پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

تۆش تالىشىش ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-19 19:19 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۈزۈم ۋە كارىزلىرى بىلەن جاھانغا مەشھۇر يۇرت −تۇرپاندا قىزىقارلىقلىقى بىلەن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىچە بىر ئادەت شەكىللىك
تەلەي +1

 

تۆش تالىشىش ئويۇنى

 

 

ئۈزۈم ۋە كارىزلىرى بىلەن جاھانغا مەشھۇر يۇرت تۇرپاندا قىزىقارلىقلىقى بىلەن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىچە بىر ئادەت شەكىللىك ئويۇن يىگىتلەرنىڭ تۆش تالىشىش ئويۇنى بار.

تويى بولغان قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن، قېيىنئانا بولغۇچى قىز چۈشۈرۈلگەن ھوجرىغا كىرىپ، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قولۇم-قوشنىلار ئالدىدا قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىپ قايتىپ چىقىدۇ. ئاندىن يىگىت بېشى ئىككى نان ئارىسىغا ئېلىنغان بىر پارچە خام تۆش گۆشى، بىر چىنە چاي، ئىككى تەخسە مېۋە، ئىككى تال ئالمىنى پەتنۇسقا ئېلىپ يىگىتلەرنى باشلاپ قىز ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىدۇ ۋە:

قارغا قارلىق تاشلىدۇق،

يامغۇرغا ياغلىق تاشلىدۇق.

بۇ چىرايلىق قىزلارغا

بېيىت ئېيتىشنى باشلىدۇق. .. 

دەپ توختىماي بېيىت ئېيتىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەڭگە بولغۇچى يىگىت بېشىنىڭ قولىدىن پەتنۇسنى ئالىدۇ. ئۇ پەتنۇستىكى بىر پارچە خام تۆش گۆشىنى ۋە ئىككى تال ئالمىنى ئېلىپ قېلىپ، يەنە شۇ ئىككى نان ئارىسىغا پىشۇرۇلغان ئىسسىق تۆش گۆشىنى ئېلىپ، ئىككى تەخسە مېۋە بىلەن بىللە پەتنۇسقا سېلىپ يىگىت بېشىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ ھەم:

ئۇ ئېرىقنى ئاتلىدۇق،

بۇ ئېرىقنى ئاتلىدۇق.

سېمىز قوينىڭ تۆشىنى

يىگىتلەرگە ئاتىدۇق.

دېگەندەك بېيىتلارنى ئېيتىپ، تۆش گۆشىنى رازىمەنلىك بىلەن بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يىگىت بېشى پەتنۇسنى ئالغاندىن كېيىن، مېۋىلەرنى قىزلارغا چېچىپ بېرىدۇ. ئاندىن قىزلارغا رەھمەت ئېيتىپ، تۆشنى ئالغان پېتى يىگىت ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ، يىگىتكە بىر چىشلەم چىشلىتىدۇ. كەينىدىنلا قالغان يىگىتلەر تۆشنى تالىشىپ بىر چىشلەمدىن يېيىشىدۇ، يېمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ.

تۆش تالىشىش ئويۇنى تۇرپاندىكى تويلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، قىزىقىدەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇنى بىر تارىخىي مەدەنىيەت ئالامىتى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىش مەلۇم قىممەتكە ئىگە، دەپ قارايمەن. شۇڭا، بۇ ھەقتە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىش بىلەن بىللە، ئۇنى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار نۇقتىلارنى تەتقىق قىلىشنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلدىم.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئالىپتىكىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] «تاپشۇرۇق باشلىقى»دىن ئويلىغانلىرىم [ 2011-12-23 04:30:21 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بالىلار ئەسەرلىرىدىن توپلام (2) [ 2011-12-23 04:28:50 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بالىلار ئەسەرلىرىدىن توپلام (1) [ 2011-12-23 04:27:23 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلىرى ئاسان جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ئائىلىلەر [ 2011-12-23 04:15:28 ]
[قانۇن تۇزۇم] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قو [ 2011-12-19 19:38:17 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار قانداق قىلغاندا قىشتىن ساغلام چىقىدۇ [ 2011-12-19 19:32:56 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئائىلىدە سىزمۇ بىر ياخشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ب [ 2011-12-19 19:30:32 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇر كىتابچىلىق مەدەنىيىتى [ 2011-12-19 19:28:00 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] قان قەھەتچىلىكى ھەقىقەتەن ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالد [ 2011-12-19 19:24:57 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جۇڭگودىن 2011-يىلى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سان [ 2011-12-19 19:22:36 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-03 12:12
تەۋسىيەلەر