ئەنئەنىلەر نۇرلانسۇن
يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-17 22:27 مەنبەسى: ئاپتورى: سېرىق كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەلۇم بىر مەكتەپتە مۇزاكىرە ۋاقتىدا كەشتە تىكىش بىلەن شۇغۇللانغان قىزلار تەنقىد قىلىنىپ،ئۇلارغا ۋاقىتنى قەدىرلەپ ، مۇزاكىرە ۋاقتىدا ئۆت
ئەنئەنىلەر نۇرلانسۇن مەلۇم بىر مەكتەپتە مۇزاكىرە ۋاقتىدا كەشتە تىكىش بىلەن شۇغۇللانغان قىزلار تەنقىد قىلىنىپ،ئۇلارغا ۋاقىتنى قەدىرلەپ ، مۇزاكىرە ۋاقتىدا ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى ئۈنۈملۈك تەكرار قىلىش ھەققىدە تەربىيە بىرىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ,كۆڭلۈمدە نىمە دىيىشنى بىلمەي يۈرمەي يۈرگەن كۈنلەردە قولۇمغا ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 6-سانى قولۇمغا چىقىپ قالدى.بۇسان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ ئاخىرقى بېتىگە ‹‹ئىسىل ئەنئەنە›› ماۋزۇلۇق بىر پارچە فوتو سۈرەت بىرىلگەن بولۇپ،سۈرەتتە ياشانغان بىر ئۇيغۇر ئانا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلىپ دوپپىغا گۈل كەشتىلەۋاتاتتى،بۇ كۆرۈنۈشتىن قەلبىم لەرزىگە كەلدى . 80-يىللاردا مەنمۇ ئوقۇغۇچى ئىدىم،شۇ چاغلاردا بىزگە سىنىپ مۇدىرى بولغان خانىم قىز ئوقۇغۇچىلارغا كەشتە تىكىپ كىلىش تاپشۇرۇقى بىرەتتى،تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلەپ كەلگەنلەرنى مۇكاپاتلاپ ،ئىشلىيەلمىگەنلەرگە كەشتە تىكىشنى ئۈگۈتۈپ قوياتتى.ئۇچاغلاردا ھەرقانداق ئائىلىدە خوتۇن-قىزلار كەشتە تىكىدىغان ئادەت بار بولۇپ،ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان داستىخان،ياستۇق ،لۆڭگە،ياغلىق،دەرىزە پەردىسى،كارۋات ئاياغلىرىدا شۇ ئائىلىدىكى خوتۇن-قىزلارنىڭ كەشتىچىلىك ماھارىتى نامايان بولۇپ تۇراتتى. كەشتىچىلىك ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكى،گۈزەللىكى.نەپىسلىكى بىلەن مىللى مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئىسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ بىرسى بولۇپ،يېقىنقى مەزگىللەردە بىزنىڭ خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا كەشتە تىكىشتىن ئىبارەت بۇ ياخشى ئەنئەنىۋى ئادەت سۇسلاپ كەتتى. سەۋەبى: كەشتىچىلىك زامانىۋىلىشىپ كەتتى،قىز-ئاياللىرىمىز نەچچە ئون كۈن سەرىپ قىلىپ قولىرىغا يىڭنە سانجىپ مىڭ بىر جاپادا پۈتكۈزگەن كەشتە ماشىنىدا نەچچە سائەتتىلا پۈتۈپ چىقتى.يەنە كىلىپ ماشىنىدا ئىشلەنگەن كەشتە قولدا ئىشلەنگەن كەشتىلەردىن نەپىس،سۈپەتلىك ،سىلىق چىقىپ دۇكان،كوچا-رەستىلەرنى قاپلاپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ خانىم-قىزلىرىمىزمۇ زامانغا ماسلىشىپ جاپالىق ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ ،‹‹تەييارغا ھەييار››بولدى.ئىلگىرى توي ئۈچۈن نەچچە يىل بۇرۇن كەشتە تىكىشنى باشلىۋېتىدىغان قىزلىرىمىز مانا ئەمدى غېمىدە يوق يۈرۈپ ،ئەتە توي دىگەندە دۇكاندىن سېتىۋېلىپلا ھۇجرا ئۆيدىن ئوت چىقىرىۋېتىدىغان بولدى .تەرەققىياتقا ماسلىشىپ كەتتى ئەمما ئەنئەنىدىن يىراقلىشىپ كەتتى.ئەنئەنىدىن ياتلىشىش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇ ھامان ئۆزلۈكتىن يىراقلىشىش بولىدۇ. ئۆزلۈكتىن يىراقلاشقان ھەرقانداق نەرسە ئىندىۋىداللىقىنى ساقلىيالمايدۇ . ئىندىۋىداللىقىنى يوقاتقان شەيئى مەۋقۇتلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ،ئەلۋەتتە! مەلۇمكى،ئەنئەنە بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىل ياشاش جەريانىدىكى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن كېلىدىغان كوللكتىپنىڭ ئىجادىيىتى.ئۇنىڭ مۇئەييەن تارىىخى ۋە ئىتنوگىراپىيەسى بولىدۇ.ئۇ ھەم مىللىلىككە ئىگە.ئۇ شۇ مىللەتكە خاس بايلىق. ئەنئەنىسى يوق مىللەت ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. شۇڭا ئەنئەنە بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن،بىر ئادەمنى يەنە بىر ئادەمدىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇردىغان ئۇرۇق بەلگۈسى ھىساپلىنىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا بىز ئۈچۈن ئەنئەنىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھەرقانداق چاغدىكىدىن بەكرەك ھىس قىلماقتىمىز.سەۋەپ شۇكى،ئەنئەنە سۇسلاشقانسىرى ئىتىقات ئاجىزلاپ،مىھرى-مۇھاببەت سۇسلاشتى،كىشىلىك مۇناسىۋەت ساختىلاشتى،پەدىشەپ خۇنۈكلەشتى.ھىلىگەرلىك،مەككارلىق،خۇمسىلىق ،چاكىنىلىق،بەدنىيەتلىك،خىيانەت،خائىنلىق ئۇلغايغىلى تۇردى.شامال كۈچەيسە بوران بولىدۇ.بوران چەممە نەرسىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. بىز بۇرۇن دۆڭنى ئويغا تاشلىغان.ئوينى تىندۇرۇپ تەكشىلىگەن. بوران تۈزلەڭلىكتە قاتتىق چىقىدۇ. بۇرۇن دۆڭنى ئالمىغان بولساق بوراننى دۆڭ توسىۋالاتتى،ئوي ئۆزلىگىدىن تولاتتى.بىز ھەممىنى تۈزلەپ تەپتەكشى قلىۋەتكەچكە بۇرنىمىزغا بوراننىڭ چىدى ئۇرۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ. كەشتە تىكىش – رەڭلىك يىپلاردىن پايدىلىنىپ،يىڭنىنىڭ ياردىمى بىلەن كىشىنى مەھلىيا قىلغۇچى گۈزەل مەنزىرىلەرنى رەخ ئۈستىگە كەشتىلەپ (تىكىپ) چىقىدىغان جاپالىق ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى،نازۇك،زىل،قىز-ئاياللارنىڭ خاس قول ئەمگىكى بولۇپ،بۇ خىل ئەمگەك قىزلىرىمىزنى جاپادىن قورقمايدىغان،بىر ئىشتىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان ئىرادىلىك،ھەرقانداق ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچان،قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قەيسەر خاراكتىر ئاتا قىلىدىغان خا سىيەتلىك ئەڭگۈشتەرلىرىمىزنىڭ بىرسى بولۇپ ،ئۆز قول ئىشلەكلىرى ئارقىلىق ئۆيىنى بىزىگەن ھەرقانداق بىر ئايالغا ئۆز ئۆيى ئىنتايىن ئىللىق بىلىنىدۇ. ئۆيىگە ھەربىر كىرگەندە بىر خىل ئىللىقلىقنى ھىس قىلىدۇ.ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ پۈتتۈرگەن 5 يۇەن قىممىتىدىكى كەشتە مۈلۈكتىن قەدىرلىك ،سۈيۈملۈك، چىرايلىق تۇيىلىدۇ.ھەرقانداق بىر ئايال ئۆز ئەجرى بىلەن پۈتكەن نەرسىلەرنى ھەربىر كۆرسە بىر قېتىم ئۆزىدىن پەخىرلىنىدۇ.ئادەم ئۈچۈن ئۆز ئەمگىكىدىن پەخىرلىنىشتىن ئارتۇق بەخت بولمايدۇ،شۇڭا ئۆز ئۆيىگە مۇنداق ئەقىدىسى بار ئاياللار ئاسانلىقچە يامانلاپ كەتمەيدۇ،يامانلاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يولدىشىنىڭ دەرھال كىلىپ ئېلىپ كىتىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ.يەڭگىللىك بىلەن جىدەل چىقىرىدىغان ،ھە دىگەندە يوقىلاڭ باھانە- سەۋەپلەر بىلەن ئۆي بۇزىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ھەر قانداق بىر ئەر ئايالىنىڭ ئوتتۇرسىغا قوش يۈرەكنى كەشتىلىگەن ياستۇققا ھەر بىر باش قويغاندا يۈرىكىدىن ئايالىغا بولغان چوڭقۇر مىھرى-مۇھەببەت ئۇرغۇپ تاشىدۇ-دە،ئايالىغا چەكسىز سادىق، پەرزەنتلىرىگە چەكسىز مىھرىبان بولىدۇ . بۇنداق ئەرلەردىن مەيلى ئاياللىرىنىڭ ئەنسىرىشى بىھاجەت. بۇنداق ئەرلەر مەيلى ئادەتتىكى پۇقرا بولسۇن، مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسۇن،خىزمەتتىن بوشانغان ھامان ئۆيىگە قايتىدۇ،مەيلى نەدە بولمىسۇن ئۆيگەقايتقۇسى كىلىپلا تۇرىدۇ.ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنى بىر كۈن كۆرمىسە چىدىيالمايدۇ.بۇنداق ئەرلەر ئاخشاملىرى سىرىتتا تىمىسقىلاپ يۈرىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ . مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا سىنىپ تازلاۋېتىپ،ئاپئاق خەسىگە كەشتىلەنگەن قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى كۆرۈپ قىزىقىش ۋە قايىللىق بىلەن تاماشا قىلغان ئىدىم،كېيىنچە شۇگۈلنى كەشتىلىگەن ساۋاقدىشىم قەلبىمنى ئىگەللىۋالدى.خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن شۇ ساۋاقدىشىم بىلەن تۇرمۇش قۇردۇم.ھازىر بىزنىڭ بەخىتلىك ئائىلىمىز بار،مەن ھازىرغىچە ھېلىقى قىزىل ئەتىرگۈل كەشتىلەنگەن ياستۇقنى بېشىمغا قويۇپ ئۇخلايمەن . مەن بىر ئوقۇتقۇچى،مەن دەرس ۋاقتىدا كەشتە تىكىپ ئولتۇرغان بىرقانچە قىز ئوقۇغۇچىنى بايقاپ قالغان بولساممۇ ئىنكاس قايتۇرمىدىم.بۇھەرگىزمۇ دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇششاق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس.دەرس ۋاقتىدا دىھقىتىنى دەرسكە يىغالمىغان ئوقۇغۇچىغا گەپ قىلمىسا مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ.ئەمما بېسم بىلەن دىھقەت قىلىشقا مەجبۇرلىسا ئاجىزلىق بولىدۇ،مۇھىمى ئوقۇتقۇچى ئۆزماھارىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن دەرسكە جەلىپ قىلىشى كېرەك. بىز قىزلىرىمىزنىڭ بوش ۋاقىتلاردا كەشتە تىكىشتەك گۈزەل ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى چەكلەپ ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى تەكرارلاشقا ئارتۇقچە زورلىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلار ئۆگۈنۈشتىن بىزار بولۇشقا باشلىدى.بىز كەشتە تىكىشنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلىگەن بىلەن دىسكۇخانا، تورخانا...لارغا قېچىپ كىتىشلەرنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمىدۇق.مانا ئەمدى ھۇرۇن ،بوشاڭ،قولىدىن تاماق ئىتىشمۇ كەلمەيدىغان يارىماس قىزلىرىمىز چوڭ بولۇشقا باشلىدى. قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ شۇنچىلىك ئاجىزلىشىپ كەتتىكى،ھە دىگەندە ئاجىرىشىدىغان،بالىلارنى يىتىم قىلىدىغانلار كۆپۈيۈپ كەتتى. ئائىلىلەردە مىھرى-مۇھەببەت سۇسلىشىشقا باشلىدى.بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا ،دۆلەتنىڭ قائىدە-تۈزىمى ۋە مىللەتنىڭ گۈزەل ئەنئەنىۋى ئادەت-يوسۇنلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۈنۈملۈك چەكلەنمىسە، بىز ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار كەلگۈسىگە قانداق يۈزكىلەلەيمىز؟ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا داڭ قازانغان كەشتىچىلىك سەنئىتى‹‹2007-يىلىدۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تڭزڭملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.››①دىن كېيىن ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ ۋارىسلىرىنى ئېنىقلاش،يېڭىدىن تەربىيلەپ يىتۈشتۈرۈش كۈن تەرتىپكە قويۇلۇپ جىددى ئىلىنىشكە باشلىدى. بۇ ئىشتىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولسا كېرەك. قىزلارنىڭ كەشتە تىكىش بىلەن شۇغۇللىنىشى چۆچۈپ كىتىدىغان ئىش ئەمەس،ئۇلارنى مۇزاككىرە ۋاقتىدا كەشتە تىكتىڭ دەپ تەنقىدلىگەندىن كۆرە ،كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ قىزلىرىمىز ئۈچۈن ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك گۈزەل ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ئىكەنلىگىنى ئەمما ئۇنى دەرس،مۇزاككىرە ۋاقتىدا ئەمەس،ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقتىدا تىكىش لازىملىقى ھەققىدە ئىلمى تەربىيە بېرىلسە بۇنىڭ ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇدەپ قارايمەن. بىز كەڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە قىزلىرىمىزغا كىتاۋى بىلىم بېرىش،سىياسى-ئىدىيۋى تەربىيە بېرىش بىلەن بىرگە ئەنئەنە تەربىيەسى بېرىشنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز،ئادىمىيلىك تەربىيەسى بېرىشىمىز،ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگۈتۈشىمىز.ئانا بولۇشنى،ئايال بولۇشنى ئۆگۈتۈشىمىز،تەلىم-تەربىيە جەريانىدا گۈزەل ئەنئەنىلەرنى نۇرلاندۇرىشىمىزلازىم. ئزاھات: ①‹‹مىراس››ژۇرنىلى2009-يىللىق5-سان 56-بەت تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------