باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئائىلىۋى قەدىمىي تائام — كاللا چۆ

يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-14 23:15 مەنبەسى: ئاپتورى: كۆك بۆرە كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ، تاللاپ ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق كېسەللىككە بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغان ھەم بەزى كېسەللىكل

 

   ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ، تاللاپ ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق كېسەللىككە بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغان ھەم بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىمۇ بىلگەن . ئاسان ھەزىم بولۇپ ، تېز سۈمۈرۈلىدىغان ، قۇۋۋرىتى كۈچلۈك ، چوڭ – كىچىك ، ئەر – ئايال شۇنداقلا قېرى – ياش ھەممىسىنىڭ ئستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدىغان بىر قەدىمىي تائام — ‹‹ كاللا چۆپى ›› بولۇپ ، بۇ ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسىغا تەۋە تۆركۆل كەنتىدىن شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا كېڭەيتىلگەن .
   ‹‹ كاللا چۆپى ›› گە كېرەكلىك ماتېرىياللار :
   شۇ كۈنى بوغۇزلىنىدىغان بىر قوينىڭ كاللا – پاچاقلىرى ، بۇغداي ئۇنى ( بىر ئادەمگە 150 گرام ) ، تۇز ، چامغۇر ( بىر – ئىككى كىلوگرام ) ، باشپىياز ( ئىككى تال ) ، سۇ
   ئېتىش ئۇسۇلى :
   ئالدى بىلەن قوينىڭ كاللا – پاچاقلىرى ئوتتا ئۈكلىنىپ ، پاكىز ئادالىنىدۇ . ئاندىن پاكىز يۇيۇپ ، سۇغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ . پىشۇرۇش جەريانىدا ، سۇ قايناپ كۆپۈك چىققان ھامان ، كۆپۈك پاكىز ئېلىنىدۇ . ‹‹ پولو قورۇشتىن ، شورپا سورۇشتىن ئوخشايدۇ ›› دېگەندەك ، بۇ چۆپنىڭ تەملىك – تەمسىزلىكى كۆپۈكنى پاكىز ئېلىش – ئالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر .
   كۆپۈك پاكىز ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، دۈملەپ پىشۇرۇلغان قوي كاللا – پاقالچاقلىرىنىڭ تۆۋەندىكى جاغ سۆڭىكى ئايرىلغاندا چامغۇر ياپىلاق توغراپ سېلىنىدۇ . پىشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ ، كاللا – پاقالچاقلارنىڭ تۆۋەندىكى جاغ سۆڭىكى بىلەن قۇتىسى ( كاللىنىڭ ئىچىدىكى گۆشى ) نىڭ بىر قىسمى چۆپنىڭ ئۈستىگە سېلىشقا ئايرىپ قېلىنىپ ، قالغانلىرى يېيىشكە سۇنۇلىدۇ . نېپىز يېيىلىپ پىشۇرۇلىدۇ . ئاش پىشاي دېگەندە باشپىياز ئۇششاق توغراپ چويلىغا سېلىنىپ قايناۋاتقان چۆپ پىشقاندا تاۋاققا ئېلىپ ، ئۈستىگە ئايرىۋالغان گۆشلەر ئۇششاق توغراپ سېلىنىدۇ .  
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
كۆك بۆرە تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-10-11 00:10 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-03-14 23:03
تەۋسىيەلەر