پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

چاچ ئۆرۈش ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-08 15:01 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەگەر ئۇ قىز يەنىلا ياخشى ئۆرۈيەلمىسە ئۇنىڭغا « جازا » بېرىلىدۇ . ئويۇندا قىزلار چوقۇم چېچىنى 40 تال ( ياكى ئۆزلىرى بېكىتىۋالغان ئۆرۈم

 چاچ ئۆرۈش ئويۇنى

 

     ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى ئۇزاق ، مەزمۇنى چوڭقۇر ، شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ ، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ئويۇنلاردۇر . بۇ ئويۇنلار بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ ، ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ . بولۇپمۇ ساغلاملىققا پايدىلىق ساۋاقلار كۆپرەك مەزمۇننى ئىگىلەيدۇ . بالىلار ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق ، ئۇيۇشچانلىقنى كۈچەيتىدۇ .

      ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى ئىچىدە قىزلارغا خاس ئويۇنلار ئۆرپ ئادەتنى ئىپادىلەشكە مايىل بولۇپ ، بۇ ئويۇنلار مىللىي خاسلىقنى ئىپادىلەشتە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ . ئوغۇللارنىڭ ئويۇنلىرى ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ باتۇر ، قورقماس ، چەبدەس خاراكتېرىنى نامايەن قىلىدۇ .

      « چاچ ئۆرۈش ئويۇنى » روشەن پەسىل خاراكتېرىگە ئىگە ئويۇن بولۇپ ، ئاساسەن ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە ئوينىلىدۇ .

      ئويناش ئۇسۇلى : ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان قىزلار جەم بولۇپ ، چاچلىرىنى چىرايلىق تاراپ چاچ ئۆرۈشكە تەييار بولۇپ تۇرىدۇ . باش بولغۇچى قىزلارنى چاچ ئۆرۈشكە تەشكىللەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن چاچ ئۆرۈش باشلىنىدۇ . قىزلار چاچلىرىنى ئۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئويۇنغا رىياسەتچىلىك قىلغان قىز ئۇلارنىڭ چېچىنىڭ تەلەپكە لايىق ئۆرۈلگەن ئۆرۈلمىگەنلىكىگە قاراپ چىقىپ ، ياخشى ئۆرۈيەلمىگەنلىرىنى قايتىدىن ئۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ . ئەگەر ئۇ قىز يەنىلا ياخشى ئۆرۈيەلمىسە ئۇنىڭغا « جازا » بېرىلىدۇ . ئويۇندا قىزلار چوقۇم چېچىنى 40 تال ( ياكى ئۆزلىرى بېكىتىۋالغان ئۆرۈم سانى بويىچە ) ئۆرۈشى ، ھەم تېز ، ھەم قائىدىلىك ئۆرۈشى ، چاچ ئۆرۈشى ، چاچ ئۆرۈۋېتىپ گەپ قىلىشماسلىقى ، چاچنى ئۆلچەملىك ، رەتلىك ئۆرۈشى لازىم . بۇ ئويۇن قىز چوكانلارنىڭ ئائىلىسىدە چاچلىرىنى ئۆرۈپ قويۇشتەك مىللىق ئەنئەنىگە تەقلىد قىلىشتىن پەيدا بولغان . قىزلار ، بولۇپمۇ چېچى ئۇزۇنراق ، يېشى كىچىك قىزلار چاچلىرىنى ئۆزلىرى 40 تال قىلىپ ئۆرىيەلمەيدۇ . بۇ ئويۇننى ئويناش ئارقىلىق ئۇلار مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى ، رەتلىك ، پاكىز يۈرۈشنى ، چامى يەتكەن ئىشلارنى ئۆزى قىلىشنى ئۆگىنىدۇ . بۇنىڭدىن سىرت ، ئۇلار يەنە ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس نازاكەت ۋە ئەۋرىشىملىكىنى چاچ ئۆرۈشتەك ئاددىي ئويۇنلار ئارقىلىق ئۆگىنىپ ، دەسلەپكى قەدەمدە گۈزەللىك تەربىيىسىگە ئىگە بولىدۇ . بۇ ئەجدادلارنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي ساقلاپ قېلىشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە .

 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر