باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

كومپيۇتېر بىخەتەرلىكىگە ئائىت 10 چ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-14 21:59 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: يانتاق كۆرۈلۈشى: قېتىم
كومپيۇتېر بىخەتەرلىكىگە ئائىت 10 چوڭ تەكلىپ 1. ماتېرىيالنى زاپاس ساقلاڭ. ئېسىڭىزدە چىڭ بولسۇنكى، سىستېمىڭىز مەڭگۈ مۇكەممەل بولمايدۇ

 

كومپيۇتېر بىخەتەرلىكىگە ئائىت 10 چوڭ تەكلىپ
1. ماتېرىيالنى زاپاس ساقلاڭ. ئېسىڭىزدە چىڭ بولسۇنكى، سىستېمىڭىز مەڭگۈ مۇكەممەل بولمايدۇ. كىچىككىنە بىر ۋىرۇس سانلىق سىپىرلىرىڭىزنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك يوقىلىشىغا سەۋەب بولالايدۇ؛
2. پەرەز قىلىش تەس بولغان مەخپى شىفىر تاللاڭ. سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاددىي شىفىرنىلا تولدۇرۇپ قويماي، ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر ۋاقىت مەخپى شىفىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ؛
3. ۋىرۇسقا قارشى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاڭ. ھەر كۈنى ئۇنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرۇڭ؛
4. مەشغۇلات سىستېمىسىنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇڭ، يۇمشاق دېتال ئىشلەش شىركەتلىرى تارقاتقان تۇلۇقلىمىلارغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ ھەم ۋاقتىدا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ؛
5. تور كۆزنىكىدە خەيكىرلارنىڭ يەمچۈكى كۆرۈنگەندە، سەگەك بولۇڭ. ئېلگەت ئاپتوماتىك ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىڭ؛
6. مۇھىم ماتېرىيال يوللىغاندا، مەخپىي شىفىرلىق يۇمشاق دېتال ئىشلىتىڭ ھەم مەخپىي شىفىرلىق يۇمشاق دېتال ئارقىلىق قاتتىق دېسكىڭىزدىكى سىپىرلارنى قوغداڭ؛
7. بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ جاسۇسلۇققا قارشى يۇمشاق دېتال ئىشلىتىڭ ھەم دائىم ئۇنىڭ نورمال ئىجرا بۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ؛
8. ۋىرۇستىن مۇداپىئە توسىقىنى ئىشلىتىڭ ھەم ئۇنىڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇڭ. باشقا كومپيۇتېر، تور ۋە تور ئادېرىسىنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا ئۇلىنىشىنى توسۇڭ، قانداق پروگراممىلىرىنىڭ تورغا ئاپتوماتىك ئۇلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ قويۇڭ؛
9. بارلىق ئىشلەتمەيدىغان سىستېما مۇلازىمىتىنى ئېتىۋېتىڭ، بولۇپمۇ RealVNC, RemoteDesktopيىراقتىن كومپيۇتېرىڭىزنى كونترول قىلالايدىغان مۇلازىمەتلەرنى ئېتىۋېتىڭ؛
10. سىمسىز ئۇلانمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. ئۆيدە سىمسىز ئۇلانمىنى ئىشلەتكەندە، WPAۋە ئاز دېگەندىمۇ 20 خانىلىق بولغان مەخپى شىفخرنى ئىشلىتىڭ. لەپتوپ كومپيۇتېرىڭىزنى ياخشى تەڭشەڭ، WPAنى ئىشلەتمىگەن ۋاقىتتا ھەر قانداق تورغا كىرمەڭ. دۈشمەنلىككە تولغان ئىنتېرنېت تورى دۇنياسىدا ئۆزىنى قوغداش ھەقىقەتەن ئوڭاي ئىش ئەمەس. يەر شارىنىڭ مەلۇم بىر بۇرجىكىدە بىر ياكى بىر قىسىم ئەخلاق دېگەننى زادىلا بىلمەيدىغان كىشىلەر ھەر ۋاقىت سىستېمىڭىزدىكى بوشلۇقلارنى تىڭ - تىڭلاپ تۇرىدۇ ھەم شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مۇھىم مەخپىيەتلىكىڭىزنى ئوغۇرلىۋالىدۇ. سىزنىڭ بۇ تور تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژورنىلى 2007.يىل 5-سانىدىن
 
تەھىرلىگۇچى:قۇياش ئوغلى

يانتاقنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئېلكىتابلار] بالدۇر ئويغانغان ئادەم [ 2011-12-01 15:52:03 ]
[ئېلكىتابلار] خوتەندىكى قەدىمكى ئىزلار [ 2011-12-01 15:46:43 ]
[ئېلكىتابلار] بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت (18-ئەسىر) ئەسلى نۇسخا [ 2011-12-01 15:41:55 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] مەن ياقتۇرغان ئېسل تور كۆرگۇ GreenBrowser [ 2011-12-01 15:09:54 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.0 رەسمىي نەشىرى [ 2011-12-01 14:51:34 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا پىنيىن تاپقۇ [ 2011-12-01 14:46:36 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] سۆز قوراشتۇرۇش ئويۇنى [ 2011-12-01 14:41:02 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 10-ئايلىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان نەتىجىسى [ 2011-11-23 17:04:36 ]
[تارىخى بىلىملەر] يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى [ 2011-11-20 17:59:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى [ 2011-11-20 17:57:30 ]



ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر