| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا

ۋاقىت : 2012-11-17 22:15 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم


ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز قىلىش

قىلمىشلىرىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

 

  ئىلغار مەتقاسىم


    ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھېسابلاش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قۇرۇلمىلىرى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدىغان، سىپىرلىق بۇيرۇق تەرتىپكە، ئاپتوماتىك سىپىرلاشتۇرۇلغان بۇيرۇق تەرتىپكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان، شەرتلىك بەلگىلەشتۈرۈلگەن بۇيرۇق تەرتىپكە ياكى شەرتلىك بەلگىگە ئايلاندۇرۇلغان سۆز – ئىبارە تەرتىپى، تەبىئىي تىل ياكى شەكىللىك تىل ئارقىلىق يېزىلغان يازما ماتېرىياللار ۋە چېرتيوژ – جەدۋەللەر، تەرتىپ مەزمۇنى، تەركىبى، لايىھەسى، ئىقتىدارى، ئۆلچىمى، ئىختىرا ئەھۋالى، سىناق نەتىجىسى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى تەسۋىرلەپ بېرىلىدىغان ماتېرىياللار(تەرتىپ لايىھەسىنىڭ ئىزاھاتى، ئىسخېمىلاشتۇرۇلغان چېرتيوژ، ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسى) قاتارلىق يازما ئارخىپلارنى كۆرسىتىدۇ.

    ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە ئۇچۇر ئىلمىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدە يۇمشاق دېتالغا دائىر ئەسەر ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىق قانۇنى›› قاتارلىق بىر قاتار قانۇنلار ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. 1991 – يىلى ‹‹ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى قوغداش نىزامى›› يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىر قىسىم شىركەت، كارخانا ۋە شەخسلەر مەنپەئەتنى كۆزلەپ، يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا.

    ‹‹ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى قوغداش نىزامى››نىڭ 30 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ بىرىنى سادىر قىلغۇچىلار ئەھۋالغا قاراپ، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىش، تەسىرىنى تۈگىتىش، ئاشكارا ناماقۇل بولۇش، زىياننى تۆلەپ بېرىش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتاللار ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرغۇچى تارماقلىرىمۇ ئۇلارغا قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەمۇرىي جازالارنى بېرىدۇ.

    1 )يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، ئەسەر ئىگىسىنىڭ يۇمشاق دېتالغا دائىر ئەسىرىنى ئېلان قىلغانلار؛

    2)باشقىلار ئىختىرا قىلغان يۇمشاق دېتالغا دائىر ئەسەرنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلغانلار؛

    3)ھەمكارلاشقۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىختىرا قىلغان يۇمشاق دېتالغا دائىر ئەسەرنى ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنلىغان ئەسەر قاتارىدا ئېلان قىلغانلار؛

    4)باشقىلار ئىختىرا قىلغان يۇمشاق دېتالغا ئىسمىنى يازغان ياكى باشقىلار ئىختىرا قىلغان دېتالدىكى ئىسىمنى ئۆزگەرتكەنلەر؛

    5) يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ياكى ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا دائىر ئەسەرگە تۈزىتىش كىرگۈزگەن، ئۇنى تەرجىمە قىلغان ۋە ئىزاھلىغانلار؛

    6) يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ياكى ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، يۇمشاق دېتالغا دائىر ئەسەرنى كۆچۈرۈۋالغان ياكى قىسمەن كۆچۈرۈۋالغانلار؛

    7) يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ياكى ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، جامائەتچىلىككە يۇمشاق دېتالنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تارقاتقان، كۆرگەزمە قىلغانلار؛

    8) يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ياكى ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپكە مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشىنى بېجىرىپ بەرگەنلەر.

    قىلمىش سادىر قىلغۇچىلار يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنسە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈپ جىنايى جازاغا تارتىلىدۇ.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>