پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى!

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-19 19:12 مەنبەسى: ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئويۇنغا بېرىلسە سىسىق گەپ بىلەن تويغۇزۇپ، ئىنتىزامسىزلىق قىلسا جازالاپ، ئۈستى – ئۈستىلەپ تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ، ئۇھ دىگۈدەك پۇرسەت بەرمە
تەلەي +1

 

ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى!

 

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قوسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم ئىنژىنىر، رەھبىرى كادىر بولۇپ تۆرەلگەن تۇغما تالانت ئەقىل ئىگىلىرىگە:

كەمىنە مۇئەللىم شۇنچە يىللاردىن بېرى ئالجىپ قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "بالاڭنى تەربىيىلەشتە تاياق بىلەن ئۇر، تاياق بىلەن ئىللەت تۈزىلۇر" دېگەن ئاساسسىز، مەدەنىيەتسىز، سەۋىيىسىز گەپلىرىگە، كاللىسىغا ئىشەك تېپىۋەتكەن ئەجداتلارنىڭ "ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر"، "تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرت چىقىدۇ" دېگەن قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ، ھەر قايسىڭلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قويمىسىمۇ ئۆزلىكىدىنلا ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇپ كېتىدىغان، خاتالىقىنى تەنقىت قىلىپ كۆرسىتىپ بەرمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن تۈزىتىپ ئوڭشىلىپ كېتىدىغان، كەلگۈسىدە داڭلىق ئالىم ئۆلىما بولىدىغان ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىڭلارنى خۇددى كېيىن ياراملىق ئادەم بولۇپ قالسا ماڭا تۇتاملاپ پۇل ئەكىلىپ بېرىدىغاندەك قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزسە تەنبىھ بېرىپ، تولىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيىلەپ كەلگەن خاتالىقىمغا چەكسىز پۇشايمان ۋە تۆۋىلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.

ئويۇنغا بېرىلسە سىسىق گەپ بىلەن تويغۇزۇپ، ئىنتىزامسىزلىق قىلسا جازالاپ، ئۈستى ئۈستىلەپ تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ، ئۇھ دىگۈدەك پۇرسەت بەرمەي ئوقۇتۇپ قولدىن چىقارغان، ھازىر چەتئەللەردە ماگىستىرلىقتا ئوقىۋاتقان، شىركەتلەرنى قۇرۇپ پۇل تېپىۋاتقان، مېنىڭ شۇ ناچار تەسىرىم بىلەن پەرزەنتلىرىگىمۇ ئوخشاش زۇلۇم سېلىۋاتقان كونا ئوقۇغۇچىلىرىمدىن تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.

كىچىكىمدە "بالىنىڭ گۆشى سىلىنىڭ، سۆڭىكى بىزنىڭ" دەپ مېنى قاتتىق قول تەربىيىچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، يالغانچىلىق قىلىپ مۇئەللىمدىن تاياق يەپ ئۆيگە يىغلاپ كەلسەم، يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىدىن ئېلىشنىڭ ئورنىغا مېنى "ئۇستازىڭغا يالغان گەپ قىلدىڭما؟" دەپ ئۆگەي بالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتكەن دادامنى قەبرىسىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى، تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش، ئاسراش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرسەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. شۇ تىل دەشناملارنىڭ دەستىدىن ئاران ماگىستېر بولۇپتىمەن، ناۋادا ئۇنداق كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەي، سىلاپ پەپىلەپ ئوقۇتقان بولسا چوقۇم دوكتۇر ئاشتى بولاتتىمكەن. خەپ دادا!

ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن راك ھۈجەيرىلىنى كېسىپ تاشلاپ، نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزغان ئۇستا دوختۇرنى بىر قېتىملىق سەھۋەنلىك بىلەن قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالساق، نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى پاراسەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلكىنى قوغداپ كەلگەن ساقچىنى بىر قېتىملىق سەھۋەنلىك بىلەن تۈرمىگە سولىساق، نۇرغۇن ئالىم ئىنژىنىر، تاتقىقاتچى كەشپىياتچىلارنى تەربىيىلەپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشى بىلەن مۇنبەردىن ئايرىساق .... ئەسلىدە ئىشنىڭ توغرا يولى مۇشۇ ئىكەندە؟

18 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا يەتمىش پۇشتىغىچە پۇشايمان قىلغۇدەك جازالايسىز-يۇ، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيىلەپ، چوڭ بولغاندا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نېمە ئۈچۈن خاتا دەيسىز؟

ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرسە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا كۆزىڭىزنى مىت قىلمايسىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر ئىككىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان تەنبىھلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالسا، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە تىللاپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىسىز.

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كەپسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان، ئاتا ئانىسىمۇ باشقۇرالماي قالغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېسە دەرھال تۈزۈم چىقىرىپ تەن جازاسى بېرىشكە بولماس بولدى، ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، غورۇرىمىزغا تەگسىمۇ قول تەككۈزەلمەيدىغان بولدۇق. ئۆتكەن يىلى ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالسا ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاشقىمۇ، ئاتالمىش "زىتىغا تېگىدىغان" گەپلەرنى قىلىشقىمۇ بولماس بولدى.

ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا "قۇرامىغا يەتمىگەن" دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ.

قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىسى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى؟

سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟

- تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسەنغۇ؟

-مۇئەللىم، ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىڭلار دەۋاتسا، نېمە دېگەن كۆپ تاپشۇرۇق بۇ؟ ئىشلىمىدىم....

- تۆنۈگۈن نېمىشقا دەرسكە كىرمەيسەن؟

- مۇئەللىم، بۇ دىگەن ساپا مائارىپى. ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيىلىنىشى كېرەك. قىزىقىشىم پۇتبول بولغاچقا پۇتبول مەشىق قىلدىم شۇ.

-  .....

شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. قايسى بىر ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ ئوينايدىغاندۇ؟ قايسى ئوقۇتقۇچى ھېچبىر سەۋەپسىز ئوقۇغۇچىنى تەنقىت قىلىدىغاندۇ؟ سىزچە ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە شۇنچە ھېرىسمەنمىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيىلىشى ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈنمىدۇ؟

پۈتكۈل جەمىئىيەت قاتتىق قول، تەلەپچان ئۇستازلاردىن شۇنچە بىزار بولغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتىپلا قۇتۇلساڭلار بولمامدۇ؟

 

مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى مۇئەللىم (muallim) يوللانمىسى.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئالىپتىكىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[قانۇن تۇزۇم] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قو [ 2011-12-19 19:38:17 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار قانداق قىلغاندا قىشتىن ساغلام چىقىدۇ [ 2011-12-19 19:32:56 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئائىلىدە سىزمۇ بىر ياخشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ب [ 2011-12-19 19:30:32 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇر كىتابچىلىق مەدەنىيىتى [ 2011-12-19 19:28:00 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] قان قەھەتچىلىكى ھەقىقەتەن ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالد [ 2011-12-19 19:24:57 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جۇڭگودىن 2011-يىلى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سان [ 2011-12-19 19:22:36 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] تۆش تالىشىش ئويۇنى [ 2011-12-19 19:19:07 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] سىنىپ ھەيئىتى «خائىن» مۇ؟ [ 2011-12-19 19:15:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] چۈنكى بىز ئوقۇتقۇچى... [ 2011-12-19 19:14:07 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى! [ 2011-12-19 19:12:11 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-03 12:12
تەۋسىيەلەر