| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

++C ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن 50 تەۋسىيە

ۋاقىت : 2011-10-25 16:55 | مەنبەسى : | ەمىنلىگۇچى : ئالىپتىكىن | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

++C ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن 50 تەۋسىيە

 

تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجانئابدۇكېرىم (بىخلان)

 

1. ++C نى يېڭى بىرتىل قاتارىدا ئۆگىنىڭ، ئۇنىڭ دەسلەپكى C بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ قاراڭ؛

2. ""Thingking In ++C"" دېگەن كىتابلارنى كۆرۈڭ، ""++C لايىﻬىلەشئىدىيىسى"" دېگەن كىتابلارنى كۆرمەڭ؛

3. ""The ++C Programming Language"" ۋە ""Inside The ++C Object Model"" نى كۆرۈڭ، ﻫەرگىز بىز يېڭى ئۆگەنگۈچى، ئۇنى كۆرسەكچۈشەنمەيمىز دەپ قارىماڭ؛

4. VC, BCB, BC, MC, TC دېگەندەك سۆزلەر بېشىڭىزنى قايمۇقتۇرمىسۇن، ئۇلار دېگەنتوپلاشتۇرۇلغان ئېچىش قورالى، ﻫەرگىزمۇ بىز ئۆگەنمەكچى بولغان تىل ئەمەس؛

5. كىتابتىكى ئاددىيبىر مەسىلە بولسىمۇ سىزنىڭ تەﻫلىل قىلىشىڭىزدىن قېچىپ قۇتۇلمىسۇن، چۈنكى ئۇلار ئاددىي بىر مەسىلىلا ئەمەس، بۇنى بېجىرىش جەريانىدا نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرگە ئۇچرايسىز؛

6. ++Visual C نى ئىشلىتىشنى بىلگىنىڭىز ﻫەرگىزمۇ سىزنىڭ ++C تىلىنىبىلىدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرمەيدۇ؛

7. Class نى ئۆگىنىش ئانچە تەس ئەمەس، template, STL, generic programming دېگەنچىلىكلا گەپ، تەس بولغىنى ئۇزۇن مۇددەت ئەمەلىي سىناشقابەرداشلىق بېرىش ۋە دەستە- دەستە كىتابلارنى ئوقۇش؛

 8. پروگراممالايىﻬىلەشنىلا ئۆگىنىپ ئويۇن ئويناشنى تاشلاپ قويماڭ، چۈنكى، سىز ئويۇندىكى چوڭ- كىچىك ﻫەربىر ئۆتكەلدىن ئۆتكەندە بەلكىم پروگرامما لايىﻬىلەش ئىدىيىڭىزدىكىئىقتىدارىڭىزنىڭمۇ پەيدىنپەي يۇقۇرىلاۋاتقانلىقىنى ﻫېس قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن. ﻫەرۋاقىت يادىڭىزدا بولسۇن: ++C ئۆگىنىش ئەمەلىيەتتە ئەشۇ ئويۇننى لايىﻬىلەش ئۇچۈندۇر؛

9. ++Visual C توغرىسىدىكى كىتابلارنى كۆرۈپ ++C نى ئۈگىنىپبولالمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك.

10. يەڭگىلتەككىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: XX تىل قاملاشمايدىكەن، YY تىلنى ئۆگىنىش كېرەك! (ئسلىدە ئۆزىڭىز قاملاشمىدىڭىزمۇ قانداق؟)؛

11. يەڭگىلتەككىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: مەن زادى قايسى تىلنى ئۆگىنىشىم كېرەك؟ --- بولدى سورىماڭ، ئۆگەنگىنىڭىز توغرىسى شۇ؛

12. تەڭگىلتەككىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: XX تىل بىلەن پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ ----- ئەڭ ياخشىسى سىز بېرىپ بانكابۇلاڭ؛

13. يەڭگىلتەككىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: خەنزۇچە نۇسخىسى بولسا بولاتتى، ئېنگلىزچە نۇسخىسىبولمايدىكەن! ---- بولمايدۇ؟ ئۆگىنىڭ!

14. يەڭگىلتەككىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: XX بىلەن YY تىلنىڭ قايسىسى ياخشى؟ ----- سىزگە دەپ قوياي، ﻫەممىسى ياخشى، پەقەت سىز ئۆگىنەلىسىڭىزلا؛

15. يەڭگىلتەككىشىلەر مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، بىرىنچى خىلى، نەزەر سالىدىغان، ئۆگەنمەيدىغانلار؛ ئىككىنچى خىلى، ئۆگىنىدىغان، ئۇزۇن بەرداشلىق بەرمەيدىغانلار؛

16. مودا تېخنىكىلارنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي يۈرگەندىن، ۋاقتى ئۆتكەن تېخنىكىلارنى ئۆگىنىۋالغان ياخشى؛

17. ++C ئوبىيكتقايۈزلەنگەن پروگرامما لايىﻬىلەش تىلىلا ئەمەس؛

18. پروگراممالايىﻬىلەشنى ئۆگىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرى كۆپ، مەسىلەن: باشقىلارنىڭ ئەسلى كودىنىكۆرۈپ چۈشىنىش قاتارلىقلار؛

19. ﻫەرقانداقۋاقىتتا قولىڭىزدىكى كىتابنى كۆرۈپ بولسام كۇپايە دەپ ئويلاپ قالماڭ؛

20. ""Bible ++ The Standard C"" نى كۆرۈڭ، ئاندىن خەنزۇچە ""ئۆلچەملىك ++C"" نى كۆرۈڭ،++C نىڭ ئولچىمىنى چۈشىنىسىز؛

21. كۆرۈپچۈشىنىدىغان كىتابنى ئەستايىدىل تەپسىلىي كۆرۈڭ، كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغانلىرىڭىزنىجاننى ئالقانغا ئېلىپ كۆرۈڭ؛

22. بىرىنچى پارچەكىتابنى كۆرۈپلا ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ كەتمەڭ، ئىككىنچى، ئۇچىنچى پارچە كىتاب ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.

23. ""++ Effective C"" ۋە ""++ More Effective"" ۋە ""++Exceptional C"" نى كۆرۈڭ؛

24. توپلاشتۇرۇلغانئېچىش مۇﻫىتىنىڭ بۆشۈكىدە توختاپ قالماڭ، توپلاشتۇرۇلغان ئېچىش قۇرالىنى كونترولقىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ئاندىن باشقا بۇيرۇق ﻫالىتىدە پروگرامما بىر تەرەپ قىلىشنىمۇ ئۆگىنىشىڭىز كېرەك؛

25. باشقىلاربىلەن ئەﻫمىيەتلىك بولغان ++C بىلىملىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىڭ، ﻫەرگىزمۇ XX بولامدۇبولمامدۇ YY بىلەن ZZ نىڭ قايسىسى ياخشى توغرىسىدا تالاش- تارتىشقا ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ؛

26. ""پروگرامما لايىﻬىلەش ئەمەلىيىتى (تەجرىبە ساۋىقى)"" لىرىنىكۆرۈڭ، تەلەپ بويىچە ئورۇنلاشقا قاتتىق ئەمەل قىلىڭ؛

27. C بىلەن ++C دىكىبىرقىسىم ئاچقۇچلۇق سۆز ياكى جۈملىلەرنىڭ گىرامماتىكىلىق يېزىلىش شەكلىنىڭ ئوخشاشلىقىغا قاراپلا ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۆزئارا ئوخشاشكەن دەپ قارىماڭ؛

28. ++C تىلىﻫەرگىزمۇ ئاتالمىش C تىلىنىڭ ""كېڭەيتىلگىنى"" ئەمەس ----- ئەگەر ++C تىلى مەيدانغا چىققاندىلا Z تىلى دەپ ئاتالغان بولسىدى سىز ﻫەرگىزمۇ ++C بىلەن C نىڭ زىچمۇناسىۋىتى بار دەپ قارىمىغان بولاتتىڭىز؛

29. XX تىلنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن ++C تىلىنى ئۆگەنسە ﻫېچقانداق مەسىلە يوق دەپ ئويلىماڭ ------ سىز پەقەت يېڭى بىر تىلنى ئۆگىنىۋاتىمەن دەپلا قارىسىڭىز بولىدۇ؛

30. ""Inside The ++C Object Model"" نى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كىيىن ئاندىن ئۆزىڭىزنى ++C نى ئۆگەندىممۇ يوق دەپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ؛

31. پروگراممالايىﻬىلەشنى ئۆگىنىشتىكى بىر سىر شۇكى: پروگرامما لايىﻬىلەش، پروگرامما لايىﻬلەش، يەنە پروگرامما لايىﻬلەش؛

 32. تۆۋەندىكىكىتابلاردىن پەخەس بولۇڭ: ""++C ئوبىيكتقايۈزلەنگەن يۇقۇرى ئۇنۈملۈك پروگرامما لايىﻬىلەش"" (""C++ Effective Object - Oriented Software Construction) ""ئوبىيكتقا يۈزلەنگەن يۇمشاق دېتال قۇرۇلمىسى"" (Object-Oriented Software Construction) ""لايىﻬىلەش ئەندىزىسى"" (Design Patterns) ""The Art Of Computer Programming""؛

33. ئېسىڭىزدەبولسۇن: ئوبىيكتقا يۈزلەنگەن تېخنىكا پەقەت ++C دىلا ئەمەس؛

34. كىتابتىكى مەشىقپروگراممىلارنى ئوز قولىڭىز بىلەن كومپيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىپ ئەمەلىيەتتىن ئوتكۈزۈڭ، گەرچە كىتاب بىلەن قوشۇپ ئەسلى پروگراممىلار تەييار ئوپتىكدېسكىدا بېرىلگەن بولسىمۇ؛

35. كىتابتا كۆرگەن، ئەﻫمىيەتلىك پروگرامما مىساللىرىنى كېڭەيتىپ بېقىڭ؛

36. ++C دىكى ئادەتتىن تاشقىرى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى مۇﻫىم قاتاردا كۆرۈڭ، ﻫەمدە ئوزىڭىزتۈزگەن پروگراممىدا ئەمەلىي قوللىنىڭ؛

37. ئوزىڭىزنىڭ بۇرۇنتۈزگەن پروگراممىلىرىڭىزنى يۈتتۈرۈۋەتمەي ياخشى ساقلاڭ ﻫەمدە ﻫەرقېتىم يېڭى تېخنىكا ئۆگەنگەندە ئۇلارنى قايتىدىن تۈزۈپ بېقىڭ، ئىلگىرلەپسىزمۇ؟

38. كىتابتىكى ﻫەربىرمىسالنى مەشىق قىلىشتىن چۈشۈرۈپ قويماڭ ------ تولۇق ئىشلەڭ ﻫەمدە ئوزىڭىزنىڭ ئۇنىقانداق ﻫەل قىلغانلىقىڭىزنى خاتېرلەپ قويۇڭ؛

39. ++C تىلى ۋە ++C نىڭتوپلاشتۇرۇلغان ئېچىش مۇﻫىتىنى ئۆگىنىشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىڭ؛

40. ++C نى ئۆگىنىشنى قارار قىلغان ئىكەنسىز، چوقۇم بەرداشلىق بېرىڭ، چۈنكى، پروگراممالايىﻬىلەش تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى پروگرامما لايىﻬىلەش تېخنىكىسىنى ئىگەللەش، ﻫالبۇكى، پروگرامما لايىﻬىلەش تېخنىكىسى چوقۇم تىلغا تايىنىدۇ؛

41. ++C تىلىنىڭﻫەرخىل توپلاشتۇرۇلغان ئېچىش مۇﻫىتلىرى كەسكىن رىقابەتكە چۈشۈپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، بىز يەنىلا ++C نىڭ ئۆزىنى ئۆگىنىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك؛

42. ++C تىلىدايازغان پروگراممىلىرىڭىز ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئوزىڭىزنىڭ قوللانغان ئۇسۇللىرىڭىزنىڭبەدبەشىرە ئىكەنلىكىنى سەزگەن ۋاقتىڭىزدا، ﻫەرگىز دەرﻫال توختىۋالماڭ، داۋاملىققالغان قىسىملىرىنى لايىﻬىلەپ پروگراممىنىڭ تولۇق لايىﻬىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ، ئاندىن ئوزىڭىزنىڭ خاتالىقلىرىنى تېپىپ چىقىپ قايتىدىن لايىﻬىلىسىڭىز ياكى يېزىپچىقسىڭىز بولىدۇ (43 كە قاراڭ)

43. ئەنسىرىمەڭ، ++C نىڭ Class لىرىنى لايىﻬىلەش ﻫەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ئوزىڭىزنىڭپروگراممىسىدىكى Class ۋە ئوزىڭىزنىڭ Class لايىﻬىلەش سەۋىيىرىڭىز ئەمەلىيەت داۋامىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ؛

44. ﻫەرگىزمۇ تۈزگەنپروگراممىنىڭ ""ئىنتايىن كىچىك"" ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپلاپروگرامما يېزىش قائىدىسىنى بۇزۇپ تاشلىماڭ ----- ياخشى ئادەتنى تەربىيىلەپ چىقىشبىرقېتىمدىلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ؛

45. ﻫەرقېتىم ++C نىڭ قىيىننۇقتىسىدىن بىرنى ئۆگەنگەن ۋاقتىڭىزدا، بۇ نۇقتىنى باشقىلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپبېقىڭ ------ سىز ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلىگەندىلا، ئاندىن سىزنى چۈشەندى دىيىشكەبولىدۇ؛

46. باشقىلار بىلەنسۆﻫبەتلەشكەندە ئوزىڭىزنىڭ ئېتىبارسىز قارىغان ۋە چۈشەنمىگەن بىلىملىرىڭىزنىخاتېرلەپ قويۇڭ؛

47. ئوزىڭىزنىڭتۈزگەن پروگراممىسىغا ئلازلۈكسىز يۇقۇرى تەلەپ قويۇڭ، تۈزگەن دېتالىڭىزنىڭ نەشرنۇمۇرىنىڭ 100.0 گە يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەڭ؛

48. ئوزىڭىزنىڭ تارىخىداتۈزگەن بارلىق پروگراممىلىرىڭىزنى ساقلاپ قويۇڭ ----- ئۇ سىزنىڭ ئەڭ ياخشىجۇغلانمىڭىزنىڭ بىرى؛

49. يەڭگىلتەك ئادەمبولۇپ قالماڭ؛

50. ++C نى قىزغىنسۆيۈڭ!

مەنبە:تور دۇنياسىدىن ساقلىۋالغانلىرىم

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>