پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

سەگۈنچەك ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-27 16:54 مەنبەسى: ئاپتورى: ئۈمىدى كۆرۈلۈشى: قېتىم
سەگۈنچەك ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ياشاش شارائىتى،ئانايۇرتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تەبىئى ئەۋزەللىكلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەنئەن

سەگۈنچەك ئويۇنى

سەگۈنچەك ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ياشاش شارائىتى،ئانايۇرتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تەبىئى ئەۋزەللىكلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى.ئۇ ئىلەڭگۈچ ئويۇنىدىن بەزى رۇشەن ئالامەتلەر ئارقىلىق پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.بۇ ئويۇن ئاساسەن ياز،كۈز كۈنلىرىدە ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرىدا ياكى دەرەخلىكلەردە،ئايرىم ھاللاردا قىش پەسلىدە ئېگىز ئايۋان،پېشايۋانلاردا قىزلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدۇ.قىزلار ئاۋال ئورۇننى ۋە ۋاقىتنى بېكىتىۋالىدۇ،ئاندىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پۈتۈشكەن جايغا يىغىلىدۇ.بالىلارنىڭ ئىمكانىيىتىگە قاراپ سەگۈنچەككە لازىملىق بولغان ئارغامچا،تانا،ئەدىيال،كۆرپە،چوڭ بارماق توملۇقىدىكى كەرگە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالغاچ كېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.ئويۇن قانداق جايدا ئوينىلىشتىن قەتئىينەزەر ،سەگۈنچەك بەلگىلىك ئارىلىقتىكى بىر جۈپ دەرەخ،تۈۋرۈك ياكى ئىشىك-دېرىزە راملىرى ئارىسىغا ياسىلىدۇ.بالىلارنىڭ بويى يەتكۈدەك ئارىلىق ئۆلچەم قىلىنىدۇ.سەگۈنچەكنىڭ باش-ئاياغ تەرىپى پەرقلىق بولىدۇ.تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ئۇچقۇچى بىلەن تەۋرەتكۈچى بەلگىلەپ چىقىلىدۇ.قالغانلار ئەتراپرا تۇرۇپ بۇ ئىككىيلەننىڭ ئويۇنىدن زوقلانغاچ ھەرىكىتىگە باھا بېرىدۇ.ھەرىكىتى ئۆلچەملىك،نەپس،سەنئەتلىك بولغانلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ،ئۆزلىرىگە ئۆگىتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.ئەكسىچە بولغانلارغا سەمىمى تەكلىپ ۋە ياردەم بېرىلىدۇ.ئۇچقۇچى بىلەن تەۋرەتكۈچى ئالمىشىپ ئوينىلىدۇ.بۇ ئويۇن ئالدى بىلەن قىزلارغا كۆكتە ئۇچقاندەك تۇيغۇ بېرىپ،قىزلارنىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرىدۇ،قىزلارنى قورقماس روھقا ئىگە قىلىپ تەربىيلەيدۇ.

تەھىرلىگۇچى:admin

ئۈمىدىنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] پارتىيە ياچايكىسنىڭ 2010/2011 –ئوقۇش يىلى خىزمەت پىلا [ 2011-10-01 22:54:15 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بايراق چىقىرش مۇراسىمىدىكى سىياسى-ئىدىيىۋى تەربىي [ 2011-10-01 22:48:28 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] سەگۈنچەك ئويۇنى [ 2011-09-27 16:54:21 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] قانداق قىلغاندا ئىمتىھان بېسىمىنى يەڭگىللەتكىلى ب [ 2011-09-27 13:23:00 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئۈمىدى تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-09-27 12:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-10-06 10:10
تەۋسىيەلەر