جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسق
يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-13 23:59 مەنبەسى: ئۇيغۇرچە رادىيو ت ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشىنى تېزلىتىپ، 2015-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكت
 |
 |
جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇشقا
كېرىش نىسبىتى %88كە يەتكۈزۈلىدۇ
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە توختاپ قىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشىنى تېزلىتىپ، 2015-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇشقا كېرىش نىسبىتىنى %88كە يەتكۈزىدۇ.
بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆلەت نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان سەككىز نۇقتىلىق كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپنى نۇقتىلىق قۇرىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپنى قوللاشتىكى بىر يۈرۈش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا ئېتىبار بېرىپ، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكوم تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ ھەمدە ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكومدىن ئالى تېخنىكومغا ئۆرلەش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، رايون پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىپ، تەربىيەلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------