![]() |
چۈنكى بىز ئوقۇتقۇچى... ئىش ئورنىمىزنى سۆيۈپ، كەسىپىمىزنى قەدىرلەپ
ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا رومانتىك ھېس تۇيغۇلار ئىچىدە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ كارتىنىسىنى سىزاتتىم، ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن تېزرەك دەرس مۇنبىرىگە چىقىشقا ئىنتىلەتتىم. ئەمما ھەقىقىي خىزمەتكە قەدەم قويغاندا بولسا مەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ ئويلىغانلىرىمنىڭ ئەكسىچە ئاددىي، ئادەتتىكى بىر خىزمەت ئورنى ئىكەنلىكىنى، جاپالىق ھەم غايەت زور بېسىمغا تولغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم. ئۈمىدسىزلەندىم، ئازاپلاندىم، ھەتتا ئىدىيەمدە تەۋرىنىش بولدى. ئەمما ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرىمنىڭ خىزمەت روھى مېنى تەسىرلەندۈردى، بىر پېشقەدەم خىزمەتدىشىمنىڭ دەرس تەييارلىقى خاتىرىسىنىڭ بىرىنچى بېتىگە يېزىۋالغان "ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى پايدا بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ" دېگەن جۈملىسى مېنى ھەيران قالدۇردى. ھەر قېتىم يولدا كېتىۋاتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقتىنلا "ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم!" دېگەنلىرىنى ئاڭلىسام ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى. مەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلاندىم، ئىزدەندىم. ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئوقۇتقۇچىلار سېپىگە قېتىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس ئىكەن، ئەمما، ئىسمى – جىسمىغا لايىق ئوقۇتقۇچى بولۇشچۇ؟ ئۆز روھىيىتىمدىن، ئەشۇ مېھنەتكەش خىزمەتداشلىرىمنىڭ چارچىغان ئەمما نۇر يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن، بۇرۇنقى مائارىپچىلارنىڭ ئىزلىرىدىن جاۋاپ ئىزدىدىم. توغرا، ئوقۇتقۇچىلىق دېمەك مۇھەببەت دېمەكتۇر. ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىن مۇنداق دېگەن: "پۈتكۈل كائىناتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە __ مۇھەببەتتۇر. مۇھەببەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىنمۇ زور دەرىجىدە ھالقىغان بولىدۇ." دېمەك ئوقۇتقۇچىلىق تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش ئەمەس بەلكى تەقدىم قىلىش، يەنى شەرتسىز، شەخسىيەتسىز، تەمەسىز ھالدا، ھېچنىمىگە قارىماي ئۆزىنى بېغىشلاش دېمەكتۇر. ئەمىسە بۇ خىل مۇھەببەت قەيەردىن كېلىدۇ؟ لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىنى سۆيۈشى، ئۆزىنى قەدىرلىشى كېرەك ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئوقۇتقۇچى نىشان كۆرسىتىپ بەرگۈچى ماياك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاپپاق قەلب بەتلىرىنىڭ يازغۇچىسى، مۇھەببەت ئەلچىسىدۇر. ئۆزىنى سۆيمىگەن كىشىنىڭ باشقىلارنى سۆيۈشى، باشقىلارغا سۆيۈشنى ئۆگىتەلىشى، باشقىلارغا مۇھەببەت نۇرى چاچالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن كىشىنىڭ باشقىلارنى قەدىرلىشىدىن ھەم سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئوقۇتقۇچى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تەربىيىلەپ، ئۇزۇن مەزگىل باشقىلارنى مۇھەببەت بۇلاقلىرىنىڭ زەمزەملىرى بىلەن سۇغارماقچى بولىدىكەن، چوقۇم ئۆزىنى سۆيۈپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى ئاسرىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك. دېمەك، ئوقۇتقۇچى بولۇش بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر پۇرسەت. يەنى پۈتۈن قابىلىيىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پۇرسىتى، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش پۇرسىتى. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللىغان ئىكەنمىز چوقۇم ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى جان – دىل بىلەن قىزغىن سۆيۈشىمىز، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېغىشلىشىمىز، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قەدىرلىشىمىز، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمىزنى شۇنداقلا كەسپىمىزنىڭ نام - ئابرويىنى قوغدىشىمىز زۆرۈر. ئۈچىنچىدىن، ئوقۇتقۇچى ئۆز خىزمەت ئورنىنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئوقۇتقۇچىلىق تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش ئەمەس بەلكى تەقدىم قىلىش، يەنى شەرتسىز، شەخسىيەتسىز، تەمەسىز ھالدا، ھېچنىمىگە قارىماي ئۆزىنى بېغىشلاش دېمەكتۇر. بىزنىڭ خىزمەت ئورنىمىز بەلكىم تەرەققى قىلغان چوڭ شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە بولۇشىمۇ، چەت، ياقا، نامرات رايۇنلاردىكى كىچىك باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىزگە نەتىجىسىنى نامايەن قىلغىلى بولىدىغان ئاساسىي پەن دەرسلىرى تەقسىم قىلىنىشىمۇ ۋە ياكى ئادەتتە باشقىلار ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدىغان قوشۇمچە پەنلەر تەقسىم قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، بىر نۇقتا ئېنىقكى، "بىز ئوقۇتقۇچى"، قىلغان ئەمگىكىگە قىلچە مىننەت قىلمايدىغان، تەمخورلۇق، ئابرويپەرەسلىكتىن خالى، شەخسىيەتسىز ئوقۇتقۇچى. شارائىت قانچىكى جاپالىق بولىدىكەن بىز شۇنچە پەخىرلىنىش ئىچىدە ئىشلەيمىز، ھەم شۇنداق قىلىشىمىز زۆرۈر. تۆتىنچىدىن، ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، ئوقۇغۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئوقۇتقۇچى بولالىغان. ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلار بىزگە "ئوقۇتقۇچى" دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. "يىلنىڭ بېشى باھاردىن" دېگەندەك ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بىز ئاۋۋال ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك. ۋۇجۇدىمىزدىكى بارلىق مۇھەببەتنى ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلىمىز كېرەك. شۇندىلا ئۇلار كەلگۈسىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن بولالايدۇ. شۇندىلا ئۇلارمۇ باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان بولىدۇ. شۇندىلا ئۇلارمۇ باشقىلارغا مۇھەببەت بېغىشلىيالايدىغان بولىدۇ. مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى مۇئەللىم (muallim) يوللانمىسى.
|