باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

كومراجىۋا

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-28 18:11 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
كومراجىۋا كومراجىۋا (مىلادى 344- 413 ) بۇددا دىنى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىبابەت ئەسەرلىرىنىڭ ئاتاقلىق تەرجىمە مۇتەخەسسىسى، بۇددا نوملىرىنى

كومراجىۋا



            كومراجىۋا (مىلادى 344- 413 ) بۇددا دىنى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىبابەت ئەسەرلىرىنىڭ ئاتاقلىق تەرجىمە مۇتەخەسسىسى، بۇددا نوملىرىنىڭ جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ مەشھۇر تەرجىمە پىر ئۇستازىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئۇلۇغ نامايەندىلىرنىڭ ۋە مۇتەپەككۇر ئالىمى، ئەدىبى.
           ئۇ، 344- يىلى قەدىمكى غەرىبي دىيار كۆسەن (كۇچا) خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى كومرايان مۇھىم دۆلەت ئەربابى، ئانىسى جىۋا مەشھۇر تېۋىپ بولۇپ، كۆسەن خانى بەگ چوڭنىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئۇ، يەتتە ياشقا كىرگەندە (350- يىلى ) ئانىسى بىلەن بۇددا دىنىغا كىرگەن، زېرەكلىكىدىن كۈنىگە 1000 مىسرادىن نوم تېكىستى ياد ئالغان. توققۇز ياشقا كىرگەندە ئانىسىغا ئەگىشىپ كەشمىرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 13 يېشىدا يۇرتقا قايتىش سەپىرىدە ئۆزىنى كىچىك كۆرۈپ مەڭسىتمىگەن بىر راھىب كالان بىلەن مۇنازىرلىشىپ، ئۇنى يېڭىپ پۈتۈن غەربىي دىيارغا داڭقى كەتكەن. كۆسەن خانى ئۆزى شەھەر سىرتىغا چىقىپ قارشى ئالغان ۋە دۆلەت ئۇستازى دەپ نام بەرگەن. كۆسەندە ھەر جايلاردىن كەلگەن مۇرىتلار تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن ساۋاق ئالغان.
          ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئالدىنقى چىن پادىشاھى 383- يىلى كۆسەنگە ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇنى ئالدۇرۇپ كەلگەن، كومراجىۋا گۇزاڭ شەھىرى (ھازىرقى گەنسۇ ۋۇۋىي ) دە 15 يىل تۇرۇپ قېلىپ خەنزۇچىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن. كېيىنكى چىن پادىشاھى 401- يىلى ئۇنى چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن ) گە ئالدۇرۇپ كېلىپ، دۆلەت ئۇستازى دەپ ئىززەتلەپ ئىشلەتكەن. كومراجىۋا شاۋياۋيۈەن باغچىسىدا 800 نەپەر شاگىرتقا دەرس بەرگەن ھەمدە 3000 راھىبقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك نوم تەرجىمە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، 74 پارچە 384 جىلد نوم تەرجىمە قىلغان. ئۇ، شۇ قاتاردا ئۇيغۇر تىبابىتىگە دائىر نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئانىسى جىۋانىڭ داڭلىق تىببىي ئەسەرلىرى «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا » ۋە «جىۋا كاپوستاكا » نى تەرجىمە قىلىشتىن سىرت، يەنە 33 جىلدلىق «غەربىي دىيار تېۋىپلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رېتسېپلار »، ئۈچ جىلدلىق «غەربىي دىيار ئەۋلىيالىرىنىڭ رېتسېپلىرى »، تۆت جىلدلىق «غەربىي دىيار مەشھۇر تېۋىپلىرى توپلىغان مۇھىم رېتسېپلار »، تۆت جىلدلىق «بۇسەتۋا ناگار جۇنانىڭ دورا رېتسېپلىرى » ، ئىككى جىلدلىق «بۇسەتۋا ناگار جۇنانىڭ ئىسرىقلاش ئۇسۇلى »، 2600 جىلدلىق «ھەر يەرلەردىن توپلانغان رېتسېپلار » قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان. بۇ ئۇيغۇر تىبابىتى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يوقىلىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا » ۋە «جىۋا كاپوستاكا » دېگەن ئەسەرلەر 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەللىكلەر تەرىپىدىن دۇنخۇاڭدىكى خۇپىيانە كىتاب ئامبرىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا گېرمانىيىدىكى پىروسى باكلاۋىرلار ئىنستىتۇتىدا TIIY49 دېگەن نۇمۇر بىلەن، لوندۇندىكى ھىندىستانغا دائىر ئىشلار كۇتۇپخانىسىدا CHII300 دېگەن نۇمۇر بىلەن ھازىرغىچە ساقلانماقتا.

 

سىدىق رەھمەت، مۇختار مامۇت مۇھەممىدىلار يازغان «مەشھۇر ئۇيغۇر تېۋىپلىرى » دېگەن كىتابدىن ئېلىندى.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دوست بىكەت باشلىقلىرى سەمىگە: [ 2011-07-01 21:35:30 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مەسئۇلىيەتنام [ 2011-07-04 13:28:50 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] مەكتەپ -ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتنامە [ 2011-07-04 13:23:38 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق 2-ماۋسۇم ئونۋىرسال ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:17:34 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق شىنجاڭ 2-ماۋسۇملۇق ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:15:55 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:10:25 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق 2-ماۋسۇم ئىلىم-پەن ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:07:34 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 2-يىللىق شىنجاڭ 2-ماۋسۇملۇق ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:04:09 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 5-يىللىق 2-ماۋسۇم شىنجاڭ ئىمتىھان س [ 2011-06-29 18:47:56 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ھوشيارلىقنى ئۆستۇرۇپ،كىچىككىنە خ [ 2011-06-29 18:44:30 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر