باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تۇرمۇش ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-23 22:42 مەنبەسى: ئاپتورى: كۆك بۆرە كۆرۈلۈشى: قېتىم
◆ پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر. ◆ ئەقىدىسىز تۇرمۇش قا
تەلەي +1

 

  ◆پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.
    ◆ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ – داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر.
    ◆ئىجاد – ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.
    ◆تۇرمۇش ئالدىدا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار تولۇق نېسىۋىگە ئېرىشسە، بىكار تەلەپ، لايغەزەللەر ئاخىرى بېرىپ نادامەت پاتقىقىغا پاتىدۇ.
    ◆تۇرمۇشنىڭ ھەممە يوللىرى ئادىللىق بىلەن تولغان ھەم ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال سىز كۆرگەن شېرىن چۈشلەردىلا ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولىدۇ، بىراق چۈش ئۇ رېئاللىق ئەمەس.
    ◆تۇرمۇشى مول مەنىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ھەسەن – ھۈسەندەك رەڭدار بولىدۇ؛ مەززىسى يوق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇشى توختام سۇغا ئوخشايدۇ.
    ◆دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.
    ◆تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.
    ◆تۇرمۇش ئاچچىق – چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.
    ◆تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كىشى ئۈشكە روھىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلسا بولىدۇ. ئۈشكىگە چۈشكەن بېسىم قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇنىڭ تېشىپ كىرىش كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ.
    ◆تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئېلىش ئىستىكىدىلا يۈرگۈچىلەر ھەر دائىم تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە بېخىللىق قىلىۋاتقانلىقىدىن، مەززىسىزلىكىدىن زارلانسا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان ئىلتىپاتلىرىغا، ئۇنىڭ رەڭدارلىشىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.
    ◆تۇرمۇش پېچىدا ئاجىزلار يوقىلىپ، كۈچلۈكلەر پولاتتەك تاۋلىنىدۇ.
    ◆تۇرمۇش پۈتمەس – تۈگىمەس، مەنىگە باي، شۇنداقلا لەززەتلىك قامۇسقا ئوخشايدۇ، ھەر كىم ھەر كۈنى بۇ قامۇس ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ تۇرىدۇ، ئەمما ھەركىمنىڭ ئۇنى يېزىش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ.
    ◆تۇرمۇش تەڭرىتاغ چوققىلىرىدىكى قار لەيلىسىگە ئوخشايدۇ. قارلىق چوققىلاردىكى قەھرىتان سوغۇق، كۈچلۈك شىۋىرغانلارنىڭ چېنىقتۇرۇشى ئارقىلىقلا ئاشۇنداق چىرايلىق، كۆركەم قار لەيلىسى كۆز ئاچىدۇ.
    ◆تۇرمۇش يېڭىلىق يارىتىش، ئالغا ئىنتىلىش دېگەنلىكتۇر. تۇرمۇش قىسسىسى كۈرەشچان قەلەم ئارقىلىقلا يېزىلىدۇ.
    ◆تۇرمۇش — بىپايان دېڭىز. ئۇنىڭدا قورقۇنچاقلا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ، قەيسەر ئوغلانلارلا دولقۇنلار ئەۋجىدە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
    ◆تۇرمۇش ئاچچىق – چۈچۈك زەيتۇن مېغىزىغا ئوخشايدۇ.
    ◆تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ
تەھىرلىگۇچى:قۇياش ئوغلى

كۆك بۆرەنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تۇرمۇش ھەققىدە [ 2012-02-23 22:42:48 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ياپونىيەدە بالىلارنى قائىدە–يوسۇنلۇق قىلىپ تەربى [ 2011-10-18 21:02:27 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىڭىزغا كۆيۈنۈڭ ،ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ [ 2011-10-18 21:00:08 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنى ھەددىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى مۇۋاپىق ئەمەس [ 2011-10-18 20:55:41 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقلارنىڭ ئۆيىگە گۈل قويماسلىق كېرەك [ 2011-10-18 20:54:46 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] ۋىتامنىلىق دوىلارنى تاماقتىن كىيىن ئىچىش مۇۋاپىق [ 2011-10-18 20:52:28 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپىيوتىر ئىشلىتىشتىن كىچىك تەجى [ 2011-03-14 23:21:01 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋە بۇرۇن ياللۇغى [ 2011-03-14 23:18:13 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] قاتتىق دىسكا ئاسراش بىلىملىرى [ 2011-03-14 23:17:12 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئائىلىۋى قەدىمىي تائام — كاللا چۆ [ 2011-03-14 23:15:53 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
كۆك بۆرە تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-10-11 00:10 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-27 15:12
تەۋسىيەلەر