| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

«چېچەن» ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىندى

ۋاقىت : 2012-11-01 15:55 | مەنبەسى : تور دۇنياسى | ەمىنلىگۇچى : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

«چېچەن» ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىندى


«چېچەن» ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىندى

چېچەن كىرگۈزگۈچىسى سىناق نۇسخسى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ30-كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ،  قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى 1.0 رەسمىي نۇسخىسى تارقىتىلدى.

سىناق نۇسخىدا بايقالغان بارلىق مەسىلىلەر تۈزىتىلدى ،360 قاراۋۇلى تەستىقىدىن ئۆتتى ھەمدە360 يۇمشاق دېتال باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن سىرت نامزات سۆز تەرتىۋى جەھەتتە ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى . (سىناش خىزمىتىگە قاتنىشىپ تەكلىپ –پىكىر بەرگەن دوستلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز )

چېچەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى Windows مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالى بولۇپ ، XP/Vista/Win7/win8قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. (ۋاقتىنچەwin8 metroدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ، ئۈستەل نۇسخىسىدا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، كىيىنكى نۇسخىدا بۇ مەسىلىنىمۇ چوقۇم ھەل قىلىمىز )

چېچەن كىرگۈزگۈچ ئاساسلىق ئىقتىدارى :

1. ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنالايسىز، سۆزلۈك ئامبىرى تەجرىبىلىك كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن.

2.ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ، چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرگۈزۈش ئادىتىنى ئەستە ساقلايدىغان بولۇپ، كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىزنى نامزات سۆزلۈك قاتارىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنىغا تىزىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

3.يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنچى بولسىڭىز يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسىنى قوزغىتىپ ، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ( ياكى كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ ) خەت كىرگۈزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

4. كىرگۈزۈش سۈرئىتىڭىز تېزلىشىدۇ، سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىنى كىرگۈزسىڭىزلا ، چېچەن سىزگە كىرگۈزگەن ھەرپلىرىڭىزگە ماس كېلىدىغان ، كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

5.سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈش تېخىمۇ قولايلىق ھەم تېز، مەسىلەن: « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز پەقەت «ش ۇ ا ر » ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، «ئۈرۈمچى شەھىرى» دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز « ۈ ش» ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. ( سۆز بېرىكمىسى يازغاندا ئەمزە« ئ »قوشۇپ يېزىشىڭىز ھاجەتسىز )

6.كۆپ خىل كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇبى تەمىنلەندى، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇب، رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز. يەنە شىركىتىمىز تەمىنلىگەن Chicheniccئۇسلۇب لايىھەلەش قورالى ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسوندىكى ئۇسلۇبلارنى ياساپ ئىشلىتەلەيسىز.

7.بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئەڭيېڭى سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەلەيسىز، سۆزلۈك ئامبىرىنى توردا يېڭىلاشقا بولىدۇ، شىركىتىمىز سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق تولۇقلايدۇ، سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلاش ئۈچۈن دېتالنى قايتا قاچىلىشىڭىز ھاجەتسىز.

8.shiftكۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، لاتىنچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرالايسىز، ئىنتايىن قولايلىق.

9.قاچىلاش باسقۇچى ئاددىي، قولايلىق؛ قاچىلاشتىن ئىلگىرى ياكى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى .

چېچەن كىرگۈزگۈچ توربېتى (كىرگۈزگۈچ چۈشۈرۈش ) ئادرېسى : http://ime.izda.com

چېچەن كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش قوللانمىسى ئادرېسى : http://ime.izda.com/ime/help

مەزكۇر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھەقسىز يۇمشاق دېتال.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(1)
100%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>