باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

كومپىيۇتىر بىلىملىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-04 20:08 مەنبەسى: ئاپتورى: hayrat1111 كۆرۈلۈشى: قېتىم
كومپىيۇتىر بىلىملىرى
تەلەي +1


1. جاھاننامە ئادرىس سىتونىدىكى تارىخىي ئادرىس خاتىرىلىرىنى ئاپتوماتىك يۇيۇپ تاشلاش :
باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ ،ئىچىگە regedit دەپ تولدۇرۇپ تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئاچىمىز ،
ئاندىن HKEY_CURRENT_USERSoftwareMicrosoftWindowsCurrentVersionPoliciesExplorer تېپىپ ، ClearRecentDocsOnExit ئىسىملىك بىر 十六进制键 دىن بىرنى قۇرىمىز (كەچۈرۈڭلار !十六进制键 بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلالمىدىم )،
ئاندىن قىممىتىنى 01000000 قىلىپ تولدۇرۇپ كومپيۇتىرنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ ! ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم قايتا قوزغالغاندا ئادىنقى قېتىملىك
تارىخىي ئادرىس خاتىرىلىرىنى ئاپتوماتىك يۇيۇپ تاشلايدۇ !

2.كۆپ ئۇچرايدىغان ئىجرا قىلىش بۇيرۇقلىرى :

باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ،ئىچىگە تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى كىرگۈزىمىز ! ھەممىسىنىڭ ئۆز ئادىغا رولى بار !

1. winver بولسا Windows نىڭ نەشرىنى تەكشۈرۈش !
 2.dxdiag بولسا DirectX ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش !
 mem.exe.3 بولسا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ !
 Sndvol32.4 بولسا ئاۋاز كونتىرول قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
 5.sfc.exe بولسا سىستىما ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرگۈچ !
6.gpedit.msc بولسا گۇرۇپپىلار بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ !
 7.regedit.exe بولسا تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئېچىپ بېرىدۇ !
 Msconfig.exe .8 بولسا سىستىما سەپلىمىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ !
9. cmd.exe CMD بولسا بۇيرۇق ئەسكەرتمە پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
10. chkdsk.exe Chkdsk بولسا قاتتىق دېسكىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
11. services.msc بولسا مۇلازىمەت كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
12.  lusrmgr.msc بولسا يەرلىك ئابونت باشقۇرۇش كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
13. drwtsn32 بولسا Windows سىستىما دوختۇرى كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
cleanmgr .14 بولسا رەتلەش ئېلىپ بېرىش كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
 15. mmc بولسا كونتىرول سۇپىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
 16. rononce -p 15  بولسا 15سىكونتتىن كېيىن ئاپتوماتىك كومپيۇتىرنى ئۆچۈرۈش !
17.  taskmgr بولسا ۋەزىپە باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
18. devmgmt.msc بولسا ئۈسكىنە باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
19. diskmgmt.msc NT بولسا قاتتىق دېسكا باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
20.  compmgmt.msc بولسا كومپيۇتىر باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
21. winchat بولسا كىچىك دائىرىيىلىك توردا پاراڭلىشىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
 22. mspaint بولسا رەسىم سىزىش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
 23. nslookup بولسا تورنى باشقۇرۇش قورالىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
 24. syskey بولسا سىستىمىغا مەخپىي ئۇچۇر ئورنىتىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
25. wupdmgr بولسا Windows نى يېڭىلاش تور بىكىتىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
26. Clipbrd بولسا قىيىپ چاپلاش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
27 . Odbcad32 بولسا ODBC سانلىق مەلۇمات مەنبەسىنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
28. Nslookup بولسا IP ئادرىسىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
29. write بولسا خەت يېزىش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
30. mstsc بولسا يىتاق مۇساپىلىق ئۇلاش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
 31.magnify بولسا چوڭايتىپ كۆرسىتىش ئەينىكىنى ئىشلىتىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
32. mobsync بولسا ماس قەدەملىك بۇيرۇق پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
33. dfrg.msc بولسا دېسكا پارچىلىرىنى رەتكە سېلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
34.dcomcnfg بولسا سىستىما بىرىكمە دىتال مۇلازىمىتىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
  35. notepad   بولسا خاتىرە دەپتەرنى ئېچىش !
36.ntbackup بولسا سىستىمىنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
37. narrator بولسا سىستىما ئاپتوماتىك بايان قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
  38.ntmsmgr.msc بولسا يۆتكىگۈچلىك ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
39.sysedit بولسا سىستىما سەپلىمىلىرىنى تەھرىرلەش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
40. sndrec32 بولسا سىستىما ئۈن ئېلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
  41. ventvwr   بولسا ۋەقە تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
 42. eudcedit بولسا خەت كەشىپ قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
43. explorer بولسا مەنبە باشقۇرغۇچنى ئېچىش !
44. perfmon.msc بولسا كومپيۇتىرنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
45. progman بولسا پروگراممىا باشقۇرغۇچنى ئېچىپ بېرىدۇ !
46. calc بولسا ھېسابلىغۇچ پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
47.cleanmgr بولسا دېسكا تازىلاش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
48. ciadv.msc بولسا كۆرسەتمە مۇلازىمەت پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
49. osk بولسا ئېكراندىكى كونۇپكا تاختىسىنى ئېچىش
50. lusrmgr.msc بولسا يەرلىك ئەشلەتكۈچى ۋە گۇرۇپپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ !
51. utilman بولسا قوشۇمچە قوراللارنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
52. fsmgmt.msc بولسا ئورتاق پايدىلىنىدىغان ھۆججەتنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
53. logoff بولسا تار دائىرىدىكى قايتا قوزغىتىش !

3. تەگلىكتىكى (桌面) ھەممە رەسىم كۆرۈنۈشىنى يوشۇرۇپ قويۇش :
باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ ،ئىچىگە regedit دەپ تولدۇرۇپ تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئاچىمىز ،
ئاندىن HKEY_CURRENT_USERSoftwareMicrosoftWindowsCurrentVersionPoliciesExplorer تېپىپ ، يېڭىدىن بىر
DWORD قىممەتتىن بىرنى قۇرىمىز ، ئىسمىنى NoDesktop دەپ تولدۇرىمىز ، قىممىتىنى 1 دەپ تولدۇرىمىز ! ئاندىن كومپيۇتىرنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ ، ئۇ چاغدا تەگلىكتىكى ھېچنىمە يوقلۇقىنى بايقايسىلەر !
4. قاتتىق دېسكا رايونىنى ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش
بىز ئەگەر قاتتىق دېسكىمىزدىكى مۇھىم ھۆججەت ۋە ماتىرىياللارنى قوغدىماقچى بولساق ،قاتتىق دېسكا يوشۇرۇش قويۇش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز ،
ئەگەر باشقىلارنىڭ كومپيۇتىرىمىزدا ئوپتىك دېسكا ئارقىلىق يۇمشاق دىتال قاچىلاش ۋە ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق ئويناش قاتارلىق مەشغۇلاتلىرىدىن
ساقلانماقچى بولساق ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز !
بۇنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى توۋەندىكىچە :
ئاۋۋال < كومپيۇتىرىم > نى چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، < باشقۇرۇش > 管理 نى بېسىپ 计算机管理 ئاچىمىز ، ئاندىن كېيىن
ئوڭ تەرەپتىكى مۇندەرىجىدىن 存储→磁盘管理 چېكىمىز ، ئۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە كومپيۇتىرىمىزدىكى بارلىق قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچلار كۆرۇنىدۇ ! ئاندىن كېيىن يوشۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ ، چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ،更改驱动器名和路径 بۇيرۇقنى باسىمىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن 删除 باسىمىز ، ئاندىن كېيىن سىستىما ئاپتوماتىك ھالدا
؟ 删除卷的驱动器号可能会导致程序停止运行。确实要删除这个驱动器名吗 دىگەن تاللاش كۆزنىكى چىقىرىدۇ ، ئۇ كۆزنەكتىن 是 باسىمىز ، شۇنىڭ بىلەن مەقسىدىمىزگە يېتىمىز !
ئەگەر يوشۇرۇپ قويغان قاتتىق دېسكىمىزنى ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولساق ، يەنە ئاۋۋال < كومپيۇتىرىم > نى چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، < باشقۇرۇش > 管理 نى بېسىپ 计算机管理 ئاچىمىز ، ئاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى مۇندەرىجىدىن 存储→磁盘管理 چېكىمىز ، ئۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە كومپيۇتىرىمىزدىكى بارلىق قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچلار كۆرۇنىدۇ ! ئاندىن كېيىن ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ ، چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، 更改驱动器名和路径 بۇيرۇقنى باسىمىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن 添加 باسىمىز ، ئاندىن كېيىن ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ 确定 باسىمىز ، شۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇپ قويغان قاتتىق دېسكىمىز ئەسلىگە كېلىدۇ !
ئوتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتىمۇ يۇقىرىدىكىسىگە ئوخشاش !
 دىققەت : بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سىستىما قاچىلانغان قاتتىق دېسكا رايونىنى يوشۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ !
                                                                                     مەنبە: ئەلگە نەپ تور كولۇبى

تەھىرلىگۇچى:يانتاق

更多

hayrat1111نىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] باشقىلارنىڭ كومپىيوتىرىنى ئېچىلماس قىلىپ قويۇڭ [ 2012-09-04 21:16:24 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] Word تا مەڭگۈ ئەسقاتىدىغان 10 ھۈنەر [ 2012-09-04 21:12:26 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ئۆلمەس قىلىش پۈتۈن دەرىسلىك [ 2012-09-04 20:30:19 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپىيوتېردىن ئەپچىل چارىلەر [ 2012-09-04 20:26:34 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تور سۈرئىتىنى ھېچقانداقدېتالسىز ت [ 2012-09-04 20:19:21 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپىيۇتىر بىلىملىرى [ 2012-09-04 20:08:59 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] يۇيۇلۇپ كەتكەن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە ئەكىلىش قۇرالى [ 2012-09-04 19:54:15 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپىيۇتېر 10 ئىشتىن قورقىدۇ. بىر كۆرسىڭىز پۇشايمان [ 2012-09-03 13:34:58 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ئىشلىتىشنى بىلىسىز؟ سىز قانچىنى F12 غىچە دىن F1 [ 2012-09-03 13:28:40 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپىيۇتېردا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەرگە ئەپچىل ئۇسۇ [ 2012-09-03 13:26:10 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
غەيرەتجان تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-10 09:06 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-09-08 13:09
تەۋسىيەلەر