باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا

يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-02 00:25 مەنبەسى: بەشتاش تورى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
كەڭ مائارىپ تور بەت ئاتامانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئۆزگىچە بولغان مائارىپ تور بىتى ھاسىل قىلىش ئۇچۇن دوسلارنىڭ تەشەببۇسكارل
تەلەي +1

 

مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا

 

مىللى مائارىپىمىزنىڭ گۇللىنىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى يىنىكلىتىش، ئوقۇتقۇچىلار ئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۇچۇن يۇكسەك پىلانلار بىلەن ئەل ئۇچۇن توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا پىقىر بەشتاش (ئابدىقەيۇمجان)دىن سىغىنىپ سالام، ئىگەم تىنىڭىزلارنى سالامەت، ئىشلىرىڭىزلارنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن!

ئۇيغۇر تور بەت ساھەسىدە مائارىپ تور بەتلىرى مەلۇم دائىرىدە كۆلەم شەكىللىنىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لىكىن سۇپەت جەھەتتىن سۆز ئىچىش خىلىلا يىراق. نۆۋەتتە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى، روھلان تورى، بايقاش تورى، ۋولقان تورى، يانتاق مائارىپ تورى،ئەلكامال تورى،ئۇستۇن ئاتۇش مائارىپ تورى، تەۋپىق تورى،يۇكسىلىش تورى قاتارلىق مائارىپ تور بەتلىرىمىز تور ئارقىلىق مائارىپ ۋە مائارىپچىلارغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. لىكىن يۇقارقى تور بەتلىرىمىزدىكى مەزمۇن قايتىلىنىش، دوپپىسى بىلەن ئۆزى ماس كەلمەسلىك، .... قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەر تۇپەيلى،مائارىپ تۇردىكى تور بەتلەرنىڭ ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى دەل ۋاقتىدا راۋا قىلىشى، جاپاسىغا ئازراق بولسىمۇ ھەمدەم بولىشى يىتەرسىز بولىۋاتىدۇ.

مائارىپ تور بەتلىرىمىزنىڭ كۆپىيشى بىلەن، ماتىريال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلارنىڭ سانى ئەكسىچە تەتۇر يۆنىلىشتە بولىۋاتىدۇ. بىر قىسىم تور بەتلەر ماتىريال تىمىسى بىلەن ماتىريال مەزمۇنىنىڭ بىردەك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلمايۋاتىدۇ، يەنە بىر قىسىم ماتىرياللارنىڭ تىلى، ئوقۇش باسقۇچى قاتارلىقلار ئىنىقسىز بولۇپ، ئىشلەتكۇچىلەرگە پايدىسىز بولىۋاتىدۇ.

پىقىر توردىن يىراق بىر رايۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان بولغاچقا ، تور بەتنى باشقۇرۇش ۋە باشقا جەھەتتە ئانچە كۆپ كۇچەپ بولالمىدىم.شۇ سەۋەپ بىلەن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىمۇ بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلاندى ياكى ساقلىنىۋاتىدۇ.

بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى DEDECMS   تور بەت سىستىمىسى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز، تور بەت سىستىمىسىنىڭ ماتىريال يوللاش قىسمى بىر ئاز مۇرەككەپ بولۇپ، تور بەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ۋە ۋاقتى بىر قەدەر كۆپرەك بولغان كىشىلەر بىمالال ئىشلەتكەن، ماتىريال يوللىغان بولسىمۇ ، لىكىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئىزچىل ئۆزىدە بار ماتىرياللارنى يوللاشتا قىينىلىۋاتىدۇ. بىر قىسىملىرىغا كۆرسەتمە بىرىپ بولالىدۇق، لىكىن يەنە بىر قىسىملىرىغا كۆرسەتمە بىرىش، دەل ۋاقتىدا ياردەم بىرىش مۇمكىن بولمىدى.شۇ سەۋەپتىن مۇنبەردىن بىرنى ئىچىش ئارقىلىق، بىزدە كۆنۇپ كەتكەن مۇنبەرگە ئاشىق بولۇش يولى ئارقىلىق قىينىلىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە ياردەم بىرىشنى مەخسەت قىلىپ، بىر قىسىم تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ 7.5 دىن بۇرۇنقى بارلىق ئۇچۇرلىرى ئەينى ھالەتتە تولۇق بولۇپ، بۇنى نەشىر كۆتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئاخىرلاشتۇردۇق. لىكىن مۇنبەرنى ئىلان قىلىش ئالدىدا سەل ئارىسالدى بولۇپ، كەڭ مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ ئاندىن ئىلان قىلىشنى ئويلىشىپ بۇ تىمىنى يىزىۋاتىمەن.

مەخسەت نۆۋەتتە مائارىپ تۇردىكى تور بەتلەر ئىچىدە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى، ئەلكامال تورى ۋە ئۇستۇن ئاتۇش مائارىپ تورى قاتارلىقلار مۇنتىزىم تور بەت سىستىمىسى ئىشلەتكەن بولۇپ، مۇنبەرت ئىشلەتمىگەن، باشقا مائارىپ تۇرىدىكى بارلىق توربەتلەر مۇنبەر ئىشلەتكەن بولۇپ، ئىشلەتكەن مۇنبەرلىرى ئاساسەن PHPWIND ياكىDISCUZ بولۇپ، ئاساسەن نۆۋەتتە تەۋپىق تورىدىن باشقا تور بەتلەرنىڭ ھەممىسى ( مائارىپ تۇرىدىكى) DISCUZ ئىشلەتكەن. يۇقارقى تور بەتلەرنىڭ مەزمۇن يىڭىلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا مائارىپ تۇرىدىكى مۇنبەرنىڭ يىتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپ تۇرۇپتۇ.

يۇقارقى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بىز بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ باش بەت سىستىمىسىنى ساقلاپ قىلىش ئاساسىدا مۇنبەرنى باشقا ھازىرقى مائارىپ تور بەتلىرى ئىشلىتىۋاتقان مۇنبەرنى بىرلىكتە ئىچىش، ئەگەر ھەمكارلىشىش ئىشقا ئاشمىسا ئاندىن ئۆزىمىز مۇستەقىل ئىچىشنى ئويلاشقان .

مائارىپ تۇرىدىكى ھەرقايسى تور بەت ئاتامانلىرىنىڭ چەكلىك بايلىقنى بىر قانچە تور بەتكە چىچىۋىتىشتىن ساقلىنىش، ئوخشاش مەزمۇن بىر قانچە تور بەتتە چىچىلىپ يۇرۇش، ئۆزى يىغلاپ،ئۆزى كۇلۇشتىن ساقلىنىش، بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئۇنۇملۇك پايدىلىنالايدىغان تور بەت شەكىللەندۇرۇش ئۇچۇن ، ھەرقايسى مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا بىرلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويماقچىمىز.

دەسلەپكى پىلان:

1) ھەمكارلىققا قاتناشقان بارلىق تور بەتلەرنىڭ مۇنبەرلىرى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرلىدۇ، باش بەت ۋە باشقا بەت سىستىمىلىرىنى ساقلاپ قالسا بولىدۇ.

2) ھەمكارلىققا قاتناشقان تور بەتلەر ئىشلەتكەن مۇنبەردىن مەزمۇنى كۆپ ھەم ساپ بولغان مەلۇم بىر تور بەتنىڭ مۇنبىرى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. تور بەت نامىغا كىڭەشكەندىن كىيىن بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بىر تور نامى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

3)ھەرقايسى مائارىپ تور بەتلىرى بىرلەشكەندىن مۇنبەرگە يوللانغان مۇھىم ۋە پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ماتىرياللار ئۆزۋاقتىدا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ باش بىتى ياكى باشقا مەلۇم بىر تور بەتنىڭ مۇنبەر بولمىغان بەت سىستىمىسىغا ماس قەدەمدە يوللىنىپ ماڭىدۇ. بۇ ماتىرياللارنى چۇشۇرۇش ئورنى مۇنبەردە يوللاش كىرەك بولسا، ئايرىم بەتتىكى چۇشۇرۇش ئورنى ئاساس قىلىنىدۇ.( بۇنداق ئويلىشىشتىكى سەۋەپ، ياخشى كۇننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا، مۇنبەردىن بىمالال پايدىلىنىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا مەزكۇر تور بەت ئىشلتىلىدۇ)

 

مەزكۇر لاھىيە ۋە باشقا ئىشلار بىردەك ھەمكارلىققا قاتناشقان تور بەتلەر ھەمكارلىققا قاتنىشىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغاندىن كىيىن، مۇزاكىرە قىلىنىپ، قارار قىلىنىدۇ.

 

كەڭ مائارىپ تور بەت ئاتامانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئۆزگىچە بولغان مائارىپ تور بىتى ھاسىل قىلىش ئۇچۇن دوسلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.

 

ئاخىرىدا دوسلارنىڭ ھەرقايسى مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش تىلفۇن نومۇرلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. مەن سىمسىز توردا چىقىۋاتقان بولغاچقا، چ چ ئىچىش ۋە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشىم قولايسىز.توغرا چۇشەنگەيسىلەر. پىقىرنىڭ تىلفۇن نومۇرى : 13899107420

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 2 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق قوش تىل سىنىپ خەنزۇتىلى تەييار [ 2012-03-14 12:39:41 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارن [ 2012-03-02 00:34:47 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ش ئۇ ئا ر كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى ي [ 2012-03-02 00:33:16 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپلەردە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسى ئامېرىكىلىقلا [ 2012-03-02 00:29:11 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] كامبىرىج..يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى زەھەر ئەتكەسچىسى [ 2012-03-02 00:27:33 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا [ 2012-03-02 00:25:29 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئالما iPhone4S بۈگۈندىن باشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇقتا رەسمىي س [ 2012-01-14 00:09:37 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] قىزىقارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى [ 2012-01-14 00:04:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] دۇنياۋى ئالىم ئېينشتېيىننى نۇرغۇن دۆلەتلەر تالاشم [ 2012-01-14 00:01:08 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسق [ 2012-01-13 23:59:20 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر