم قۇلدارلىرىنى بەكمۇ ئالاقزادە قىلىۋەتتى. بۇ چاغدا كىراسىس كونسۇل بولغان ئىدى، كىراسىس قۇللار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتىكى ئەڭ ئەشەددىي جاللات ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن گېنېرالى مۇممىيغا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئىزىغا چۈشۈشنى بۇيرۇدى. مۇممىي خىزمەت كۆرسىتىشكە بېرىلىپ كېتىش نەتىجىسىدە، سىپارتاكنىڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. كىراسىس ئەسكەرلەرگە تەھلىكە سېلىش ئۈچۈن، ۋەھشىيانە بولغان <دېسماتسىيە> يەنى ئون ئادەمدىن بىرنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى-جەڭدىن باش تارتقان ئەسكەرلەرنىڭ ئونى ئىچىدىن بىرسىنى ئايرىۋېلىپ ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئاندىن كېيىن سىپارتاكنىڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى قوغلاپ ماڭدى.

  سپارتاك بۇ چاغدا مىسسىنا دېڭىزى بوغۇزىغا يېتىپ بېرىپ، دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ سىتسىلىيىگە بارماقچى بولدى. لېكىن دېڭىزدىن ئۆتۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 71-يىلى قىشتا، سپارتاك ئارقىغا يېنىپ شىمالغا يۈرمەكچى بولۇۋاتقاندا، كىراسىس ئۇلارنى قوغلاپ تېمېسادا يېتىشىۋالدى، تېمېسا تار ۋە ئۇزۇن جاي ئىدى. كىراسىس قوشۇنىغا بۇيرۇق بېرىپ، ئۇزۇنلۇقى 50 نەچچە كېلومېتىر، كەڭلىكى 4-5 مېتىر، چوڭقۇرلىقى 4-5 مېتىر كېلىدىغان خەندەك كولاتتى. شۇ ئارقىلىق سىپارتاكنىڭ قوشۇنىنى توسماقچى بولدى. سپارتاك ئۇلۇغ، مەشھۇر ھەربىي رەھبەر بولۇشقا مۇناسىپ. شىۋىرغانلىق بىر كېچىدە، ئىچكى قىسىملارنى باشلاپ مۇھاسىرىنى بۇزۇپ، كىراسىسنىڭ مۇداپىئە لىنيىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز ساھىلىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. بىراق، بۇ چاغدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدا ئىككىنچى قېتىملىق بۆلۈنۈش بولدى، ئىتالىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن دېھقانلار ۋە قۇللار سپارتاك بىلەن بىرىندىسىغا بېرىشنى خالىمىدى. ئاندىن كېيىن ئادىراتىك دېڭىزدىن ئۆتۈپ يۇنانغا كەتتى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدىن 12 مىڭ جەڭچى بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، سپارتاك قىسىمنى يېتەكلەپ بىرىندىسقا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. كىچىك ئاسىيادىن قايتىپ كەلگەن رىم گېنېرالى لۇكۇلل بىرىندىسنى ئاۋۋال ئىشغال قىلىۋېلىپ سىپارتاكنىڭ يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. بۇ چاغدا پومپېي ئىسپانىيىدىن قوشۇن باشلاپ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىۋاتقان، كىراسىس ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ۋەزىيەت جىددىي ئىدى. سپارتاك سەپ تارتىپ شىمالغا يۈرۈپ، رىمغا ھۇجۇم قىلىش قارارىغا كەلدى. كىراسىس جەڭ مېۋىسىنىڭ پومپېي بىلەن لۇكۇلل تەرىپىدىن ئوڭايلىقچە تارتىۋېلىنىشىغا تەن بەرمەي، سىپارتاكنىڭ كەينىدىن چىڭ ئەگىشىپ كېلىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا ئالدىراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەر جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان بىر قەپەس جەڭ ئاپۇلىيە بىلەن كارابولىيە چېگرىلىنىدىغان جايدا ئېلىپ بېرىلدى. جەڭ سەھەردىن گۇگۇم ۋاقتىغىچە داۋام ئەتتى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ جەڭچىلىرى قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلدى. سپارتاك لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، جان پىدالىق بىلەن ئېلىشىپ، رىمنىڭ ئىككى قوماندانىنى چېپىپ ئۆلتۈردى. سپارتاك كىراسىسنى تېپىپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلماقچى بولغانىدى، لېكىن ئۇنى تاپالمىدى. شىددەتلىك جەڭدە، سىپارتاكنىڭ پۇتى ئېغىر يارىلاندى، ئەمما ئۇ يەردە يۈكۈنۈپ، قالقان بىلەن ئۆزىنى توسۇپ تۇرۇپ، مەرتلەرچە قۇربان بولغانغا قەدەر داۋاملىق جەڭ قىلدى.

  سپارتاك قۇربان بولدى! ئۇ ياندۇرغان يالقۇن خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە داۋاملىق ھالدا ئىتالىيىگە تۇتاشتى. سپارتاك قوزغىلىڭى قەدىمكى زاماندىكى رىمنىڭ قۇلدارلار سىنىپىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى، رىم قۇلدارلار سىنىپىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى تەۋرىتىۋەتتى. رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكىنىڭ كىرزىسىنى تېزلەتتى. تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  سپارتاك- قۇللار سىنىپىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى. ماركىس: سپارتاك <ئالىيجاناب پەزىلەتكە ئىگە ئىدى، ئۇ قەدىمكى زامان پرۇلتارىياتىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى> دېدى. كېنىن ئۇنى <تەخمىنەن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قۇللار قوزغىلىڭىدىكى ئەڭ مەشھۇر قەھرىمان> دەپ ئاتىدى.

مەنبە:ئوكيان

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر